
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بېقىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن تەييارلاۋاتقان قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، شىركەتلەر خىتاي سىرتىدىكى تەمىنلىگۈچىلەردىن مال سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن ۋە بىرلا دۆلەتتىن مال سېتىۋېلىشقا %40، بىرلا تەمىنلىگۈچىدىن مال سېتىۋېلىشقا %40 - %30 لىك چەك قويۇلىدىكەن. قالغان زاپچاسلار بولسا ئاز دېگەندە ئوخشىمىغان ئۈچ تەمىنلىگۈچىدىن تەمىنلىنىشى ۋە ئوخشاش بىر دۆلەتتىن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.