
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 23-مايدىكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدىكى مەشھۇر ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى، خىتاينىڭ سادىق خىزمەتكارى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللانىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلغانلىقتىن، سىياسىي كېڭەش ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى»نىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ قارار سىياسىي كېڭەش ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ 15-يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان. ئەمما خەۋەردە ئۇنىڭ قانداق جىنايەتكە چېتىلغانلىقى ھەققىدە باشقا تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن.
ئاتالمىش «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان، كۆپ قېتىم خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشتا ئىزچىل ئالدى چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «دىنىي زات»لارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
جۈملىدىن، ئۇ 2019-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەزگىللەردە، ئەينى ۋاقىتتىكى قورچاق ئەمەلدار شۆھرەت زاكىر بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار»نىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە شاھىت بولغانلىقىنى، بۇ خىل ئىدىيەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ بىلجىرلىغانىدى.