
خىتاي رېجىمى 9-ماي ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار «15-بەش يىلنى باشلاش، قەدەم ئېلىش» تېمىسىدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا خىتاي يىللاردىن بۇيان تەكرارلاپ كەلگەن تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرى تەكىتلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تۈرلۈك نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى تونۇشتۇرغان.
ئۇ «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، باشتىن-ئاخىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقى»نى باش نىشان قىلىدىغانلىقى، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەيدىغانلىقى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، خىتاينىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
ئەركىن تۇنىياز سۆزلىرىدە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى قايتا-قايتا تەكرارلىغان بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار باشلىق تۈرك مىللەتلىرىگە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
يىغىندا يەنە ئاتالمىش «ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» بەرپا قىلىش، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ تەكىتلىنىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە يەتكۈزۈش، تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.