
خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق پولات-تۆمۈرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشىنى توسۇش ۋە ياۋروپا پولات-تۆمۈر سانائىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ياۋروپا پارلامېنتى 19-ماي مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان پولات-تۆمۈر قوغداش تەدبىرىنى ماقۇللىدى. بۇ تەدبىرگە ئاساسەن، ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجى %50 كە ئۆستۈرۈلىدىكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسى 606 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 16 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ماقۇللانغان. يېڭى تەدبىرگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى پولات-تۆمۈر ئىمپورت بېجىنى بىر ھەسسە ئۆستۈرگەندىن سىرت، باجدىن خالىي ئىمپورت مىقدارىنى %47 قىسقارتىپ، يىلىغا 18.3 مىليون توننىغا چۈشۈرىدىكەن. بۇ 2013-يىلىدىكى ئىمپورت سەۋىيەسىگە باراۋەر ئىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قارىشىچە، 2013-يىلىدىن كېيىن يەر شارى پولات-تۆمۈر بازىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن تەدرىجىي ھالدا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان. خىتاي رېجىمىنىڭ پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىغا ئۇزۇن مۇددەت زور كۆلەمدە تولۇقلىما بېرىشى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان.
بۇ تەدبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېتى تەرىپىدىن بۇلتۇر 10-ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە بۇ ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىدا رەسمىي ماقۇللانغان. نۆۋەتتە مەزكۇر قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاخىرقى تەستىقى بىلەن، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
ياۋروپا پولات-تۆمۈر سانائىتى خىتاينىڭ ئەرزان پولات-تۆمۈرىنىڭ تۆكمە قىلىنىشىغا دۇچ كەلگەندىن سىرت، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى نىسبەتلىك تاموژنا بېجىنىڭمۇ زەربىسىگە ئۇچرىغان. بۇ بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ۋەزىيەتكە قارشى تەدبىرنىڭ ئەمەلىيلىشىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتىكەن.