
شىۋېتسىيە دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ «كۆلەڭگە پاراخوت ئەترىتى»گە تەۋە دەپ قارالغان بىر پاراخوتنى تۇتۇپ قالغان بولۇپ، خىتاي پاراخوت باشلىقى قولغا ئېلىندى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شىۋېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچى قىسمى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا 3-ماي شىۋېتسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە رۇسىيەنىڭ «كۆلەڭگە پاراخوت ئەترىتى»گە تەۋە بىر پاراخوتقا چىقىپ تەكشۈرگەنلىكى ۋە پاراخوتنى تۇتۇپ قالغانلىقى، خىتاي پاراخوت باشلىقىنى قولغا ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان.
مەزكۇر پاراخوت جازا چەكلىمىلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، سۇرىيەنىڭ بايرىقى ئېسىۋالغان. پاراخوت باشلىقى بىر خىتاي پۇقراسى بولۇپ، يالغان ھۆججەت ياساش، شىۋېتسىيەنىڭ ئالاقىدار دېڭىز قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوراق قىلىنىشقا باشلىغان.
شىۋېتسىيە ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پاراخوت ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.