ياپونىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىردىكى تارىخىي ھەرىكىتى خىتاينى بىئارام قىلدى

ياپونىيە قوغدىغۇچى قىسمى 6-ماي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە فىلىپپىن ھەربىي قىسىملىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دېڭىز بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدا ئۇرۇش پاراخوتىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، فىلىپپىندىكى نىشانغا دەل تەگكۈزدى. بۇ ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چېگرا سىرتىغا ھۇجۇم خاراكتېرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشى بولۇپ، بۇ تارىخىي ھەرىكەت خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ناملىق مەزكۇر ھەربىي مانېۋىردا ياپونىيە قوغدىغۇچى قىسىمىنىڭ ئىككى دانە 88-تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى قويۇپ بېرىلىپ، ئالتە مىنۇتتىن كېيىن فىلىپپىننىڭ ئىشلىتىشتىن توختىغان بىر پاراخوتىغا دەل تەگكەن. بۇ ھۇجۇم فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى پاۋاي قىرغىقىدىن تەخمىنەن 75 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا ئىجرا قىلىنغان.

فىلىپپىن مۇداپىئە مىنىستىرى گىلبېرتو تېئودورو بىلەن ياپونىيە مۇۋاپىئە ۋەزىرى  شىنجىرو كوئىزۇمى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلىش جەريانىنى نەق مەيداندىن كۆزەتكەن. فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوسمۇ مانېۋىرنى مانىلادىكى ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابىدا بىۋاسىتە سىن ئۇلىنىشى ئارقىلىق كۆرگەن.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا: «بۇ مانېۋىر ئىتتىپاقداش قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ماسلاشقان دېڭىز ھۇجۇمى مەشغۇلاتىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە پاراخوتلارنىڭ يۈرۈش ئەركىنلىكىنى قوغداشتا خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى» دېيىلگەن.

بۇ يىل 41-قېتىملىققا قەدەم قويغان «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» (Balikatan) ناملىق مانېۋىرغا 17 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان. ئامېرىكا، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىن باشقا، كانادا، فىرانسىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەمۇ تۇنجى قېتىم رەسمىي قاتناشقۇچى قاتارىدا مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلغان.

ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ مانېۋىردىكى تارىخىي ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ياپونىيەنىڭ ئاتالمىش «تارىخىي جىنايەتلىرى»دىن ساۋاق ئالماي، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى نامىدا چەت ئەلگە ھەربىي كۈچىنى يوللاپ، ھۇجۇم خاراكتېرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقى، بۇ ياپونىيەدىكى ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ قايتا ھەربىيلەشتۈرۈش باسقۇچىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ياپونىيەنى تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

بۇ خەۋەر 73 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2026 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق