مەسئۇت ئۆزىل ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرى سەۋەبلىك ئارسېنال كوماندىسىنىڭ «قارا تىزىملىكى»گە كىرگەن

 

پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغانلىقى سەۋەبلىك، ئارسېنال كوماندىسىدىكى پۇتبول ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئاشكارىلىدى.

نۆۋەتتە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەسئۇت ئۆزىل تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىرلىكتە، بۇ ھەپتە مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك مەدەنىي مالايشىيا ئالىملار مۇنبىرىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ سەھنىدىكى سۆز نۆۋىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

مەسئۇت ئۆزىل 2019-يىلى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن يازمىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر پۇتبول چولپىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاۋاز چىقىرىشنى ئويلىغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ يەنىلا سۈكۈتنى تاللىمىغانلىقىنى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى قارارىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئېيتىشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا ھەمبەھرىلىگەن يازمىسىدىن كېيىن، ئارسېنال كۇلۇبى ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، كۇلۇبنىڭ ئاساسىي كوماندىسىدىن چىقىرىۋەتكەن. ئۇ تاكى 2021-يىلى ئارسېنال كۇلۇبى بىلەن تۈزگەن توختىمىنىڭ ۋاقتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، مەيدانغا چۈشەلمەي، پەقەت مەشىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن.

مەسئۇت ئۆزىل 2019-يىلى 13-دېكابىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئۈستىگە يېزىلغان، «ئەي شەرقىي تۈركىستان، ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسى...» دەپ باشلانغان يازمىسىنى ھەمبەھرىلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە قاراتقانىدى. ئۇ دۇنياغا داڭلىق پۇتبولچى بولغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىنستىگرام، تىۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ھەربىرىدە 20 نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يازما تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى.

ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى سەۋەبلىك، ئارسېنال كوماندىسىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۆچ ئالغانىدى. خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتىمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ، مەسئۇت ئۆزىلنىڭ خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارا سۈركىگەنلىكى ھەققىدە جار سالغان ۋە ئۇنىڭغا «جىھادچىلارغا ۋە جىھادىي تەشكىلاتلارغا چاقىرىق قىلدى» دەپ تۆھمەت چاپلىغانىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ئارسېنال كۇلۇبى بايانات ئېلان قىلىپ، كۇلۇبنىڭ سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى، مەسئۇت ئۆزىلنىڭ بايانلىرىنىڭ پەقەت ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئارسېنال كۇلۇبى يەنە مەسئۇت ئۆزىلنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇلماسلىقىنى پەقەت پۇتبولغا ئالاقىدار قارار دەپ دەۋا قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ خىتاينىڭ بېسىملىرى سەۋەبلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. نۆۋەتتە مەسئۇت ئۆزىلنىڭ بايانلىرى ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىكىنى تاقىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

 

بۇ خەۋەر 61 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2026 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق