
خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسىگە جايلاشقان بىر كۆمۈر كاندا گاز پارتلاپ، ئاز دېگەندە 90 خىتاي ئۆلگەن بولۇپ، بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كان ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-ماي كەچتە خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسىدىكى چاڭجى شەھىرىگە جايلاشقان ليۇشېنيۈ كۆمۈر كانىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا 250 كە يېقىن ئىشچى نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، 90 غا يېقىن خىتاي ئۆلگەن، يەنە نۇرغۇن خىتاي يارىلانغان.
سەنشى ئۆلكىسى خىتايدىكى ئاساسلىق كۆمۈر چىقىدىغان جايلاردىن بولۇپ، سەنشى تۇڭجۇ گۇرۇھى باشقۇرۇشىدىكى مەزكۇر كۆمۈر كان گاز مىقدارى يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك، 2024-يىلى خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان كۆمۈر كانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىكەن.