خىتاي قۇربان ھېيت ھارپىسىدا يەنە كۆز بويامچىلىق زىيارىتى ئورۇنلاشتۇردى

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن دىنىي باستۇرۇشلىرىنى توختاۋسىز ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي قۇربان ھېيت يېقىنلاشقان بىر پەيتتە يەنە بىر قېتىم كۆز بويامچىلىق زىيارىتى ئورۇنلاشتۇردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيە، پاكىستان، مالدىۋې، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق توققۇز دۆلەتتىكى «دىنىي زاتلار»دىن تەشكىللەنگەن 17 كىشىلىك زىيارەت ئۆمىكى 17-مايدىن 21-مايغىچە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان. ئۇلار خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئاتالمىش «ئىسلام ئىنستىتۇتى»، بىر نەچچە مەسچىت ۋە مۇزېي قاتارلىق ئالدىن سەھنىلەشتۈرگەن ئورۇنلارغا بارغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ گۈللىنىشى، باياشاتلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەيرانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، خىتاينىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتى ياخشىلاپ، دىنىي ساھەدىكى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكى، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرى»گە قايىل بولغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا يەنە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندا خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەنگەنلىكى، دىنىي ساھەنىڭ ئېجىل، رايىش بولغانلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكى ھەققىدە بىلجىرلىغان.

بۇ خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كۆز بويامچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، قۇربان ھېيت يېقىنلىشىۋاتقان ۋە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىگە شاھىت بولۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن دىنىي زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتكە تەشكىللىشى خىتاينىڭ ھەقىقىي غەرىزىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 75 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2026 22:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق