گوللاندىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللاندى

بىر نەچچە ئاي بۇرۇن گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى ئۆتكۈزۈلگەن خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە تىنچ نامايىش قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانىدى. خىتاينىڭ چېگرا ئاتلاپ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مىساللىرىدىن بىرى بولغان بۇ ۋەقە گوللاندىيە پارلامېنتىدا خىتايغا قارشى بىر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا سەۋەب بولدى.

ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان دەنك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى سىتېفان ۋان بارلې ئابدۇرېھىم غېنى دۇچ كەلگەن خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولۇپ، 12-ماي پارلامېنتتا 150 ئاۋازدىن 116 ئاۋازغا ئېرىشىپ، زور ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللانغان.

ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 27-فېۋرال پارلامېنت ئەزاسى سىتېفان ۋان بارلې بىلەن دەنھاقتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارلىق پائالىيىتىدە كۆرۈشكەن. ئابدۇرېھىم غېنى  پارلامېنت ئەزاسىغا ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يۈز بەرگەن خىتاينىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ، خىتاينىڭ چېگرا ئاتلىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. سىتېفان ۋان بارلې بۇ ۋەقەنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇشقا ۋەدە بەرگەن.

پارلامېنت ئەزاسى سىتېفان 16-ئاپرېل گوللاندىيە پارلامېنتىدا بۇ ۋەقەنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا سوئال قويۇپ، ھۆكۈمەتتىن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسى 12-ماي پارلامېنتتىكى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللانغان.

خىتاينىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ يىل 14-فېۋرال دەنھاگ شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىدا خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى» دەپ يېزىلغان، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ تۇيۇقسىز مەيدانغا كىرگەن ۋە تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، گوللاندىيە خەلقىنى، ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىققا چاقىرغانىدى. بۇنى كۆرگەن بەش-ئالتە خىتاي خادىم دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ تىنچ نامايىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنى يەرگە بېسىپ، گېلىدىن بوغۇپ، سۆرەپ مەيداندىن چىقىرىۋەتكەنىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئابدۇرېھىم غېنى مەزكۇر خىتاي خادىملار ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ، نۆۋەتتە جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشى داۋاملاشماقتىكەن. ئالاقىدار خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە،  ئەينى ۋاقىتتىكى پائالىيەتتە تىنچ نامايىشقا پەقەت دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز بىخەتەرلىك خادىملىرىلا ئارىلىشالايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ ۋەقەگە قول تىقىش ھوقۇقى يوق ئىكەن.

خىتاينىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن تەھدىت سېلىش، پاراكەندە قىلىش، زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش جىنايەتلىرى ھەققىدە بىر قىسىم نوپۇزلۇق دوكلاتلار، كۆپلىگەن خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئابدۇرېھىم غېنى دۇچ كەلگەن خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بۇنىڭ ئەڭ يېڭى، تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

پارلامېنت ئەزاسى سىتېفان ۋان بارلې ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دەنك پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاپ، ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلتۇر ئاپرېل ئېيىدا ئۇ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» ئىبارىسىنى ئىشلىتىشكە چاقىرغان تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانىدى.

بۇ خەۋەر 92 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2026 21:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق