
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئاركادىيە شەھىرىنىڭ خىتاي شەھەر باشلىقى قانۇنسىز ھالدا خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش جىنايىتى بىلەن فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر خىتاي جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، BBC قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 11-ماي كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئاركادىيە شەھىرىنىڭ خىتاي شەھەر باشلىقى ۋاڭ ئەيلىننىڭ قانۇنسىز ھالدا خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ۋاكالەتچى خادىمى بولغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىسىز خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ۋە تەسىر كۈچىنى تارقىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ ئەيلىن جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا قوشۇلغان ۋە شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.
58 ياشلىق مەزكۇر خىتاي 2022-يىلى 11-ئايدا خىتاي نوپۇسى ئىنتايىن كۆپ بولغان ئاركادىيە شەھىرىدە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. مەزكۇر شەھەردە جەمئىي بەش پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، نۆۋەت بويىچە شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.
مەزكۇر خىتاي ئالدىنقى ئايدا «ئامېرىكىدا چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇنسىز ۋاكالەتچىسى بولۇش» ئېغىر جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، خىتايپەرەس ماقالىلەرنى ۋە تەشۋىقات مەزمۇنلىرىنى تارقاتقان، ئەمما بۇ ھەرىكەتلىرىنى قانۇنىي تەلەپلەر بويىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلمىغان.
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ ئەيلىن يەنە بىر شېرىكى سۈن ياۋنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاركادىيە شەھىرىدىكى خىتايلارنى خەۋەر سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش نامىدا «ئامېرىكا خەۋەر مەركىزى» دېگەن بىر تور بەتنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقات مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى Wechat ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېزىپ تەييارلانغان ماقالىلەرنى يوللاپ بەرگەن.
ئۇنىڭ شېرىكى سۈن ياۋنىڭ بۇلتۇر 10-ئايدىلا جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن. ئۇ 2022-يىلى ۋاڭ ئەيلىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغاندا، ئۇنىڭ مالىيە مەسئۇلى بولغان.
ئەدلىيە ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ ئەيلىن 2021-يىلى 6-ئايدا بىر خىتاي ئەمەلدارى لوس ئانژېلىس ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلغان بىر تەقرىز ماقالىسىنى ئۆز تور بېتىدە تارقاتقان. مەزكۇر ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، تارقالغان «يالغان-ياۋىداقلار»نىڭ مەقسىتى خىتايغا قارا سۈركەش، تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئىكەنلىكى قاتارلىق بىلجىرلاشلار ئورۇن ئالغان.
بۇ ماقالە ۋاڭ ئەيلىننىڭ تور بېتىدە 15 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن. ئۇ ماقالىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى Wechat ئارقىلىق خىتاي خادىمغا يوللىغاندا، خىتاي خادىم «ناھايىتى ياخشى» دەپ ماختىغان. ۋاڭ ئەيلىن بولسا «رەھمەت، رەھبەر» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.
ۋاڭ ئەيلىن دۈشەنبە كۈنى سوتقا چىققان بولۇپ، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە جىنايەتلىرىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىدىكەن. ئۇ مەزكۇر جىنايەتلىرى ئۈچۈن تەخمىنەن ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.