ياپونىيەنىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى كۆپەيمەكتە

 

ياپونىيە يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئۇيغۇر سىياسىيون ئەرفىيە ئېرىنىڭ (ئەرفىيە ئەلى) باشچىلىق قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى «قازمۇناي گاز»نىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ئەسقەت ھاسېنوف ياپونىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە قازاقىستان نېفىتىنى ياپونىيەگە يەتكۈزۈش، شۇنداقلا سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئىككى تەرەپ بارلىق ئاساسلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۆزبېكىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ئۆزبېكىستان زىيارىتىدە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئەرفىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ سودا، ئىقتىسادىي ئالاقىنى كېڭەيتىش، يېشىل ئېنېرگىيە ۋە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە پارلامېنتلار ئارا دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

بۇ قېتىملىق دۆلەت زىيارىتى جەريانىدا ئەرفىيە يەنە ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭ راۋان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.

نۆۋەتتە ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەرفىيەنىڭ ياپونىيە بىلەن تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. بۇلتۇر دېكابىر ئېيىدا ئۇ ياپونىيەگە زىيارەتكە بارغان تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا قارشى ئالغانىدى.

 

بۇ خەۋەر 68 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2026 18:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق