
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق مەسىلىسى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئېرىشكەنلىكى، ئەمما يەنىلا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت، پۇقرالىق مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقى، مائارىپ جەمئىيىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى كۈچ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنىڭ تەلتۆكۈس ھەل بولمىغانلىقى، نۆۋەتتە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئىقامەت ۋە پۇقرالىق مەسىلىسىدە قىيىنچىلىقى بولغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى تىزىملاپ، تىزىملىك بويىچە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇقتۇرۇشتا ئىقامىتى ئۇزارتىلمىغان ياكى بىكار قىلىنغان ۋە ياكى پۇقرالىق مەسىلىسى ھەل بولماي كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ توردىن تىزىملىتىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.
تىزىملىتىش جەدۋىلى ئۇلىنىشى:
https://docs.google.com/forms/d/e/1FAIpQLSffhdJchafRk-EPD5pjCX2fXLApMhjrDrq9BiXvy9sMRmVTvg/viewform