ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركىتى Temu غا ئېغىر جەرىمانە قويدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى Temu نىڭ قانۇنسىز تاۋارلارنىڭ ياۋروپادا سېتىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسالمىغانلىقىنى، ياۋروپانىڭ «رەقەملىك مۇلازىمەت قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، 28-ماي شىركەتكە 200 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويدى ھەمدە ئۈچ ئاي ئىچىدە تۈزىتىش پىلانى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ Temu سۇپىسىدا قانۇنسىز مەھسۇلاتلارغا يولۇقۇش نىسبىتىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولغانلىقىنى، بۇ قانۇنسىز مەھسۇلاتلارنىڭ ئاساسلىقى ساختا، سۈپەتسىز، خەتەرلىك، زەھەرلىك ياكى مۇھىتقا زىيانلىق تاۋارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىچىك تىپتىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە زەرەتلىگۈچلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ قىسمى ئاساسىي بىخەتەرلىك سىناقلىرىدىن ئۆتەلمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا،Temu  سۇپىسىدا سېتىلىۋاتقان بوۋاق ئويۇنچۇقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئېغىر بىخەتەرلىك خەۋپى بايقالغان بولۇپ، بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئىجرا قىلغان تەكشۈرۈشلەر، ئىستېمالچىلارنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى، تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ سىناق قىلىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن يۇقىرىقى خۇلاسىنى چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپادا Temu سۇپىسىنىڭ 130 مىليونغا يېقىن ئىشلەتكۈچىسى بار بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇندىن ئىلگىرىمۇTemu  شىركىتىنى سۇپىدا سېتىلىۋاتقان تاۋارلارنىڭ ئىستېمالچىلارغا كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان زىيىنىنى تەكشۈرۈشكە ۋە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە بىر نەچچە قېتىم چاقىرغانىدى.

Temu شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قارارىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، جازانىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىنى، مەزكۇر قارارنىڭ 2024-يىللىق خەتەر باھالاش دوكلاتىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى، سۇپىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

بۇ خەۋەر 72 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2026 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق