«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ يېڭى ئىككى تومى نەشردىن چىقتى

تونۇلغان ئۇيغۇر تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ 13 توملۇق ئەسىرى - «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ يېڭى ئىككى تومى ئامېرىكا ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى.

بۇ قېتىم نەشردىن چىققىنى مەزكۇر زور ھەجىملىك ئەسەرنىڭ 4- ۋە 6-توملىرى بولۇپ، 4-تومدا «ئۇيغۇرلارنىڭ 1928-1914-يىلىدىكى سىياسىي قىسمەتلىرى» باش تېما قىلىنغان. كىتابتا 20-ئەسىرنىڭ 20-10-يىللىرىدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مىللىي ۋە ئىدىيەۋى مەسىلىلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پىلانلىرى، خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىك باشقۇرۇش سىياسەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.

6-توم (3-قىسمى)دا بولسا «سىتالىن-شېڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا: ئۇيغۇر مىللىي گۈللىنىش ھەرىكەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 1934-يىلى 7-ئايدا شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاخىرلىشىپ، خوجانىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشى بىلەن باشلانغان يېڭى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سانائەت، مەدنەىيەت-ئاقارتىش، مىللىي گۈللىنىش ۋە ئازادلىق ھەرىكەتلىرى، 1938-1937-يىلىدىكى ئابدۇنىياز كامال باشچىلىقىدىكى 2-قېتىملىق ئۇيغۇر ئازادلىق قوراللىق كۈرىشى، سوۋېتلەرنىڭ زور قوشۇن بىلەن باستۇرۇشىنىڭ سىرلىرى، شېڭ شىسەي باشلىق خىتاي جاللاتلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.

ئاپتور بۇ ئاكادېمىك ئەسەرلىرىنى پۈتتۈرۈشتە كۆپ مىقداردىكى سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى، خىتاي ئارخىپلىرى، ئەنگلىيە ئارخىپلىرى، رۇس، ئىنگلىز، ئۇيغۇر، خىتاي، تۈرك ۋە باشقا تىللاردىكى تۈرلۈك تەتقىقات، ئەسلىمە ۋە باشقا ئىككىنچى قول ماتېرىياللاردىن پايدىلانغان.

مەزكۇر زور ھەجىملىك ئەسەر 2020-يىلىدىن تارتىپ نەشر قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر جەمئىي ئون توم نەشردىن چىقىپ بولغان.

بۇ خەۋەر 133 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2026 10:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق