
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنى تۇتقۇن قىلغان بىر ۋەزىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى مۇكاپاتلاپ، ئىلىم ساھەسىنى قوغداۋاتقان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ساختا كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە 2025-يىللىق چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا بۇ يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئون نەپەر چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسكە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلگەن.
قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەكلىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەر ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، رايونلار بىلەن بولغان پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سېلىپ، «خىتاينىڭ بىلىمنى، ئىختىساسلىقلارنى، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى»دەك ساختا تەشۋىقاتىنى بازارغا سالغان.
ئاتالمىش «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» 1999-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىكەن. خىتاي رېجىمى بۇ مۇكاپاتنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىلىدىغان ئالىي شەرەپ مۇكاپات تۈرى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن.
ھالبۇكى، بۇ ئۇرۇنۇشلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ياپالمايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، پىروفېسسور راھىلە داۋۇت، پىروفېسسور تاشپولات تېيىپ، پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر... قاتارلىق مىڭلىغان ئاكادېمىكلار، تەتقىقاتچىلار، ئالىملار زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چەكمەكتە.