
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنلا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 20-ماي بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. دۇنيا ۋەزىيىتى جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئىككى چوڭ سىياسىي رەھبەرنىڭ ئارقىمۇ ئارقا خىتايغا بېرىشى خەلقئارانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پۇتىننىڭ خىتايغا قىلغان 25-قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە، ئىقتىساد، سودا، مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغان. پۇتىننىڭ زىيارىتى جەريانىدا، كېرىمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى تاراتقۇلارغا پۇتىننىڭ 11-ئايدا خىتاي ساھىبخانلىق قىلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پۇتىن 19-، 20-ماي كۈنلىرى داۋاملاشقان خىتاي زىيارىتىدە شى جىنپىڭ بىلەن ئارقىمۇئارقا كىچىك دائىرىلىك ۋە كېڭەيتىلگەن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ «خىتاي-رۇسىيە ئۆزئارا قوشنىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.
خىتاي بىلەن رۇسىيە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى، يېڭى مۇستەملىكىچىلىك چۈشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
ئالاقىدار ئانالىزلاردا قەيت قىلىنىشىچە، پۇتىننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان زور مەسىلىلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر كۆرۈلمىگەن. پۇتىننىڭ زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، رۇسىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن «سىبىرىيە قۇۋۋىتى-2» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرىدە يەنىلا ئەمەلىي ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەن.
نۆۋەتتە تىرامپ ۋە پۇتىننىڭ ئارقىمۇ ئارقا روياپقا چىققان خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما ئانالىزلار، تۈرلۈك پەرەزلەر، مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.