ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر نەچچە ئاي بۇرۇن نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرىنى خىتايدىن قوغلىشىغا قارشى ئىنكاس سۈپىتىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مۇخبىرىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ يىل 2-ئايدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ۋاڭ يۆمېينى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. خىتاي باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ تەيۋەن دائىرىلىرى ئۈچۈن ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» پىكىرلىرىنى تارقىتىدىغان سۇپا تەييارلاپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەندىن سىرت، مەزكۇر مۇخبىرنىڭ زىيارەتلەردە ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ چەت ئەل ئاخبارات ئورگانلىرىغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-ئىيۇندىكى بايانلىرىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىگە قاراتقان سىستېمىلىق بېسىم ئىشلىتىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنى بوغۇشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق قىلمىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خىتاينىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى قوغلاش، چەكلىمە قويۇش، بېسىم ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مىساللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن ئىلگىرىمۇ خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسىم مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تىبەت مەسىلىسى، خىتاي ۋىرۇسى مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا ئاۋاز چىقارغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىغا دۇچ كەلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 97 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2026 00:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق