
ئامېرىكىلىق مەشھۇر سىياسەتشۇناس فىرانسىس فۇكۇياما بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى فىرانكفورت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر خىتاي ھازىرقى ھالىتىنى داۋاملاشتۇرسا، 40 يىل ئىلگىرى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي ھەققىدىكى پەرىزىنىڭ خاتا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فۇكۇياما 1989-يىلى «تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى؟» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەردە لىبېرال دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ ئىنسانىيەت ئىدېئولوگىيە تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىدارە قىلىش شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ ئۆز نەزەرىيەسىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاخىردا سىياسىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي قاتارلىق زامانىۋىلاشقان دۆلەتلەرنىڭ لىبېرال دېموكراتىيەگە قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
قىرىق يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە فۇكۇياما ئۆز پەرەزلىرىنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تىرامپنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، ئامېرىكىنى «چۆكۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» دەپ تەسۋىرلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، تىرامپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتىدە خىتايغا قارىتا بېسىمنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكەنلىكىنى، خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنىڭ شەك-شۈبھىسىز ناھايىتى چوڭ بىر سوۋغات بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
فۇكۇياما خىتاي ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر خىتاي نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، يەنى سىياسىي مۇقىملىق، ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ھەمدە ئىقتىسادىي ئېشىشنى داۋاملىق ساقلاپ قالالىسا، ئۇنداقتا مەن خىتاي ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىيەزەرىمنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. گەرچە مەن ئىلگىرى بىر زامانىۋىلىشىش پەرزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە خەلقنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ھەمدە غەربنىڭ لىبېرال دېموكراتىيە ئەندىزىسىگە يېقىنلىشىش ئارزۇ-تەلەپلىرىنىڭمۇ تەڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمىدى» دېگەن.
شۇنداقتىمۇ ئۇ خىتاينىڭ بىر قاتار ئاجىزلىقلىرى بارلىقىنى، نۆۋەتتە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئېكسپورت قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.