
ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ساختا تەشۋىقات ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاش، كۆز بوياش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلى ۋېي شياۋدۇڭ بۇ قېتىم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون - كۈچۈكچەكمەجەنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى كامال چەبى بىلەن كۆرۈشتى. 20 تەشكىلات ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر زىيارەتكە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 22-مايدىكى مەزكۇر كۆرۈشۈشكە يەنە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش كونسۇلى شاڭ جيەنمۇ قاتناشقان. كۆرۈشۈشتە ۋېي شياۋدۇڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر سىياسىتى»نى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە چالۋاقىغان بولۇپ، ئۇ يەنە كۈچۈكچەكمەجە رايونىنىڭ خىتاينىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلىرى»گە مەنسۇپ پۇقرالىرى زىچ ياشايدىغان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، تەرەپلەرنىڭ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشىنى، «خىتاي پۇقرالىرى»نىڭ تۈركىيەدىكى تۇرمۇشى، خىزمىتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق ھالدا قولايلىق بىر مۇھىت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ نومۇسسىزلارچە بىلجىرلىغان.

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خەۋىرىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى كامال چەبىنىڭ باش كونسۇل ۋېي شياۋدۇڭنىڭ زىيارىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۈستۈن باشقۇرۇش قابىلىيىتى بىلەن خىتاينىڭ يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چوڭقۇر قايىللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يەرلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتاي باش كونسۇلىنىڭ بۇ قېتىملىق نومۇسسىزلارچە ۋە غەرەزلىك زىيارىتى ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇلارنى قارشى ئېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، خۇسۇسەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئىزچىل ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تۈركىيە تەشكىلاتلىرىدىن جەمئىي 20 تەشكىلات ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ زىيارىتىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.
باياناتتا ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ۋېي شياۋدۇڭنىڭ 22-ماي شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون بولغان كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەتنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەزلۇملار پاناھلانغان بىر دۆلەتتىكى ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىتنىڭ تىپىك بىر مىسالى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ تۈركىيەدە پاناھلىق تىلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى بىۋاسىتە نىشانلىغان، بۈگۈنگىچە كۆرۈلگەن ئەڭ ھەددىدىن ئاشقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا يەنە يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆز ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرەر خەۋەر ئالالمايۋاتقان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان بىر رايوندا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان بىر رېجىمنىڭ ۋەكىللىرىنى قىزىل پايانداز سېلىپ كۈتۈۋېلىشنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتلىرى ۋە خەلقئارالىق دوكلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكى، ھالبۇكى، ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ بۇ ئويدۇرما، يالغان بايانلىرىغا تۈركىيەدىكى بىر رايونلۇق ھۆكۈمەتتە جىمجىت قۇلاق سېلىشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر زېدىلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئورتاق باياناتتا بۇ زىيارەتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي دىپلوماتنىڭ كۈچۈكچەكمەجەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتىغانلىقى، رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمى يىللاردىن بۇيان تور سىستېمىلىرى ۋە جاسۇسلۇق تورى ئارقىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان «تىزىملىككە كىرگۈزۈش ۋە باستۇرۇش» مېخانىزمىنى بۇ قېتىم يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئارقىلىق مەھەللىلەرگىچە كىرگۈزۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى ئىكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى، ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەن ئىشغالىيەتچى رېجىمنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتقا بىر نەچچە كۈن قالغاندا ئېلىپ بارغان بۇ سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىنمۇ ئالدىن پىلانلانغان بىر پىسخىكىلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا كۈچۈكچەكمەجە ھۆكۈمەت باشلىقى كەمال چەبى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىنىڭ بىپەرۋالىقىنىڭ ۋە خىتايغا قايىللىق ئىپادىسى بىلدۈرۈشىنىڭ رايوندا پاناھلانغان بىر خەلقنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس قارا داغ بولۇپ قالىدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، تەشكىلاتلارنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەلەپتە مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:
«1. كۈچۈكچەكمەجە ھۆكۈمەت باشلىقى كەمال چەبىنىڭ بۇ يېپىق ئىشكىلەر ئارقىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا رايوندا ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا دەرھال ئاشكارا ۋە قانائەتلىنەرلىك چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
2. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتىك دەخلىسىزلىك قالقىنى كەينىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆز مەھەللىلىرىدە قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ۋە تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئارقىلىق بىئارام قىلىۋاتقان خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق نازارەتكە ئېلىشىنى سورايمىز.»
بۇ قېتىملىق ئورتاق باياناتقا تۆۋەندىكى تەشكىلاتلار ئىمزا قويدى:
1. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
2. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
3. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى
5. شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى
6. ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقفى
7. شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى
8. شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى
9. خانلىق كۈلتۈر ۋە ياردەم ۋەقفى
10. ياش IHH
11. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى
12. خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى
13. شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى
14. نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى
15. شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى
16. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى
17. سەئىدىيە ئىلىم ۋە مائارىپ جەمئىيىتى
18. كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى
19. ئۇيغۇر ئىلىم، مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات ۋەقفى
20. ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار بىلەن ھەمكارلىق جەمئىيىتى

