
تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بىلەن، 30-ماي ئىستانبۇلدا قۇربان ھېيتلىق ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ھېيتنىڭ 4-كۈنى ئاۋجىلار دېڭىز ساھىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خانلىق ۋەقفى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىلىش قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
پائالىيەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى سۇلايمان كۆكتۇغ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى ئەلى سالىھ، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئەمىر ھەسەن، شەرقىي تۈركىستان خانلىق ۋەقفىگە ۋاكالىتەن ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ خەلپەتھاجىم ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، مۇبارەك كۈنلەردە بۇ خىلدىكى يىغىلىشلارنىڭ ئەھمىيىتىنى، خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدە بىرلىك، ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشتى.
ئارقىدىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ چېلىشىش، ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، يىغىلىش قاينام-تاشقىنلىققا، ھاياجانغا چۆمدى. مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققانلار مۇكاپاتلانغاندىن كېيىن، پائالىيەتنىڭ خاتىمىسى سۈپىتىدە، ئۆسمۈرلەرگە ھېيت خۇشاللىقىنى، ئەنئەنىسىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھېيتلىق تارقىتىپ بېرىلدى.