
تۈركىيە ئادالەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ (ASSAM) ئورۇنلاشتۇرۇشى، تۈرك دۇنياسى ياردەم ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 7-ماي ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان ۋە ASSAM تەسەۋۋۇرى» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن ئىستانبۇل گېلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆتۈكەن يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىر تۈركۈم جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاساسلىق سۆز قىلغۇچى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەقفىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر، ت ر ت ئۇيغۇرچە بۆلۈمى مۇخبىرى، مىركامىل كاشغەرىي ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى باش كاتىپى، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى باش پىروگرامما نازارەتچىسى، رىياسەتچى ئابدۇللاھ يالقۇن تەكلىپ قىلىندى.
يىغىن ئىستىقلال مارشىدىن كېيىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدىكى ئېچىلىش سۆزىدىن كېيىن، نۆۋەت بىلەن ASSAM مۇئاۋىن رەئىسى نەجات ئۆزدەن، تۈرك دۇنياسى ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى خالىد كاناك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم قىسقا سالام سۆزى قىلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى.
پېنسىيەگە چىققان تانكا قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك پولكوۋنىكى ئەلى جوشارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى باشلاندى.
مۇھاكىمە يىغىنى پەقەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەممە بىلىدىغان تەرەپلىرىنى، ئاسىيا ۋە تۈركىستان تېررىتورىيەسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى، ئېتنىك، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇق مۇنازىرىسىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت، ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئىزدەشنىڭ يەر شارى مىقياسىدا قانداق داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەسىلىسىنى مەركەز قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان مىسالى ئارقىلىق يېڭى بىر تونۇش شەكىللەندۈرۈشنى نىشانلىغان.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانى، خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ قانۇنىيلىقى ۋە كەلگۈسىدە قانداق بىر دۇنيا تەرتىپى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى ئىكەنلىكى، مەۋجۇتلۇقنى پەقەت ھەربىي كۈچ بىلەنلا ئەمەس، قانۇنىيلىق، ئەخلاق، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ۋە ئادالەت چۈشەنچىسى بىلەن بىرلىكتە ئويلىنىش؛ دادلىنىش، يىغلاش-قاقشاش ئارقىلىق ئەمەس، مەنە ئارقىلىق، غەزەپ، ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق ئەمەس، ئەقىل ئارقىلىق، ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس، مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان ئىككى بۆلۈملۈك مۇھاكىمە يىغىنىدا ھامۇت كۆكتۈرك شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمكى تارىخى ۋە تۈرك-ئىسلام دۇنياسىغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە 1933-يىلىدىن باشلاپ كۆك بايراق بىلەن سىمۋوللاشتۇرۇلغان كىملىكىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە سوزۇلغان ئىنتايىن جاپالىق كۆچۈش مۇساپىسى، 1965-يىلىدىن بۈگۈنگىچە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچلار ۋە بۇ جەرياندىكى تەشكىلاتلارنىڭ رولى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى ۋە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
مىركامىلجان كاشغەرىي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ يۈكسىلىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچ ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قانداق ئورۇندا ئىكەنلىكى، رايوننىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئەھمىيىتى، تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق بېسىملار ياكى ئىقتىسادىي بېقىنىشچانلىقنىڭ قايسىسى بىلەن بەلگىلىنىۋاتقانلىقى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئورنى، بۇ تۈرنىڭ رايوندىكى نوپۇس، مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق نۇقتىلار ھەققىدە توختالدى.
مۇساجان ئەر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى دائىرىسىدە، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇمكىنلىكى، بۇ ساھەدە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مائارىپ خىزمەتلىرى، ياش ئەۋلادلارنىڭ كىملىك، ئاڭ ۋە تەۋەلىك باغلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قايسى ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى كېرەكلىكى، بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنىڭ رولى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇپىلاردا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋەكىللىك قىلىنىشى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئىستراتېگىيە قاتارلىقلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئابدۇللاھ يالقۇن شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان رېئال ۋەزىيەت، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىشتا تاراتقۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولى، ئۇچۇر قالايمىقانچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان مەزمۇن ئىستراتېگىيەسى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇشىنى باشقۇرۇشتا ۋە ئۇ يەردىكى خەلقلەرگە مەسىلىنى توغرا يەتكۈزۈشتە تاراتقۇ ساھەسىنىڭ خىزمەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىگە ئايلانغان بۈگۈنكى دەۋردە، كۆپ تىللىق ئاخباراتچىلىقنىڭ دەۋانىڭ خەلقئارالىق سۇپىلاردىكى دىپلوماتىك غەلىبىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە توختالدى.

ئارقىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس غەرب دۇنياسىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئارقىدىن سۆز قىلغۇچىلار يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ ھەرخىل سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئاخىرىدا يىغىن رىياسەتچىسى سابىق پولكوۋنىك ئەلى جوشار كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا يىغىننى خۇلاسىلىدى ۋە «ئۇنتۇما، ئەي مۇسۇلمان» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
ئارقىدىن يىغىندا ئاساسلىق سۆز قىلغۇچى مېھمانلارغا ۋە باشقا مۇھىم مەسئۇللارغا خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى. مۇھاكىمە يىغىنى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئاتاۋۇللاھ قارىم باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئادالەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ پاراۋانلىقى، ئۇلار قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى، دۇنيادا تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە ئادالەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنىڭ ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ سۈپىتىدە دۇنيا سىياسەت سەھنىسىگە چىقىشى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پىكىرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن دۆلەت كۈچى ئامىللىرىغا ئالاقىدار سىستېمىلىق ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئايرىم ۋە ئورتاق ئىچكى-تاشقى تەھدىتلىرىنى باھالاش، ئىچكى ۋە تاشقى بىخەتەرلىك پىلان ئاساسلىرىنى بەلگىلەش ۋە ئورتاق بىر نىشان ئاستىغا جەم قىلىشنى، ئېھتىياجلىق بولغان ئاپپاراتلار ۋە بۇ ئاپپاراتلارنىڭ تەشكىللىنىش ئاساسلىرى ھەم پىرىنسىپلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تەمىنلەيدىغان پىكرىي خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىغان ئورگان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزكۇر ئورگان ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك مۇھاكىمە يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇندىن كېيىنكى باسقۇچتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ مەركەزلىشىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر