
قازاقىستان ھۆكۈمىتى 1-ماي «قازاقىستان خەلقى ئىتتىپاقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەڭ يېڭى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى سان جەھەتتە يەنىلا 5-ئورۇندا تۇردى.
قازاقىستان خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2026-يىلى 1-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليون 530 مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 14 مىليون 660 مىڭ، رۇسلار 2 مىليون 940 مىڭ، ئۆزبېكلەر 695 مىڭ، ئۇكرائىنالىقلار 367 مىڭ ۋە ئۇيغۇرلار 309 مىڭ ئىكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆپ ساندا ئولتۇراقلاشقان جاي ئالمۇتا بولۇپ، 124 مىڭ ئۇيغۇر ئالمۇتىدا ياشايدىكەن. 2021-يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 290 مىڭ دېيىلگەن. يەنى، بەش يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 20 مىڭغا يېقىن كۆپەيگەن.
ئەمما قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.