
ياۋروپا پارلامېنتى 30-ئاپرېل قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى خەلققە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلىدى ۋە خىتاينى بۇ قانۇننى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.
مەزكۇر قارارنى لىتۋانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى دەينىيۇس زالىماس ۋە سىلوۋاكىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى مىرىيام لېكىسمان ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 439 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 52 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 71 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللاندى.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى، مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغانلىقى، بۇ قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى قاتارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
قاراردا يەنە خىتايدىن ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى. تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋارىس بەلگىلەش مەسىلىسىنىڭ بولسا دىنىي مەسىلە ئىكەنلىكى، بۇنى پەقەت تىبەتلەرنىڭ بۇددا دىنى ئەنئەنىسى بويىچە قارار قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
پارلامېنت ئەزالىرى يەنە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شەخسلەرگە قارىتىلغان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن تۈزگەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىملىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.
خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى باھانىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقى، خىتاي قانۇنى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىگە قارا سۈركىگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.
بۇ يىل 12-مارت خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» رەسمىي «ماقۇللانغانىدى». خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرغان بۇ ھەرىكەت خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭدا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قانۇنىي شەكىلدە كۈچەيتىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.