
رويتېرس ئاگېنتلىقى مەخسۇس تەكشۈرۈپ چىققان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قويۇپ بېرىش سۇپىسى، ئاكوپ، ئالاقە تۈگۈنلىرىدىن تەركىب تاپقان غايەت زور ھەربىي ئۇل ئەسلىھە تورى قۇرماقتىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەر توپى ئۆتكەن ئالتە يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا قۇرۇپ چىقىلغان ئىككى دانە سەككىز تەرەپلىك ئەسلىھەنى مەركەز قىلغان. بۇ ئىككى ئەسلىھە قومۇل يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش بازىلىرى رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئارىلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 140 كىلومېتىر ۋە 230 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
بۇ سەككىز تەرەپلىك قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىدە خادىملارنىڭ ياتاقلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ھەربىي ماشىنا توختىتىش ئورنى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئاكوپ ۋە قورال-ياراغ ئامبىرى، شۇنداقلا سەككىز تەرەپلىك قۇرۇلۇش بىلەن قۇمۇل يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش بازىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئايرودروم ۋە تۆمۈر يول تۈگۈنى جايلاشقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۈچۈن مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى باھالاپ چىققان ئۈچ بىخەتەرلىك ئانالىزچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرەتلەردە يەنە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش، سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى ۋە جەڭ قوماندانلىقىغا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولغان ئەسلىھەلەرمۇ كۆرۈنگەن. بۇ سۈرەتلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يۆتكىلىشچان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش بازىلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، 80 دىن ئارتۇق قويۇپ بېرىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ئارمىيەسى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلاردىن يادرو قوراللىرىنى قويۇپ بېرەلەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستانغا ۋە گەنسۇغا جايلاشقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش بازىلىرى خىتاينىڭ يادرو كۈچىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدىكەن.
گەرچە بۇندىن ئىلگىرى مەزكۇر سەككىز تەرەپلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ تورلاشتۇرۇلغان كۆلىمى ھەققىدە تۇنجى قېتىم مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان.