
خىتاي ھەربىي سوتى 7-ماي خىتاينىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بولغان لى شاڭفۇ بىلەن ۋېي فېڭخېنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتى ئەزاسى ۋە سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن ۋېي فېڭخې «خىيانەتچىلىك، چېرىكلىك» سەۋەبلىرى بىلەن ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، سىياسىي ھوقۇقى مەڭگۈلۈك ئېلىپ تاشلانغان، بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. ئىككى يىل مۇددەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا چۈشۈرۈلىدىغان بولۇپ، جازاسىنى يېنىكلىتىشكە ياكى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشكە بولمايدىكەن.
ۋېي فېڭخې 2018-يىلىدىن 2023-يىلى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2023-يىلىنىڭ بېشىدا بىر مەزگىل تۇيۇقسىز غايىب بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چىرىكلىك سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. لى شاڭفۇ 2023-يىلى 3-ئايدا ۋېي فېڭخېنىڭ ئورنىغا مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، بەش ئايدىن كېيىن ئوخشاشلا تۇيۇقسىز غايىب بولغان ۋە 2023-يىلى 10-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
خىتاي رېجىمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىشتا كۆزدىن يوقىتىلىدىغان ئەمەلدارلارغا «چېرىكلىك» جىنايىتى ئارتىلىدىغانلىقى خەلقئاراغا ئاشكارا بىر ئىش بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا شى جىنپىڭ بۇنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان.
بۇ يىل يانۋار ئېيىدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا ۋە باش ئىشتاب باشلىقى ليۇ جېنلى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، پارىخورلۇق، سىياسىي جەھەتتىن سادىق بولماسلىق قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىنىپ، رەسمىي تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىلى بېكىتىلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە، نۆۋەتتە كومىتېت رەئىسى شى جىنپىڭدىن باشقا پەقەت جاڭ شېڭمىنلا قېلىپ قالغان بولۇپ، قالغان بەش ئەزانىڭ ھەممىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شى جىنپىڭ تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ كۆزدىن يوقىتىلغان.