
ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن تەشكىل تاپقان «بەش كۆز ئىتتىپاقى» بىرلىكتە ئېلان قىلغان بىر قىسقا دوكلاتتا، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ LinkedIn، Indeed، Upwork قاتارلىق خىزمەت ئىزدەش تور بەتلەردىن پايدىلىنىپ، ساختا خىزمەت ئورنى ئېلانلىرىنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
BBC نىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «بەش كۆز ئىتتىپاقى» بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە تاكتىكىلىق ئەۋزەللىككە ئىگە مەخپىي ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كېيىنچە بېسىمغا ئۇچراپ، خىتاي ھەربىي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ پايدىلىنىشى مۇمكىن بولغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلىنىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.
«بەش كۆز ئىتتىپاقى»نىڭ قىسقا دوكلاتىدا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تورغا ساختا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنى چىقىرىپ، ئاندىن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالىنى تاسقاش ئارقىلىق، پايدىلىنىش قىممىتى بار نامزاتلارنى تاللاپ چىقىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. نىشانلانغان خادىملارنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بىخەتەرلىك رۇخسىتى بار خادىملاردىن تارتىپ، ئەقىل ئامبىرى مۇتەخەسسىسلەرغىچە تاللاش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.
ئەنگلىيە بىخەتەرلىك ۋەزىرى دان جارۋىس بارلىق ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە خادىملىرىنى تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى تونۇپ يېتىشكە، شۇنداقلا ئاڭسىز ھالدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەتەر ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بەش كۆز ئىتتىپاقى»نىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاينى جاسۇسلۇق تەھدىتى بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ كۈلكىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.