
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ بىر ئانالىز تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئېشىش نىسبىتى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتايدىكى پاي چېكى بازارغا سېلىنغان بارلىق كارخانىلارنىڭ ئاشكارا ھۆججەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «خىتاي ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائەت گۇرۇھى» ۋە «خىتاي ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى»غا چېتىشلىق كارخانىلارنى تاللاپ چىققان. خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشى دەل مۇشۇ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئىككى ھەربىي سانائەت گۇرۇھى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىكەن.
تاللاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل كارخانىدىن جەمئىي 81ى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى ئومۇمىي كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %20 ئاشقان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ بازارغا سېلىنغان ئەڭ چوڭ 300 شىركىتىنىڭ بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى كىرىم ئېشىش نىسبىتى ئاران %2.4 بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشقان نۇرغۇن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئاجىزلىشىشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان.
گەرچە خىتاي ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قورال ئامبىرىنىڭ كۆلىمىنى ئاشكارىلاپ باقمىغان ۋە بومبا ئىشلەپچىقىرىش تەمىنلەش زەنجىرىگە دائىر ئۇچۇرلارمۇ ئىنتايىن كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنىلا تۈرلۈك رازۋېدكا مەنبەلىرىگە ئاساسەن خىتاينىڭ بومبا سانىنى ئۈزلۈكسىز مۆلچەرلەپ كەلمەكتىكەن. ئۇلارنىڭ مۆلچەرىچە، 2024-يىلى خىتاينىڭ ئاز دېگەندە 3150 دانە باللىستىك بومبىسى بار بولۇپ، بۇ 2015-يىلدىكىدىن %147 كۆپەيگەن.