
خىتاينىڭ يوشۇرالمىغان سەككىز ئەجەللىك يېرىقى ۋە كۆرۈنمەس قىيامىتى
مىر كامىل كاشغەرى
كىرىش سۆز:
سۇن زىنىڭ «ئۇرۇش سەنئىتى» ناملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدىكى فورمۇلا خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە ئەنئەنىسىنىڭ ئۈچ مىڭ يىللىق ئومۇرتقىسىنى نامايان قىلىدۇ: «ئۇرۇش دېمەك ھىيلە-مىكىر سەنئىتىدۇر. كۈچلۈك چاغدا ئاجىز كۆرۈن، ئاجىز چاغدا كۈچلۈك كۆرۈن؛ يېقىن تۇرۇپ يىراقتەك، يىراق تۇرۇپ يېقىندەك كۆرۈن».
بۇ جۈملە پەقەتلا قەدىمكى بىر ئۇرۇش كىتابىنىڭ باش تېمىسى ئەمەس، بەلكى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەيرەڭلىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، 21-ئەسىردىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى سىياسەت ئۇمۇرتقىسى بولۇپ كەلمەكتە. ماۋ زېدوڭنىڭ «ئۇزۇن سەپەر»ىدىن دېڭ شياۋپىڭنىڭ «يورۇقنى يوشۇر، ۋاقتىنى كۈت» تەلىماتىغىچە، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى» بايانىدىن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغىچە بولغان ھەر بىر باسقۇچتا، دەل مۇشۇ بىرلا تەلىماتنىڭ ئوخشىمىغان چاڭچىلە كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە چىققانلىقىنى كۆرىمىز. يەنى «غەرىزىڭنى يوشۇر، كۈچۈڭنى ئاشۇرۇپ كۆرسەت، ئاجىزلىقىڭنى ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە ئوراپ ساقلا»
بىراق، بۇ تەلىماتنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، ئۆز جۈملىلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان قاراڭغۇ بىر قوشكېزەك يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۆز ئاجىزلىقىنى داۋاملىق كۈچ-قۇدرەت قىلىپ ئوراپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولغان بىر دۆلەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىككى ئېغىر ھاردۇرغۇچى يۈكنىڭ ئاستىدا ئېزىلىدۇ. بىرىنچى يۈك: ئاجىزلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە. ئىككىنچى يۈك: بۇ ئاجىزلىقنىڭ بىر كۈنى ئاشكارىلىنىپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىسى ياراتقان سوزۇلما خارەكتېرلىك ۋەھىمە (پارانوييا) كېسىلى.
بىر دۆلەت قانچە جىق نەرسىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولسا، شۇنچە چوڭ بىر خاتىرىلەش ئامبىرى، شۇنچە كەڭ كۆلەملىك بىر كۆزىتىش ئاپپاراتى ۋە شۇنچە چوڭ بىر سېنزور (تەكشۈرۈپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈش) ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. سەھنە ئارقىسىدىكى خىزمەت سەھنە ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ جىق ئادەم كۈچى خورىتىشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە ئاشكارە ئويۇن ئوينىيالمايدىغان مەككار ئاخىرىدا ئۆزىنى يوشۇرۇش يۈكىنىڭ ئاستىدا نەپەسسىز قالىدۇ.
بۇ ماقالە خىتاينىڭ بۈگۈن دەل مۇشۇ چەكتە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سىرتتىن قارىغاندا بىر ئەجدەرھا، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوپ دېڭىز ئارمىيە فىلوتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسى رامكىسىدا 140 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېيىلغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى... لېكىن ئەمەلىيەتكە قارىغاندا، نوپۇس، مالىيە، ئورگان ۋە روھىي جەھەتتىن ئېچىلغان ئەجەللىك يېرىقلار ئىچىدە قالغان بىر ھاكىمىيەت. بۇ يېرىقلارنىڭ ھېچبىرى يەككە ھالدا بىر ئاپەت بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممىسى تەڭ بىر ۋاقىتتا، تەڭ قەدەمدە بىر-بىرىنى سەمىرىتىشكە باشلىغاندا، تارىختا ئوخشىشى كۆرۈلمىگەن بىر ھالاكەتلىك يېرىلىش تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
شۇڭا خىتاينىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئىچكى يېرىقلىرىنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمىلاسىنى سەككىز چوڭ ئەجەللىك يېرىق بويىچە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ:
ئۆلۈم سىرتمىقىدىكى دۆلەت نوپۇسى، مۇقىم مۈلۈكنىڭ كۆپۈكلىشىشى، ئاشكارىيالماسلىق (ئېپىستېمىك) كرىزىسى، ئورگانلاشقان چىرىكلىك گېنى، ساراينىڭ يالغۇزلۇقى، چېگرا رايونلاردىكى روھىي بىرلىك (ئاسابىيە)نىڭ يېرىلىش لىنىيەلىرى، گۇاڭدۇڭنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى ئايرىلىش تۇيغۇسى ۋە ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىش پاتقىقى.
بۇ ھەر بىر ئەجەللىك يېرىق ھەرقانداق بىر دۆلەتكە نىسبەتەن يەككە ھالدا بىر ئىستراتېگىيەلىك تۇرمۇز ھېسابلانسا، سەككىزى بىرلىكتە كۆرۈلگەندە خىتاي ئۈچۈن بەلكىم سۇن زىمۇ ئالدىن كۆرەلمىگەن بىر تەڭلىمىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. يەنى بىر تەرەققىياتنىڭ ئۆز چوڭلۇقىنىڭ ئاستىدا بوغۇلۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىچىدىن ۋەيران بولۇش قانۇنىيىتى: ئىبنى خالدۇن، مالىك بىننابى ۋە تارىختىن ئۈچ ئۈلگە
خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئىككى چوڭ مۇتەپەككۇر قول تۇتۇشۇپ تۇرغان بىر پىكرى دوقمۇشقا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى ئىبنى خالدۇن ۋە مالىك بىننابىنىڭ يېنىغا.
ئىبنى خالدۇن 1377-يىلى «مۇقەددىمە»نى يازغاندا، ئەتراپىدا كۆرگەن مەنزىرە ئاددىي ئىدى. ئەندىلۇس ئۇپرىماقتا، مەملۇكنىڭ مىسىر ھاكىمىيىتى چارچىماقتا، تۇنىس سۇلالىلىرى بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئىبنى خالدۇن بۇ مەنزىرىگە قاراپ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ بەلكىم ئەڭ جەسۇر جەمئىيەتشۇناسلىق قانۇنىنىيىتىنى يازغان ئىدى. «مەدەنىيەتلەرنىڭ خاراب بولۇشى سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇز بىلەن ئەمەس، بەلكى (ئۆزى «ئەسابىيە» دەپ ئاتىغان) ئىچكى قۇرۇلمىنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىشى بىلەن باشلىنىدۇ». «ئەسابىيە» لۇغەت مەنىسى بويىچە «ھەمكارلىق، روھى بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇسى»دۇر، لېكىن ئىبنى خالدۇننىڭ ئىشلىتىش شەكلى بۇنىڭدىنمۇ كەڭ بولۇپ، بىر جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسى، ئورتاق غايە تۇيغۇسى، ئەۋلادلار ئارا ئورتاق ئەخلاقىي رىشتە، «بىز» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىدە قىممەتكە ئىگە بولغان ئاشۇ كۆرۈنمەس يىلىمىدۇر.¹
بىر جەمئىيەتنىڭ «ئەسابىيە» سى بوشىشىپ كەتكەندە، سىرتتىكى سىپىللىرى قانچە ئېگىز، ئارمىيەسى قانچە كۆپ، ئىقتىسادى قانچە چوڭ بولمىسۇن، ۋەيران بولۇش قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. چۈنكى سىرتتىكى دۈشمەن ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان ئىچىدىن چىرىپ كەتكەن بىر قۇرۇلمىنىڭ خارابىلىكىنى تازىلايدىغان بىر مېخانىكىلىق قورالىدۇر. ئۇ «يەنگۈچى» ئەمەس، بەلكى «بوشاتقۇچى» نىڭ رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا ئىبنى خالدۇن سۇلالىلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۈچ ئەۋلادتىن ئېشىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. قۇرغۇچى ئەۋلاد ئۆز ئەسابىيەسى (روھىبىردەكلىكى) بىلەن چۆلدىن كېلىپ قۇرىدۇ، ئىككىنچى ئەۋلاد پاراۋانلىقنى باشقۇرىدۇ، ئۈچىنچى ئەۋلاد پاراۋانلىقنىڭ ئىچىدە تۇغۇلىدۇ ۋە ئەسابىيەسىنى (روھى بىردەكللىكىنى) يوقىتىدۇ. ئۈچىنچى ئەۋلادقا كەلگەندە، سىرتتىن كەلگەن ئەڭ كىچىك بىر زەربىمۇ ۋەيرانچىلىقنى قوزغاشقا كاپايە قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن بەش يۈز يەتمىش يىل كېيىن، 1948-يىلدىكى ئالجىرىيەدە، مالىك بىننابى بۇ دىياگنوزنىڭ زامانىۋى بىر نۇسخىسىنى يېزىپ چىقىدۇ. «مەدەنىيەتنىڭ شەرتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە بىننابى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «نېمىشقا بەزى خەلقلەر مۇستەملىكە بولىدۇ، بەزىلىرى قارشى تۇرىدۇ؟» سوئالنىڭ تۈپ يىلتىزى شۇ يەردە ئىدى: مۇستەملىكىچىلىك قىلغان سىرتتىكى كۈچ ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە بولۇشقا ئىمكانىيەت ياراتقان ئىچكى ئاجىزلىقتۇر. بىننابى بۇ ئاجىزلىقنى «مۇستەملىكە بولۇشقا لايىقلىق» (colonisabilité) دەپ ئاتايدۇ.² بىر خەلق پىكىرى جەھەتتىن چارچىغان، ئورگانلىرى چىرىگەن، ئەۋلادلار ئارا رىشتىلەر ئۈزۈلگەن پەيتتە ئاندىن سىرتتىكى مۇستەملىكىچىلەر يېتىپ كېلىدۇ. مۇستەملىكىچىلىك سەۋەب ئەمەس، بەلكى نەتىجىدۇر. ئىچكى كېسەلنىڭ سىرتتىكى ئالامىتى.
بۇ ئىككى دىياگنوز بىرلەشكەن يەردە تۇرۇپ تارىخقا قارايدىغان بولساق، ئۈچ تارىخىي ئۈلگە خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئورنىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىنى ۋە چىرىش سۈرئىتىنىڭ ماتېماتىكىسىنى ئالدىمىزغا قويىدۇ.
بىرىنچى ئۈلگە: ئاخىرىقى رىم ۋە سېۋېرۇس (Severus) سۇلالىسىدۇر (مىلادىيە 193-235). سېۋېرۇس مەزگىلىدە رىم سىرتتىن قارىغاندا كۈچتۈڭگۈرلۈكنىڭ ئەڭ چوققىسىدا ئىدى. برىتانىيەدىن مېسوپوتامىيەگىچە سوزۇلغان چېگرالار، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى، دېنارىئۇس تەڭگىسىنىڭ (denarius) يەر شارى خاراكتېرلىك زاپاس پۇل سالاھىيىتى... ئەمما ئىچكى بوشىشىش ئاللىقاچان باشلانغانىدى. دېنارىئۇس تەڭگىسىنىڭ كۈمۈش مىقدارى يۈزدە 50 تىن يۈزدە 5 كە چۈشۈرۈلگەن ئىدى. بۈگۈنكى تىل بىلەن ئېيتقاندا، فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ دوللار قىممىتىنى تۇيۇقسىز ئوندىن بىرگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ياللانما ئەسكەرلەر سىنىپى سىياسىي قارار مېخانىزمىنى قولغا چۈشىرىۋالغان، دۆلەتنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى <ئەسابىيە> مەركىزىي ساداقەت رىشتىلىرى ئۈزۈپ قالغان ئىدى. 235-يىلىدىكى سېۋېرۇس ئالېكساندېر (Severus Alexander) سۇيىقەستىدىن رىمنىڭ 476-يىلىدىكى تۈپ ۋەيران بولۇشىغىچە تەخمىنەن ئۈچ ئەسىر ۋاقىت كەتكەن.³
ئىككىنچى ئۈلگە: ساسانىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى يېرىم ئەسىرىدۇر (590-651). خۇسروۋ پەرۋىز تاختكە چىققاندا، ساسانىي دۆلىتى تۆت ئەسىرلىك بىر ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇراتتى: 614-يىلى قۇددۇسنى، 619-يىلى ئىسكەندەرىيەنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغانىدى. بىراق پارس ۋە پارت (Pers ve Parth) سەرخىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى قۇرغۇچى ئىتتىپاق ئاستا-ئاستا بوشىشىقا باشلىغان ئىدى.⁴ 628-يىلى فېۋرالدا خۇسروۋ پەرۋىز ئۆز ئوغلى 2-كۇۋاد تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. كېيىنكى 14 يىل ئىچىدە تاختتە 12 ئايرىم ئايرىم ھۆكۈمدار ئولتۇردى، كۆپىنچىسى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. خالىد بىن ۋەلىد 633-يىلى ئۇبۇللاغا كىرگەندە، سەئد بىن ئەبى ۋەققاس 636-يىلى قادىسىيەدە پارس ئارمىيەسىنى تارمار قىلغاندا، ئىسلام ئارمىيەسى ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان ئىچىدىن پارچىلانغان بىر قۇرۇلمىنىڭ خارابىلىكىنى تۈزەتمەكتە ئىدى. ۋەيران بولۇش بوسۇغۇسىدىن تولۇق ھالاكەتكە چۆككىچە پەقەتلا 14 يىل كەتتى.
ئۈچىنچى ئۈلگە: ئاخىرقى چىڭ سۇلالىسىدۇر (1839-1912). ئەپيۇن ئۇرۇشى ھارپىسىدا، چىڭ سۇلالىسى نوپۇس، ئىقتىساد ۋە زېمىن چوڭلۇقى جەھەتتە دۇنيانىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئىدى. ئەمما بىر ئەسىردىن بىرى ئىچىدىن چىرىۋاتاتتى. كۇڭزى بىيۇروكراتىيەسىنىڭ قاتمال ئىمتىھان سىستېمىسى تالانتلىق كادىرلارنى قۇرۇق سۆزمەنلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، كۈمۈش زاپاسلىرىنىڭ ئەپيۇن سودىسى ئارقىلىق سىرتقا ئېقىپ چىقىشى مالىيەنى قۇرۇتۇۋەتكەن چاغ ئىدى. ئەنگلىيە پاراخوتلىرى گۇاڭجۇغا (كانتونغا) كەلگەندە، تېخنىكىلىق جەھەتتىن خىتاي بىلەن ئۇرۇشمىدى. ئاللىقاچان ئىچىدىن پارچىلانغان بىر قۇرۇلمىنىڭ خارابىلىكىنى ئاخىرقى ھېسابقا تارتقان بولدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەيران بولۇش مۇددىتى 73 يىل بولدى.
بۇ ئۈچ ئۈلگىنىڭ بىزگە سۇنغان سۈرئەت ئۆلچىمى مۇنداق: رىم 300 يىل، ساسانىي 14 يىل، چىڭ سۇلالىسى 70 يىل. بۇ مۇددەتلەر تاسادىپىي ئەمەس. بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى چىرىشتىن تۈپ ۋەيران بولۇشقا قاراپ ماڭغان ۋاقتى ئاشۇ دەۋرنىڭ «ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى» بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. رىمدا بىر خەۋەرنىڭ برىتانىيەدىن رىمغا يېتىپ بېرىشى ھەپتىلەرچە ۋاقىت ئالاتتى. چىڭ سۇلالىسىدە پاراخوت بىلەن ئايلار كېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا يەر شارى مالىيە سىستېمىسى سېكۇنتلار ئىچىدە، مەبلەغ ئېقىمى مىنۇتلار ئىچىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى بىر ئۇچقۇننىڭ چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىشى بىر كېچىدىلا ئىشقا ئاشىدىغان بىر دەۋردە ياشىماقتىمىز. 21-ئەسىرنىڭ سۈرئىتىدە، بىر ئىچكى پارچىلىنىش مۇساپىسىنىڭ كالېندارى رىمنىڭ ئەمەس، بەلكى ساسانىينىڭ ۋەيران بولۇش سۈرئىتىگە بەكرەك يېقىن بولىدۇ.
خىتاي بۈگۈن ئىبنى خالدۇن ۋە بىننابىنىڭ دىياگنوزلىرى تەڭ قەدەمدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىچكى پارچىلىنىش مۇساپىسىنىڭ بوسۇغۇسىدا ئەمەس، دەل ئوتتۇرىسىدا تۇرماقتا. تۆۋەندىكى سەككىز ئەجەللىك يېرىقنىڭ ھەر بىرى، بۇ ۋەيران بولۇش لىنىيەسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم قانىلى ھېسابلىنىدۇ.
1-ئەجەللىك يېرىق: ئۆلۈم سىرتمىقىدىكى دۆلەت نۇپۇسى ۋە ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدىغان ماتېماتىكا فورمىلاسى
نوپۇسشۇناسلىق سىياسەتنىڭ ئەمەس، بىئولوگىيەنىڭ ساھەسىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇ ئەڭ ۋەھىمىلىك تەرىپىدۇر. بىر ھۆكۈمەت مالىيە پىلانىنى بىر كېچىدىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەربىي تەلىماتىنى بىر يىلدا قايتا كۆزدىن كەچۈرەلەيدۇ، ئىقتىساد سىياسىتىنى بەش يىلدا باشقا بىر شەكىلگە كىرگۈزەلەيدۇ، ئەمما تۇغۇلمىغان قىز بالىلارنى ئۆتمۈشكە قايتىپ قايتىدىن تۇغدۇرالمايدۇ. نوپۇس ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدىغان بىر ماتېماتىكىدۇر، خىتاي بۈگۈن ئەنە شۇ ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ رەھىمسىز زەربىسىگە دۇچ كەلمەكتە.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1980-يىلى «بىر پەرزەنت سىياسىتى» نى جاكارلىغاندا، نوپۇسشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرى ئاللىقاچان ۋەھىمىگە چۈشكەنىدى. لېكىن ئەسلىي ئاچچىق بەدەل ئوتتۇز يىلدىن كېيىن تۆلىنىشكە باشلاندى. 2026-يىلى يانۋاردا خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2025-يىللىق تۇغۇت سانىنى ئاشكارىلىدى. 7 مىليون 920 مىڭ.⁵ بۇ ساننىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر سېلىشتۇرما قىلىشقا توغرا كېلىدۇ: «بىر پەرزەنت سىياسىتى» 2016-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان چاغدا، بېيجىڭنىڭ رەسمىي نوپۇس پىلانلىغۇچىلىرى 2025-يىلى ئۈچۈن 14 مىليون 330 مىڭ يېڭى تۇغۇت مۆلچەرلىگەنىدى. ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشقان سان مۆلچەرنىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ كەلمەيدىغان بولۇپ چىقتى. بېيجىڭ ئۆز پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈمىدۋار ئالىي تەسەۋۋۇرىدىمۇ ئالدىنى كۆرەلمەسلىكتەك بىر ۋەيرانچىلىققا پاتقانىدى.
ۋىسكونسىن-مادىسون (Wisconsin-Madison) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نوپۇسشۇناسى يى فۇشيەننىڭ (Yi Fuxian) چۆچۈتەرلىك سېلىشتۇرۇشى بۇ سانننىڭ ئەسلىي ئېغىرلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ 2025-يىللىق تۇغۇت سانى 1738-يىلىدىكى (چىڭ سۇلالىسىنىڭ نىسبەتەن تىنچ-ئامانلىق مەزگىلى، پۈتۈن خىتاي نوپۇسى 150 مىليون ئەتراپىدا بولغان بىر تارىختا) رۇيخەتكە ئېلىنغان سەۋىيە بىلەن ئوخشاش. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي نوپۇسى 1.4 مىليارد. يەنى چىڭ سۇلالىسىدىن ئون ھەسسە چوڭ بىر نوپۇس بىلەن، 1738-يىلىدىكى تۇغۇت سانىغا چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى نوپۇس ئۈنۈمدارلىقى ئۆزىدىن ئون ھەسسە كىچىك بولغان 18-ئەسىردىكى خىتاينىڭ سەۋىيەسىگە تەڭ.
بۇ ھاياتلىق تەڭلىمىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئۆلۈم سانى بولسا، 11 مىليون 310 مىڭغا يەتتى. نوپۇس ئېشىشى 2025-يىلى 3 مىليون 390 مىڭ كىشى ئازايدى، بۇ ئاللىقاچان ئۇدا تۆت يىلدىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان تۆۋەنلەشتۇر. سېلىشتۇرىدىغان بولساق، 3 مىليون 390 مىڭ كىشى تۈركىيەنىڭ بۇرسا (Bursa) شەھىرىنىڭ نوپۇسىغا تەڭ كېلىدۇ. يەنى خىتاي ھەر يىلى بىر بۇرسا شەھىرىدەك چوڭلۇقتىكى بىر شەھەر نوپۇسىنى پەقەتلا بالا تۇغۇلماسلىق يولى بىلەن يوقاتماقتا. جىيامۇسى (Jiamusi) شەھىرىنىڭ شياڭياڭ (Xiangyang) رايونىدا تىزىمغا ئېلىنغان ئومۇمىي تۇغۇت نىسبىتى بولسا %0.41 گە چۈشۈپ قالغان، يەنى بىر ئايال ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىم بالىمۇ تۇغمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ تۆۋەن تۇغۇت نىسبىتىدۇر.
ئەمدى ئارقىغا قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ماتېماتىكىلىق فورمىلاغا كېلەيلى! خىتايدىكى تۇغۇتلارنىڭ يۈزدە 85 قىسمىغا مەسئۇل بولغان 20 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ئاياللار نوپۇسى، 2025-يىلىدىكى 105 مىليوندىن 2050-يىلىغا بارغاندا 58 مىليونغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ بىر مۆلچەر ياكى تەسەۋۋۇر ئەمەس، بەلكى ماتېماتىكىلىق بىر ئېنىقلىقما. چۈنكى كەلگۈسىنىڭ تۇغۇت مەنبەسى بولغان بۇ ئاياللار ئەمەلىيەتتە ھازىرمۇ تۇغۇلمىدى. 2050-يىلى 30 ياشقا كىرىدىغان بىر ئايال 2020-يىلى تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر 2020-يىلى تۇغۇلمىغان بولسا، ئۇنى ھېچقانداق سىياسەت ئۆتمۈشكە بېرىپ قايتىدىن يارىتالمايدۇ. نوپۇسشۇناسلىق ئۆتمۈشنىڭ ئەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئارقىغا بۇراش مۇمكىن ئەمەس.
يى فۇشيەننىڭ تەھلىلى خىتاي نوپۇسىنىڭ 2100-يىلىغىچە 330 مىليونغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ب د ت نىڭ نىسبەتەن ئېھتىياتچان مۆلچەرىدىمۇ 800 مىليون ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى تىلغا ئالماقتا. ئەڭ ياخشى تەسەۋۋۇرنىڭ ئۆزىدىمۇ خىتاي 2100-يىلىغا بۈگۈنكىگە سېلىشتۇرغاندا 600 مىليون كىشى ئازايغان ھالەتتە قەدەم قويىدۇ. بۇ ساننى چۈشىنىش ئۈچۈن يەنە بىر سېلىشتۇرۇش قىلايلى! 600 مىليون، بۈگۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە نوپۇسىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ. خىتاي بىر ئەسىر ئىچىدە «ئۆز ئىچىدىن بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى»نى يوقىتىپ قويىدۇ، دېگەنلىكتۇر.
ياشىنىش تەڭلىمىسىنىڭ ئىككىنچى قاتلىمى بۇ ۋەيرانچىلىقنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشتۈرىۋېتىدۇ. 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى 2025-يىلىدىكى يۈزدە 14 تىن 2050-يىلىدا يۈزدە 30 غا چىقىدۇ. 80 ياشتىن ئاشقانلار نوپۇسى 37 مىليوندىن 132 مىليونغا ئۆرلەپ، ئۈچ ھەسسە كۆپىيىدۇ. خىتاي جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2019-يىلىلا شۇنداق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئاساسلىق پېنسىيە فوندى 2035-يىلى پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، چۈنكى تارىخ بويىچە ھېچقانداق دۆلەت بۇنداق چوڭ كۆلەملىك بىر پېنسىيە كرىزىسىغا دۇچار بولۇپ باقمىغان. خىتاي ئۆز پۇقرالىرى قېرىغاندا ئۇلارنى باقالمايدىغان، ياش ئەۋلادلارمۇ ئۇلارنىڭ يۈكىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بىر پاتقاقتا تۇرماقتا.
بۇ نوپۇس قاپقىنىنىڭ ئاستىدىكى ھەرىكەتلىنىۋاتقان يەنە بىر يېرىلىش خىتاينىڭ ياش ئەۋلادلىرىنىڭ توي قىلىشتىن ۋە ئائىلە قۇرۇشتىن تۈركۈملەپ قېچىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ ئەھۋال خىتايدا: 躺平 (تاڭ پىڭ)، لۇغەت مەنىسى بويىچە «يېتىۋېلىش» (ھېچ ئىش قىلماي دۈم يېتىۋېلىش) دېگەن ئومۇملاشقان ئۇقۇمغا ئايلاندى. بۇنىڭغا پاراللېل ئىككىنچى بىر ئۇقۇممۇ ئالقىشقا ئېرىشتى: ( 摆烂باي لان)، «سېسىشقا قويۇۋېتىش» (چىرىپ كېتىشكە تاشلاپ قويۇش). بۇ ئىككى سۆز بىر يەرگە كەلگەندە، زامانىۋى خىتاي ياشلىرىنىڭ بېيجىڭ ھاكىمىيىتىگە سۈكۈتتە ئېيتىۋاتقان سۆزى ئاشكارىلىنىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇسابىقە سىستېمىڭلارغا، سىلەرنىڭ كىرىم (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى) نىشانىڭلارغا، سىلەرنىڭ 2049-يىللىق چۈشلىرىڭلارغا ئىشەنمەيمەن، قاتناشمايمەن. دۈم يېتىۋالىمەن. سېسىشقا تاشلاپ قويىمەن»
«خىتاي ئىستاتىستىكا يىللىق دەپتىرى 2023» نىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى قېتىم توي قىلغانلار سانى ئاخىرقى توققۇز يىلدا تەخمىنەن %56 تۆۋەنلىگەن. 2024-يىلى خىتايدىكى رەسمىي توي تىزىملىكى 1980-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى كۆرسەتكەن.⁶ بۇنىڭ سەۋەبى ئىدېئولوگىيەلىك ئەمەس، بەلكى تامامەن ئىقتىسادىيدۇر. 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان شەھەر ياشلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 2023-يىلى ئىيۇندا يۈزدە 21.3 كە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بېيجىڭ بۇ ساننى ئېلان قىلىشنى چەكلىگەن. ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش بىلەن قايتىدىن ئېلان قىلىش باشلىغاندا، ھېسابلاش ئۈسلۇبىنى ئۆزگەرتكەن تۇرۇغلۇق بۇ نىسبەت 2025-يىلى دېكابىردا %16.5 سەۋىيەسىدە بولغان، مۇستەقىل مۆلچەرلەر بولسا ئەسلىي نىسبەتنىڭ %40 گىچە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۆي باھاسى چوڭ شەھەرلەردە بىر ياشنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ يىگىرمە-ئوتتۇز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بىر توينىڭ ئوتتۇراھال چىقىمى 2020-يىلى ھەر بىر ئائىلىگە 25 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. يەنى، بىر ياش جۈپ توي قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ كەلگۈسى ئون يىلىنى قۇرۇتۇۋېتىدىغان بىر قەرز يۈكىنىڭ ئاستىغا كىرىشكە مەجبۇر.
«ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» خىتايچە بۆلۈمى ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ 2024-يىللىق نەخ مەيدان زىيارەتلىرىدە، بىر شاڭخەيلىك ياش ۋەزىيەتنى ئۆز جۈملىلىرى بىلەن مۇنداق خۇلاسىلىگەن: «توي، بالا، ئۆي ۋە ماشىنا قەرزى... ھەممىسى كەلگۈسىنى ھازىردىنلا يەپ تۈگىتىدىغان مەجبۇرىيەتلەردۇر. ئىقتىسادىي چېكىنىش مۇشۇنداق ئېنىق تۇرسا، كىرىم مەنبەسى يوق تۇرسا، بىز قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىش چىقىمنى ئازايتىشتۇر»
بۇ جۈملىنىڭ ئارقىسىدىكى لوگىكا بېيجىڭنىڭ 2049-يىللىق تەسەۋۋۇرىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۇرۈپ تاشلايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ ئىشقا ئاشالىشى ئۈچۈن تېخىمۇ جىق ياشنىڭ تۇغۇلۇشى، تېخىمۇ جىق ياش جۈپنىڭ توي قىلىشى، تېخىمۇ جىق ياش ئائىلىنىڭ ئىستېمالچى بولۇشى ئالدىنقى شەرتتۇر. ئەمما كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك خىتاي ياشلىرى بىر يورۇق كەلگۈسىنى كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سۈكۈت ئىچىدە مەيداندىن چېكىنمەكتە.
بۇ توختاۋسىز ھەرىكەتلىنىۋاتقان چىكىنىشنىڭ ئاستىدا، «بىر بالا سىياسىتى» بىلەن جىنس ئايرىپ بالا چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ قىرىق يىللىق يىغىلىشىدىن تۇغۇلغان قۇرۇلمىلىق يەنە بىر ۋەيرانچىلىق بار: ئۇ بولسىمۇ قىز-ئوغۇل نوپۇسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى. 1980 – يىلىدىن 2021-يىللار ئارىسىدا خىتايدا قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇل بالا تەخمىنەن 35 مىليون جىق تۇغۇلغان. تۇغۇلۇشتىكى جىنسىي نىسبەت ئۇزۇن مۇددەتلىك نورمال ئۆلچەمنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، بەزى ۋىلايەتلەردە 100 قىزغا 130 ئوغۇل سەۋىيەسىگە يەتكەن. 2025-يىلىغا كەلگەندە 20 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان ئەۋلادلار ئارىسىدا 30 مىليوندىن ئارتۇق بويتاك ئوغۇل بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ ساننىڭ 2043-يىلىدا 41 مىليون 400 مىڭلىق يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇنىڭ كۈندىلىك تۇمۇشتىكى ئەكسى مۇنداق: بۈگۈنكى كۈندە خىتايدا توي يېشىدىكى تۆت ئوغۇلدىن بىرىنىڭ خىتاي چېگرالىرى ئىچىدىن جۈپ (ئايال) تاپالىشى ماتېماتىكىلىق جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس. نەنكەي (Nankai) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى يۈەن شىن (Yuan Xin) 30 مىليوندىن ئارتۇق ئوغۇلنىڭ «مەجبۇرىي بويتاق» لىققا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى بېكىتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىن پۇلى ۋە توي چىقىملىرى يېزا رايونلىرىدا ئاخىرقى ئون يىلدا ھەسسىلەپ ئاشقان. نەتىجىدە ئىككىنچى بىر ۋەيرانچىلىق تۇغۇلغان. خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىي يېزا قىسىملىرىدىن مىيانمار، ۋىېتنام، شىمالىي كورېيە، لائوس، پاكىستان ۋە كامبودژاغىچە سوزۇلغان تەشكىللىك قىز ئوغرىلاش (ئاياللار ئەتكەسچىلىكى) شايكىلىرى مەيدانغا كەلگەن. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (HRW)، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ب د ت نىڭ دوكلاتلىرى، بېيجىڭ ھاكىمىيىتى كۆز يۇمغان ياكى ئاستىرىتتىن تەشكىللىگەن بۇ چېگرا ھالقىغان ئاياللار ئەتكەسچىلىكىنىڭ پەقەت يېقىنقى يىللارنىڭ ئۆزىدىلا ئون مىڭلىغان چەت ئەللىك ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. سېتىۋېلىنغان ئاياللارنىڭ چوڭ بىر قىسمى ئۆيلەردىن چىقالمىغان، پاسپورتلىرى تارتىۋېلىنغان ۋە مەجبۇرىي تۇغدۇرۇلغان.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئىچكى بازىرى ئايال تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئاياللىرىنى ئىمپورت قىلماقتا. بۇ ئەھۋال، «يۈكسىلىۋاتقان خىتاي»نىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن پارلاق مەنزىرىسىنىڭ تامامەن ئەكسىدۇر. زامانىۋى خىتاي، بىر تەرەپتىن ئۆز چېگرالىرى ئىچىدە خەن نوپۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن تەشۋىقات قوراللىرىنى سەپەرۋەر قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز چېگراسىنىڭ سىرتىدىن ئايال ئوغرىلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بىر دۆلەتكە ئايلانغان. ئون يىللارچە داۋاملاشقان جىنسىي كەمسىتىشنىڭ گېئوپولىتىكىلىق نەتىجىسىدۇر بۇ.
ئاكادېمىكلار ئۇزۇن زاماندىن بىرى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان ئىككىنچى بىر نۇقتىلىق تەسىر بولسا، ئىچكى بىخەتەرلىكتىدۇر. ئەر-ئايال نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن جىنايەت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاكتىپ مۇناسىۋەت ئىستاتىستىكىلىق جەھەتتىن ھۆججەتلەندى. خىتايدا 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى جىنايەت نىسبىتى ئېشىشىنىڭ تەخمىنەن 14 پىرسەنتلىك قىسمى مۇشۇ تەڭپۇڭسىز جىنسى نىسبەتكە بىۋاستە چېتىشلىق. بېيجىڭنىڭ ئۆيلىنىدىغان ئايال تاپالماسلىق قىيىنچىلىقى پەقەتلا نوپۇسشۇناسلىق ماتېماتىكاسى ئەمەس، بەلكى تۇغۇتى چەكلەنگەن قىز بالىلارنىڭ ئىنتىقامىدۇر.
2026-يىلى فېۋرالدا خىتاي تور بوشلۇقى ئۇچۇر باشقارمىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغا يوللىغان كۆرسەتمىسىدە، «تۆيدىن قورقۇش» ياكى «تۇغۇت ئەندىشىسى» تارقاتتى دەپ قارالغان مەزمۇنلارنىڭ سېنزور قىلىنىشىنى (چەكلىنىشىنى) مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈردى. بىر ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ نوپۇس رېئاللىقىنىڭ مۇنازىرە قىلىنىشىنىمۇ مەنئى قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بولسا، دىياگنوز ئەمدى نوپۇستا ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەتنىڭ رېئاللىق بىلەن قۇرغان مۇناسىۋىتىدىدۇر. بېيجىڭ ئەمدى نوپۇس پاكىتلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، نوپۇس پاكىتلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىمۇ چەكلىمەكتە.
بۇ يەردىكى ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە ئەدلىيەلىك بىر ئېنىقلىق بىلەن مۇھۆرلنىدۇ. يى فۇشيەننىڭ «Newsweek» ژۇرنىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «بېيجىڭنىڭ سىياسىي ھەۋەسلىرى ئاشۇرۇپ كۆرسىتىلگەن ئىقتىسادىي مۆلچەرلەرگە ۋە ئۇ مۆلچەرلەر بولسا ئاشۇرۇپ كۆرسىتىلگەن نوپۇس ئۇچۇرلىرىغا تايىنىدۇ. بۇ ترادېگىيەلىك نوپۇس مەنزىرىسى خىتاينىڭ ھەم ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي نىشانلىرىنى مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ»
دېمەك بۇ شى جىنپىڭ 2049-يىلى ئۈچۈن جاكارلىغان «خىتاي مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ قايتا ئويغىنىشى» (يەر شارى ھۆكۈمدارلىق) نىشانىنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاساسى ۋەيران بولۇپ بولدى دېگەنلىكتۇر. نۆۋەتتىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ تەخمىنەن 70 پىرسەنتلىك قىسمى ئائىلىسىنىڭ يالغۇز بالىسى. (بۇ جەڭگىۋارلىقنىڭ ئاجىزلىقى نۇقتىسىدىن ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەجەللىك نۇقتا) خىتاينىڭ ياش ئەمگەك كۈچى ئامبىرى 2040-يىلىغىچە 75 مىليون كىشى ئازىيىدۇ. قىسقىسى بېيجىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ئۆزىگە قارشى تەتۈر ساناشنى باشلىغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
2- ئەجەللىك يېرىق: مۇقىم مۈلۈكنىڭ كۆپۈكلىشىشى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ۋەيرانچىلىق
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي يۈكسىلىش مۆجىزىسىنىڭ ئەسلىي ھېكايىسى كۆپ قىسىم غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئالاھىدە بىر مېخانىزىمغا بېرىپ تۇتىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ مۇقىم مۈلۈك ساھەسىنىڭ، دۆلەت قوللىغان قەرزلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز سەمىرتىلىپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇرۇلۇشىدۇر. ئائىلىلەر يىغىپ-تەرگەن ئىقتىسادىنىڭ چوڭ قىسمىنى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سالدى. چۈنكى ئۇلار ئىشىنىدىغان باشقا بىر قىممەت ياراتالايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرى يوق ئىدى. پاي چېكى بازىرى تەۋرەنمە تۈس ئالغان، بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسىمى تۆۋەن، چەت ئەل پۇلى ھېساباتى ئېچىشقا بولسا رۇخسەت قىلىنمايتتى. نەتىجىدە پەقەت بىرلا تاللاش قالاتتى، ئۇ بولسىمۇ ئۆي-مۈلۈك.
ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى بۇ يىغىلما مەبلەغ ئامبىرىنى ئالدىن سېتىش سىستېمىسى ئارقىلىق بىر قەرز پىرامىداسىغا ئايلاندۇردى. تېخى بىر دانە خىش قويۇلماي تۇرۇپ خېرىدارلاردىن يىغىۋېلىنغان پۇللار يېڭى تۈرلەرگە يۆتكەلدى. يېڭى تۈرلەردىن يىغىلغان پۇللار بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى تۈرلەرگە... مۇشۇنداق قىلىپ قەرز پىرامىداسى چوڭىيىپ كېتىۋەردى. سىستېمىنىڭ چىشلىق چاقلىرى ئايلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، چۈنكى ھەر بىر يېڭى خېرىدار ئۆزىدىن بۇرۇنقىنىڭ قەرزىنى تۆلەۋاتاتتى. بۇ تامامەن بىر «پونزى سىستېمىسى» (ساختا پۇل يىغىش ئويۇنى) ئىدى. بىردىنبىر پەرق بۇ قېتىم مەبلەغ سالغۇچىنىڭ قولىدىكى نەرسە بىر ئۆي ئەمەس، بەلكى ئۆي مۈلۈك دەپتىرىلا ئىدى.
بۇ قەرز پىرامىداسىنىڭ تۈپ پارتلىغان ۋاقتى 2024-يىلى 29-يانۋاردا خوڭكۇڭدا يۈز بەردى. ئالىي سوت مەھكىمىسى، خىتاينىڭ «Evergrande» (خېڭدا) گۇرۇھىنى مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىش قارارىنى چىقاردى. دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قەرزگە پاتقان بۇ مۇقىم مۈلۈك شىركىتىنىڭ ئومۇمىي قەرزى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. يەنى بۇ سان خىتاي ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ (GSYH) تەخمىنەن ئىككى پىرسەنتىگە توغرا كېلەتتى.⁷ بۇنى مۇنداق سېلىشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ: 300 مىليارد دوللار تۈركىيەنىڭ بىر يىللىق ئومۇمىي ئېكسپورتىدىنمۇ كۆپتۇر. يالغۇز بىرلا شىركەتنىڭ قەرز ۋەيرانچىلىقى، ئوتتۇراھال بىر دۆلەتنىڭ پۈتۈن بىر يىللىق ئېكسپورت كىرىمىگە تەڭ كېلىدۇ دېگەنلىكتۇر.
2025-يىلى 25-ئاۋغۇستتا «Evergrande» شىركىتى خوڭكۇڭ پاي چېكى بازىرىدىن تامامەن چىقىرىۋېتىلدى. ئارقىدا نېمە قالدى؟ بۇ شىركەتتىن ئۆي سېتىۋالغان تەخمىنەن بىر مىليون خىتاي ئائىلىسى، پۇلىنى تۆلەپ تۇرۇپمۇ ھېچ نېمە ئالالمىغانلارنىڭ بەزىسى قۇرۇلۇشى يېرىم قالغان ئۆيلەر بىلەن كوچىدا قالدى. تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، بىر مىليون ئائىلە! ئۇلارنىڭ بوۋا-مومىلىرى، ئاتا-ئانىلىرى، ھەتتا بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك يىغقان پۇللىرى ئەنە شۇ يېرىم قالغان بىنا خارابىلىكىگە كومۈلۈپ كەتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ قولىدا نە ئۆي بار، نە پۇل. پەقەتلا بىر دۆۋە سوت ھۆججىتى قالدى.
«Evergrande» (خېڭدا) بىر مۇستەسنا ئەھۋال ئەمەس ئىدى، بەلكى تۈزۈلمىلىك چىرىش زەنجىرىنىڭ ئەڭ كۆرۈنۈشلۈك بىرلا ھالقىسى ئىدى. «Country Garden» (بىگۇييۈەن) شىركىتى 2024-يىلى فېۋرالدا سوت ئارقىلىق تارقىتىۋېتىلىشكە دۇچ كەلدى. شۇنىڭدەك «Sunac»، «Kaisa»، «Fantasia»، «Sinic» ۋە «Modern Land» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەللىكتىن ئارتۇق چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى 2021-يىلىدىن كېيىن قەرزىنى تۆلىيەلمەي ۋەيران بولدى. بۇ جەرياندىكى ئەڭ دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىق نۇقتىسى «Vanke» (ۋانكې) شىركىتىدە كۆرۈلدى. چۈنكى «Vanke» يالغۇز قۇرۇق كۆپۈك چىقىرىشنىڭ سىمۋولى ئەمەس، بەلكى خىتاي مۇقىم مۈلۈك سىستېمىسىنىڭ ئەڭ «ساداقەتلىك ۋە ساغلام» ئومۇرتقىسى ھېسابلىناتتى. 2025-يىلى يانۋاردا شىركەتنىڭ باش ئىجراچىسى (CEO) نازارەتكە ئېلىندى. 2025-يىلى دېكابىردا بولسا شىركەت زايوم تۆلىيەلمىدى.⁸ مۆتىدىل تەھلىللەرنىڭ دىياگنوزى ئىنتايىن ئۆتكۈر ئىدى: ئەگەر «Vanke»نىڭ مەبلىغى قۇرۇپ كېتىۋاتقان بولسا، خىتاينىڭ مۇقىم مۈلۈك مالىيە سىستېمىسى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە جان تالىشىۋاتقان بولىدۇ. كرىزىس «خەۋپلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جازالاش» باسقۇچىدىن چىقىپ، سىستېمىنىڭ ئۆزىنى يەيدىغان باسقۇچىغا كىردى.
بۇ تۈزۈلمىلىك ۋەيرانچىلىقنىڭ ئاخبارات سىرتىدىكى ئەڭ قورقۇنچلىق ھالقىسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن مالىيە يۆلەنچۈكلىرىدۇر. يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بىرى، خىتاينىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ئۆز كىرىمىنى يەر-تۇپراق سېتىش ئارقىلىق تەمىنلەپ كەلدى. قېنى بۇنى تۈركىيە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجى كىرىمىگە سېلىشتۈرۈپ باقايلى: خىتاي شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرى تۈركىيەگە سېلىشتۇرغاندا 50 ھەسسە يۇقىرى بىر نىسبەت بىلەن بىرلا كىرىم مەنبەسىگە، يەنى يەر سېتىشقا تامامەن بېقىنىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. كىرىم ئازايغاندا، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيە ئورگانلىرى (LGFV) توختاپ قالغان تۈرلەرنى ۋە دۆۋىلىنىپ كەتكەن قەرزلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى زەنجىرسىمان بىر رېئاكسىيەنى قوزغىدى. يەر سېتىشنىڭ ئازىيىشى يەرلىك ھۆكۈمەت كىرىمىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، يەرلىك مالىيە ئورگانلىرى قەرزىنىڭ ئېشىشى، بانكىلارنىڭ ئىناۋەت خەۋپى، بازاردىكى ئىستېمالنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئۆي باھاسىنىڭ تېخىمۇ چۈشۈپ كېتىشى... قاتارلىقلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئەھۋالدا چۈشۈپ قالدى. «The Diplomat» ژۇرنىلىنىڭ 2025-يىلى سېنتەبىردىكى تەھلىلىدە بۇ ۋەزىيەت تامامەن «ئاستا ۋەيران بولۇش قاپقىنى» دەپ ئاتالدى.⁹
كارمېن رېيىنخارت (Carmen Reinhart) بىلەن كېننېت روگوفنىڭ 2022-يىلىلا ئاگاھلاندۇرغان قورقۇنچلىق مەنزىرە 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پاكىت بىلەن جەزملەشتى. خىتاينىڭ سودا مەركەزلىرىدىكى ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكلىشىشى، 1991-يىلىدىكى ياپونىيەدىكى كۆپۈكلىشىشتىنمۇ چوڭ ئىدى. ياپونىيە بۇ كۆپۈك پارتلىغاندىن كېيىن، ساق «يىگىرمە يىلنى يوقۇش» نى باشتىن كەچۈردى. يەنى 1990-يىللاردىن 2010-يىللارغىچە سوزۇلغان بىر پۇل قىسىش ۋە ئىقتىسادنىڭ توختاپ قېلىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. دېمەككى بۇ «ئەگەر خىتاينىڭ كۆپۈكلىشىشى ياپونىيەنىڭكىدىن چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ۋەيرانچىلىق كۆلىمى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.
ئائىلىلەرنىڭ بايلىقى ئېرىپ تۈگىگەنسېرى، بۇ بېسىم بالا تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىدىغان ئەجەللىك بىر سىرتمىققا ئايلاندى. يى فۇشيەننىڭ 2026-يىلى يانۋاردىكى تەسۋىرى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ ئىككى كىرىزىس ب بىر-بىرىنى سەمىرىتمەكتە: «خىتاي تۇغۇتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆز شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ قايتىدىن قۇرۇشى كېرەك. لېكىن بۇنى قىلىش مالىيە سىستېمىسىنىڭ تۈپتىن پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»¹⁰ بېيجىڭ ھازىر بىر ئۆتكۈر قايچىنىڭ ئىككى تىغى ئارىسىدا قىسىلىپ تۇرماقتا. ھۆكۈمەت يا مۇقىم مۈلۈك كۆپۈكىنى قوبۇل قىلىپ نوپۇسنى قۇربان قىلىدۇ، ياكى مۇقىم مۈلۈك كۆپۈكىنى تېخىمۇ چوڭ كۆپتۈرۈپ ئىقتىسادنىڭ تۈپتىن ۋەيران بولۇشىنى تېزلىتىدۇ. ئوتتۇرىدا ئۈچىنچى بىر يول قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس.
«كاتتا ئەرۋاھ شەھەرلەر» بۇ قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنىڭ ئەڭ كۆرۈنۈشلۈك سىمۋولىدۇر. ئوردوسنىڭ (Ordos) كانگباشى رايونىدىن تىيەنجىننىڭ يۇجياپۇ (Yujiapu) مالىيە مەركىزىگىچە، ئونلىغان غايەت زور تۈرلەر يېتەرلىك نوپۇسنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمىدى. بوش قالغان مېتېروپوللار، ئادەم يوق جىم-جىت كوچىلار ۋە يېرىمىلا ئىشلىتىلىۋاتقان چوڭ سودا سارايلار... بۇلار ئىبنى خالدۇننىڭ «ھەشەمەتچىلىك باسقۇچى» دىياگنوزىنىڭ زامانىۋى قۇرۇلۇش تاشقىنلىرىدۇر. بۇلار بىرىكمە ساداقەتنىڭ ئەمەس قەرزنىڭ، ئېھتىياجنىڭ ئەمەس تەۋرىنىشلىك سودىنىڭ، ئىنسان ھەرىكىتىنىڭ ئەمەس، بەلكى ساختا كىرىم كۆرسەتكۈچىنىڭ (GSYH) قۇرۇپ چىققان روھسىز بېتون ئابىدىلىرىدۇر.
3- ئەجەللىك يېرىق: ئاشكارە ئويۇن ئوينىيالماسلىقنىڭ ۋە ئاشكارىيالماسلىقنىڭ (ئېپىستېمىك) كرىزىسى
خىتاينىڭ ئىچكى ۋەيرانچىلىق فورمىلاسىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق يېرىقى باشقا ئامىللاردىن تامامەن ئالاھىدە بىر يەردە تۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاشكارىيالماسلىق (ئېپىستېمىك) كرىزىسىدۇر. يەنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەتتا ئۆز رېئاللىقىنىمۇ ئۆز پۇقرالىرىغا ۋە سىرتقا ئىزچىل، توغرا بىر شەكىلدە مەلۇم قىلالماسلىقى پۈتۈن باشقا ۋەيرانچىلىق ساھەلىرىنىڭ دىياگنوزىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان تۈپ ئىقتىدارسىزلىقتۇر. بىر بىمارغا توغرا دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقان بولۇشى شەرت. ئەگەر ئەسۋابلار بۇزۇلغان بولسا، بىمار ئۆز ئەھۋالىنى بىلەلمەيدۇ، دوختۇرمۇ داۋالاش پىلانىنى تۈزەلمەيدۇ.
خىتاي بۇ ساھەدە بەلكىم ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاشكارە ۋەيرانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ يالىڭاچ ئۈلگىسى 2023-يىلىنىڭ ئىيۇن-دېكابىر ئايلىرى ئارىسىدا يۈز بەردى. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 2023-يىلى ئاپرېلدا رېكورت ياراتتى. 20.4 پىرسەنت. مايدا 20.8 پىرسەنت. ئىيۇندا بولسا 21.3 پىرسەنتكە چىقتى. 2023-يىلى 15-ئاۋغۇستتا دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي تۇيۇقسىز بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، «ئۇسلۇبنى ياخشىلاش زۆرۈرىيىتى» باھانىسى بىلەن بۇ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.¹¹ دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى، ئۆز ياشلىرىنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ ئىشسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشتىن قاچىدىغان بىر ھاكىمىيەتكە ئايلانغان ئىدى. «TIME» ژۇرنىلىنىڭ بېكىتىشى ئىنتايىن ئېنىق ئىدى: «بۇ سان بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى چىقسا نۇمۇسلۇق ھالغا كېلەتتى ، شۇڭا بۇ سان ئەمدى تامامەن كۆرۈنمەيدىغان بولدى.»
بىر دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقراسىنىڭ ئىش تاپالىغان-تاپالمىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىشى ئادەتتىكى بىر بىيۇروكراتلىق تاللاش ئەمەس، بەلكى ئاشكارىيالماسلىق (ئېپىستېمىك) كىرىزىسىگە بولغان تەسلىمچىلىكتۇر. 2023-يىلى دېكابىردا دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۇچۇر يېڭىلاشنى قايتىدىن باشلىدى، لېكىن ئاتالمىش «ياخشىلانغان» يېڭى ھېسابلاش ئۇسلۇبىدا، 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىستاتىستىكا سىرتىدا قالدۇرۇلغان ئىدى. يېڭى چىققان سان 14.9 پىرسەنت بولدى. لېكىن 2025-يىلى ئىيۇلغا كەلگەندە، بۇ يېڭى ئۇسلۇب ئاستىدىمۇ ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنە قايتىدىن 18 پىرسەنتكە ئۆرلەپ، 11 مىليون 600 مىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇچى ئىش ئىزدەش كوچىسىغا مەھكۇم بولدى.¹² ھېسابلاش ئۇسلۇبىغا سۈرتۈلگەن گىرىم، ئاستىدىكى يارىنىڭ يېرىڭداۋاتقانلىقىنى يوشۇرالمىغان ئىدى.
بۇ ۋەقە يەككە بىر كۆرۈنۈش ئەمەس. خىتاي ئىستاتىستىكا سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىك بولماسلىقى مەسىلىسىدۇر، «WikiLeaks» تاراتقۇسى 2010-يىلى دېكابىردا ئاشكارىلىغان ئامېرىكا دىپلوماتىك مەخپىي تېلېگراممىلىرىدا بۇ شەرمەندىچىلىكنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمىي ئېغىزدىن جەزملەشتۈردى. ئەينى چاغدا لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە سېكرېتارى بولغان لى كېچياڭ (كېيىنكى ئون يىل بويىچە خىتاينىڭ باش مىنىستىرى بولىدىغان شەخس) بىر ئامېرىكالىق دىپلومات بىلەن ئېلىپ بارغان مەخپىي سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GSYH) رەقەملىرىنى «man-made» (ئادەم قولىدا ئويدۇرۇلغان / ساختا) دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى.¹³ لى كېچياڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ھەقىقىي باھا بېرىش ئۈچۈن ئۈچ ئايرىم ئېنىق كۆرسەتكۈچكە تايىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۆمۈر يول يۈك توشۇش مىقدارى، توك سەرپىياتى ۋە بانكىلارنىڭ ئومۇمىي قەرز سوممىسى. يەنى خىتاينىڭ باش مىنىستىرلىق ئورۇندۇقىدا ئولتۇرىدىغان بىر ئەمەلدار دۆلەتنىڭ رەسمىي ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قوشۇمچە كۆرسەتكۈچىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئامېرىكالىق دىپلوماتقا مەخپىي ھالدا ئىقرار قىلغان ئىدى.
بۇ جۈملە ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى خىتاينىڭ رەسمىي ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچسىزلىكىنى بىر غەربلىك تەھلىلچى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۆز باش مىنىستىرى ئېيتقانىدى. سىستېمىلىق ساختىكارلىقنىڭ مەنبەسى كۆپ ۋاقىتلاردا مەركەزدىن ئەمەس، بەلكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن ئۆرلەيدۇ. «Hang Seng Bank China» شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى دان ۋاڭ (Dan Wang) نىڭ بېكىتىشىچە: «يەرلىك ئەمەلدارلار بەزىدە يەرلىك ئىقتىسادنىڭ نەتىجىسىنى ئاشۇرۇپ كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ سىناش ۋە ئەمەل – ھوقۇقلىرىنىڭ ئۆسۈشى دەل مۇشۇ نەتىجىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ» «American Enterprise Institute» ئورگىنىدىن دېرەك سىسسورىسنىڭ (Derek Scissors) تەبىرى تولىمۇ ئۆتكۈر: «پارتىيە ئىقتىسادىي تۇراقسىزلىققا قەتئىي چىداپ تۇرالمايدۇ، شۇڭا ھەممە نەرسىنى تۈزلەپ (ئوڭشالغاندەك قىلىپ) كۆرسىتىدۇ»
بېيجىڭ 2024-يىلى نويابىردا يېڭى بىر «ئىستاتىستىكا قانۇنى تۈزىتىلمىسى» نى كۈچكە ئىگە قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئىستاتىستىكىلىق ساختىكارلىقتىن رەسمىي جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىشقا باشلىدى. بىر ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا ئورگانلىق ساداقەتنى قانۇن بىلەن مەجبۇرلاشقا توغرا كېلىۋاتقان بولسا، ئەمەلىيەتتە بۇ ئورگانلىق ساداقەتنىڭ چىرىش كۆلىمىنى ئۆزى ئىقرار قىلىۋاتىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ساغلام بىر ھاكىمىيەت سىستېمىدا دوكلات ساختىكارلىقىنى قانۇنلار بىلەن ئەمەس، ئورگانلىق ئەنئەنە بىلەن توسىدۇ.
بۇ ئاشكارىيالماسلىق كرىزىسىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق مىسالى ئاشكارىلانغان شەرقىي تۈركىستان ئارخىپىدا پارتلاپ چىقىدۇ. خىتاي دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2020-يىلى 17-سېنتەبىردىكى «شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئەمگەك ھوقۇقى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا، 2014 – يىلىدىن 2019-يىللار ئارىسىدا رايوندا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 290 مىڭ كىشىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش لاگېرىدا» تەربىيەلەنگەنلىكى رەسمىي سان بىلەن جاكارلىنىدۇ. ئالتە يىللىق ئومۇمىي يىغىندىسى 7 مىليون 740 مىڭ كىشى دېگەنلىك بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان «1 مىليون لاگېر تۇتقۇنى» مۆلچەرىنى «يالغان ۋە تۆھمەت» دەپ رەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىپتىخارلىق ئاق تاشلىق ھۆججىتىدە دەل ئاشۇ رەت قىلغان قىلمىشىنىڭ يەتتە ھەسسە چوڭ كۆلىمىنى ئۆز ئىمزاسى بىلەن جەزملەشتۈرىدۇ. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئەمدى ئۆز بايانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماتېماتىكىلىق لوگىكىنىمۇ تۇتۇشتۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۆزى رەت قىلغان قىلمىشىغا يەنە ئۆزى ئىپتىخار بىلەن ئىمزا قويماقتا.
بېيجىڭنىڭ سۇن زىچە ھىيلە-مىكىرگە (ئاجىز ۋاقتىدا كۈچ كۆرسىتىش، غەرەزنى يوشۇرۇشقا) چىڭ يېپىشىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى غەربكە قاراتقان ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈك ئەمەس، بەلكى ئۆز رېئاللىقىنى ئۆز سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن قوغدىيالماسلىقىدىن تۇغۇلغان. ئاشكارە ئويۇن ئوينىيالمايدىغان نەيرەڭۋاز، ئالدى بىلەن ئۆز ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىشەنچسىزلىكىدە بوغۇلۇپ ئۆلمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتى سەمىرىپ كەتكەن بەدىنىنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بىر جەسەتكە ئايلىنىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.
بۇ ئاشكارىيالماسلىق كرىزىسىنىڭ سەل قارىلىۋاتقان يەنە بىر چوڭقۇر قاتلىمى بار، ئۇ بولسىمۇ رېئاللىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان رەقەملىك كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ مالىيە جەھەتتە بىر قارا ئۆڭكۈر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدۇر. بېيجىڭنىڭ چىراي تونۇش سىستېمىلىرى، پۇقرالار ئىناۋەت نۇمۇرى سىستېمىسى، سۈنئىي ئەقىل قوللىغان سېنزور (چەكلەش) ئۇل ئەسلىھەسى ۋە «تيەنۋاڭ» (Skynet) دەپ ئاتالغان كامېرا تورى يەككە ھالدا بىر دۆلەت خام چوتىنى يەپ تۈگىتىدىغان ئىككىنچى بىر ئىقتىسادىي قارا ئۆڭكۈرگە ئايلاندى. مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ يىللار ئىچىدە جەزملەشتۈرگەن سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك چىقىملىرى 2023-يىلىغا كەلگەندە تەخمىنەن 1.4 تىرىليون يۈەن (تەخمىنەن 200 مىليارد دوللار) غا يېتىپ، رەسمىي سىرتقى مۇداپىئە (ھەربىي) خامچوتىدىن ئېشىپ كەتكەن. قېنى بۇنى بىر سېلىشتۇرۇپ باقايلى!
خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت سىرتتىكى دۈشمەنلىرىگە قارشى سەرپ قىلغان چىقىمىدىن جىقراق پۇلنى ئۆز پۇقرالىرىنى كۆزىتىشكە خوراتماقتا. خىتاي چېگرالىرى ئىچىدە 626 مىليون دانە كۆزىتىش كامېراسى ئىشلىتىلمەكتە،(يەنى ھەر 2.4 كىشىگە بىر كامېرا) يەر شارىدىكى ئومۇمىي كامېرا زاپىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى بىرلا دۆلەتكە يىغىلغان دېيىشكە بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا 2017 – يىلىدىن 2019-يىللار ئارىسىدا يەرلىك ئىچكى بىخەتەرلىك چىقىملىرىنىڭ رايون ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 5.6 پىرسەنتىگە يەتكەنلىكى رەسمىي ھۆججەتلەندى. دېمەككى، بىر رايون ئىقتىسادىنىڭ يىگىرمىدە بىر قىسمىدىن كۆپرەكى پەقەت ئۆز خەلقىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلمەكتە. خاڭجۇ ۋە شېنجېنغا ئوخشاش سىناق شەھەرلەردە، نەق مەيدان چىراي تونۇش سىستېمىلىرىنىڭ يىللىق توك سەرپىياتىلا 15-20 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولماقتا.²⁵ (تەخمىنەن 3 مىليارد دوللار)
بۇ يەردىكى لوگىكىلىق تەتۈر ئايلىنىش مۇنداق: ئىقتىسادىي يۈكسىلىش ئاستىلىغانسېرى، خەلقنىڭ نارازىلىقى ئاشىدۇ. نارازىلىق ئاشقانسېرى، كۆزىتىش ئاپپاراتى كەڭەيتىلىدۇ. كۆزىتىش ئاپپاراتى كەڭەيتىلگەنسېرى، مالىيە يۈكى ئېغىرلىشىدۇ. مالىيە يۈكى ئېغىرلاشقانسېرى، ئىقتىسادىي يۈكسىلىش تېخىمۇ ئاستىلايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، رېئاللىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ئۆزى بىر مالىيە ۋامپىرغا ئايلانغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. دەرۋەقە تېخنىكىلىق فاشىزم بىر كۈچ كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى مالىيە جەھەتتىكى بىر گۆرۆگە ئېلىنىشتۇر. ھەر بىر كۆزىتىش كامېراسى، ھەر بىر سۈنئىي ئەقىل سېنزور (چەكلىگۈچىسى)، ھەر بىر چىراي تونۇش مۇلازىمېتېرى خىتاينىڭ 2049-يىلىلىق چۈشىدىن يۇلۇپ ئېلىنغان ئايرىم بىرەر خامچوت تۈرىدۇر.
4- ئەجەللىك يېرىق: ئورگانلاشقان چىرىكلىك گېنى ۋە پارىسىز ئىشلىمەيدىغان دۆلەت سىستېمىسى
خىتاينىڭ ئىچكى ۋەيرانچىلىق فورمىلاسىدا كۆپىنچە ناتوغرا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ياكى يۇمشىتىپ ئۆتۈپ كېتىلىدىغان بىر يۆنىلىش بار، ئۇ بولسىمۇ دۆلەتنىڭ مەشغۇلات لوگىكىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىكتۇر. يەنى خىتايدا پاراخورلۇق بىر چېرىكلىك ئەمەس، بەلكى سىستېمىنى مايلايدىغان فونكىسىيون يېغىدۇر. بۇ ئەخلاقىي بىر ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى نەخ كۆزىتىشكە تايانغان ئورگانلىق بىر دىياگنوزدۇر.
ئۈچ مىڭ يىللىق دۆلەت ئەنئەنىسىدە «گۇەنشى» (关系 مۇناسىۋەت) دەپ ئاتىلىدىغان بىر تور دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گېنلىرىغىچە چوڭقۇر سېڭىپ كەتكەن. بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئەڭ يېقىن چۈشەندۈرۈشى «ئارقا ئىشىك» (ياكى ۋاسىتە) بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا تولۇق مەنىنى بىلدۈرەلمەيدۇ. گۇەنشى ئارقا ئىشىكتىن تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، مۇناسىۋەت قۇرۇشنى بىر ھاياتلىق پەلسەپىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشتۇر. بىر خىتاي سودىگىرى يېنىدا ۋىزىتقارت ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەت تورى توشۇيدۇ. بىر دۆلەت ئەمەلدارى مائاشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزنىڭ ئارقا ئىشىك مۇناسىۋەت تورى بىلەن ياشايدۇ. بىر زىيالىي ئىلمىي ماقالىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇستازىنىڭ ئورۇنباسارلىقى بىلەن ئۆسىدۇ. «گۇەنشى» (ئارقا ئىشىك ئەنئەنىسى) ھەدىيە بېرىش پائالىيىتىنى بىيۇروكراتلىق قارار چىقىرىش جەريانىنىڭ مۇتلەق ئالدىنقى شەرتىگە ئايلاندۇرىدۇ.
بۇ ئورگانلاشقان قېلىپ خىتاينىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. بىر مەھەللە كومىتېتىدىن رۇخسەت ئېلىش ئۈچۈن قىممەت باھالىق بىر كارتون تاماكا، بىر كىچىك ناھىيەنىڭ تەستىقى ئۈچۈن ھەدىيە قىلىپ بېرىلگەن ئالىي ھاراق بوتۇلكىسى، بىر دوختۇرخانا ئۆچىرىتىدە ئالدىغا ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن «قىزىل بولاق» (红包 — خوڭباۋ)، بىر ئىش تىجارەت رۇخسەتنامىسى ئۈچۈن داغدۇغىلىق زىياپەت (宴请 — يەنچىڭ)، بىر مەكتەپ ئورنى ئۈچۈن «مەسلىھەتچىلىك» پۇلى... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى خىزمەت مۇساپىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، خىتاي پۇقراسىنىڭ بۇلاردىن ئايرىلىپ بىرەر ئىش بېجىرىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس.
بۇ مەنزىرىنى بىر غەربلىك تەھلىلچى ئۆزىچە ئويدۇرۇپ چىققان ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۆز دۆلەت ئاگېنتلىقلىرىنىڭ قەلىمى بىلەن ئىقرار قىلىنغان. «China Daily» گېزىتى 2009-يىلى 31-مارتتىكى باش ماقالىسىدە، ئالىي تاماكا ۋە ھاراقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە سېتىۋالغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئەمەس، دەل سېتىلىۋىلىشنىڭ تۈپ نىشانى بولغان مەنپەئەتدارلار تەرىپىدىن ئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى يازغان.¹⁴ بۇ ۋەقەنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە نەنجىڭدا چىرىكلىك بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان جۇ جىئۇگېڭنىڭ (Zhou Jiugeng) يېنىدىن چىققان تاماكا ماركىسى (ئىچكى بازاردا يوشۇرۇن پارانىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تاماكا) بۇ شەرمەندىچىلىك ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بازاردا سېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە %70 ئاشقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي گېزىتى تاماكا ۋە ھاراقلارنىڭ تۈپ ئىشلىتىلىش فۇنكسىيەسىنىڭ پارا ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئۆز جۈملىلىرى بىلەن جەزملەشتۈرگەن. بۇ يەردىكى ئەڭ قىزىقارلىق يەر شۇكى، چىرىكلىك ئاشكارىلانغاندا تاماكا ماركىسىنىڭ سېتىلىشى چۈشۈپ كەتمەستىن تېخىمۇ ئاشقان، چۈنكى خەلق «پارا بېرىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ توغرا ماركىنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى» بىلگەن.
خىتاي ئاكادېمىيە ساھەسىدە (Mayfair Yang 2002، Yadong Luo 2008، Jin Jianzhe ۋە Zhao Hongxin 2010، Zhihui Fu ۋە دوستلىرى 2025) ئۆزئارا جەزملەشتۈرگەن باھا ئېنىق. «گۇەنشى» (ئارقا ئىشىك ئەنئەنىسى) يالغۇز چىرىكلىكنى ئاسانلاشتۇرۇپلا قالماي، سوت جەريانىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ چىرىكلىكنى ئورگانلىق ھىمايە بىلەن تەمىنلەيدۇ. «SAGE Journals» دا 2025-يىلى ئېلان قىلىنغان، 2016 – يىلىدىن 2020-يىللار ئارىسىدىكى 266 خىتاي شەھىرىدىن 70 مىڭ 186 سوت قارارى تەھلىل قىلىنغان گۇرۇپپا خىزمىتىگە ئاساسلانغاندا، رايونلۇق «گۇەنشى» (ئارقا ئىشىك ئەنئەنىسى) نىڭ قويۇقلۇقى ئاشقانسېرى چىرىكلىك دەۋالىرىنىڭ سانى كۆپەيمەكتە، لېكىن دېلو بېشىغا بېكىتىلگەن پارا مىقدارى تۆۋەنلىمەكتە.¹⁵ يەنى سىستېما كىچىك پارالارنى نورماللاشتۇرۇپ كۆزدىن يوشۇرماقتا، چوڭىنى بولسا تاللاپ تۇرۇپ جازالىماقتا.
چىرىكلىك گېنىنىڭ ئىچكى ئەكسىنى ئاشكارىلىغان ئىككىنچى ۋە تېخىمۇ چۆچۈتەرلىك پاكىت شۇكى، خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت مېخانىزمىمۇ دەل مۇشۇ چىرىكلىك قۇرۇلمىسىغا تايىنىدۇ. كىلاسسىك خىتاي ئىستراتېگىيە ئەنئەنىسىنىڭ ئومۇرتقىسىدا ياتقان بىر ئالتۇن قائىدە بار: «دۈشمەننى سېتىۋېلىش، ئۇرۇشۇشتىن ئەرزان بولىدۇ» سۇن زىنىڭ «جاسۇسلۇق» بۆلۈمى غەلىبە قىلىشنىڭ يولى كۆپىنچە ھەربىي زەربىدىن ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ قارار چىقارغۇچى ئەمەلدارلىرىنى سېتىۋېلىشتىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ.
بىلگە خاقاننىڭ ئورخۇن يېزىقلىرىدا تۈرك خەلقىگە 1300 يىل بۇرۇن قالدۇرغان ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ مەشغۇلات لوگىكىسىنى دەل مۇشۇ ئېنىقلىق بىلەن ئىپادىلەيدۇ: «خىتاي خەلقىنىڭ سۆزى تاتلىق، يىپەك رەختى يۇمشاق، تاتلىق سۆزلىرى ۋە يۇمشاق يىپەك رەختلىرى بىلەن ئالداپ، يىراقتىكى خەلقلەرنى ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ»
بىلگە خاقاننىڭ تاشقا ئويغان «يۇمشاق يىپەك رەخت» ئوخشىتىشى ئادەتتىكى بىر رەخت تۈرىنى ئەمەس، بۈگۈنكى تىل بىلەن ئېيتقاندا پارا كونۋېرتىنى كۆرسىتىدۇ. بىلگە خاقان قوشنىسىنى شۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەنگەن ئىدىكى، خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ مەركىزىدىكى پارا گېنىنى بۇ ئوخشىتىش بىلەن رەسمىي بېكېتكەن.
ھازىرقى زامانىۋى دەۋردىمۇ بۇ ئوخشىتىشنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنىشى دەلىللەنگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. «The New York Times»، «Financial Times»، «Reuters» ۋە «The Wall Street Journal» قا ئوخشاش تاراتقۇلارنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رامكىسىدا ئىمزالانغان قەرز كېلىشىملىرىدە، قەرز ئالغۇچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ۋە يادرولۇق مىنىستىرلىرىغا ناھايىتى چوڭ يوشۇرۇن كومىسسىيە (پىرسەنت ئايرىپ بېرىش) پۇلى (يەنى پارا) بېرىلگەن. ۋىللىيام ۋە مارىي (William & Mary) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان «Banking on the Belt and Road» ناملىق تەتقىقاتتا، 2000 – يىلىدىن 2017-يىللار ئارىسىدىكى 165 دۆلەتكە يېيىلغان 13 مىڭ 427 تۈر ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي سوممىنىڭ 2024-يىلىغا كەلگەندە بىر تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.¹⁶ دەل مۇشۇ تەتقىقات، قەرزلەرنىڭ چوڭ بىر قىسمىنىڭ رەسمىي خامچوتلاردىن سىرت، بىۋاسىتە سەرخىللارغا تۆلىنىدىغان پارا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوفشور (يوشۇرۇن) ھېساباتلارغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
پاكىستاندا ئىمران خاننىڭ ھاكىمىيەت تەجرىبىسى بۇ ئەندىزىنىڭ مەشغۇلات مەيدانىدىكى ئەڭ چۆچۈتەرلىك ئەدلىيەلىك ئىسپاتىدۇر. ئىمران خان 2018-يىلى سايلام شوئارى سۈپىتىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئاشكارىلىق ۋەدىسى بىلەن باش مىنىستىرلىققا سايلانغاندا، ئەڭ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى دەپ قارالغان خىتاينىڭ CPEC (خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى) لايىھەسىدىكى قەرز كېلىشىملىرىنىڭ مەخپىي تۇتىلىشى ھەتتا پارلامېنتتتىنمۇ يوشۇرۇلىشىغا قارشى چىققان ۋە يوشۇرۇن پارالارنى تەكشۈرۈشكە يۈزلەنگەن. نەتىجە ئىنتايىن تېز بولغان. 2022-يىلى ئاپرېلدا پارلامېنتتىكى ئىشەنچ بېلەت تاشلىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان، 2023-يىلى ئاۋغۇستتا قولغا ئېلىنىپ، بىر قانچە دېلو بىلەن تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنغان. سىستېما، يوشۇرۇن پارالارنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنغان رەھبەرنى سىستېمىلىق تۈردە مەيداندىن چىقىرىپ تاشلىماقتا. چۈنكى ئاشكارىلىنىش، خىتاينىڭ پارا بېرىش ئۈستىگە قۇرۇلغان دىپلوماتىيە ئەندىزىنىڭ بىر پۈتۈن ۋەيران بولۇشى دېگەنلىك بولاتتى.
بۇ ئەندىزىنىڭ ئاخىرقى ھۆججىتىنى بىرلا جۈملە بىلەن خۇلاسىلەش مۇمكىن: خىتاي پارىسىز تاشقى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە يۈرگۈزەلمەيدىغان بىر دۆلەتتۇر. بۇ ئەخلاقىي بىر قۇسۇر ئەمەس، بەلكى ئۈچ مىڭ يىللىق دۆلەت ئەنئەنىسىدىن شەكىللەنگەن قۇرۇلمىلىق بىر مەجبۇرىيەتتۇر. بۇ بىلگە خاقاننىڭ «يۇمشاق يىپەك رەخت» دەپ دىياگنوز قويغان خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ 21-ئەسىردىكى نامايەندىسىدۇر. ئىچكىرىدە بىر مەھەللە كومىتېتىدا بىر كارتون تاماكا بىلەن باشلانغان زەنجىر سىرتتا دۆلەت رەئىسلىرىگە تۆلىنىدىغان ئون مىليون دوللارلىق يوشۇرۇن ئوفشور پارالىرى بىلەن نۇقتىلىنىدۇ. مەشغۇلات لوگىكىسى تامامەن بىر، پەقەت كۆلىمىلا ئوخشىمايدۇ.
خىتايدا پاراغا بولغان خۇمار بىر خاراكتېر جەھەتتىكى ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت كودىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن بىر گېن ئۆلچىمىدۇر. «مۇناسىۋەت بولمىسا ئىش بولمايدۇ، مۇناسىۋەت ھەدىيە بىلەن باشلىنىدۇ» شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلىدىن باشلاپ جاكارلىغان «يولۋاس ۋە چىۋىن ئوۋلاش» (打虎拍蝇) چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە، تۆت مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە كادىرى تەكشۈرۈلگەن تۇرۇغلۇق، مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ يەردە يوشۇرۇنغان. شى جىنپىڭ بىر جىنايەتنى ئەمەس، بەلكى بىر مەدەنىيەتنى سوتلىماقچى بولماقتا. بۇ ھەرىكەت شۇ ۋەجىدىن بىر ئىسلاھات ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىشى مەجبۇرىي بولغان بىر تارتىشىشقا ئايلىنىپ قالغان، چۈنكى ھەر بىر دولقۇندا ئىلگىرىكىنىڭ ئورنىنى باسقانلارمۇ يەنىلا دەل مۇشۇ چىرىكلىك قانىلى بىلەن ئۆرلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە سىستېما ئۆزىنى تازىلايدىغان ئاپپاراتنىڭ خام ئەشياسىنى ئۆزى يارىتىپ چىقىرىدۇ. شى جىنپىڭ ئۆزىمۇ «گۇەنشى» (ئارقا ئىشىك ئەنئەنىسى) ئارقىلىق بۈگۈنكى مەنسەپكە كەلگەن.
5- ئەجەللىك يېرىق سارايدىكى يالغۇزلۇق: شى جىنپىڭنىڭ ئۆز كادىرلىرى بىلەن بولغان جېدىلى
مۇستەبىت بىر تۈزۈمنىڭ مەركىزىدە تۇرغان رەھبەر تەتۈر لوگىكىلىق بىر زىددىيەتنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇ ئۆز قولىغا قانچە مۇتلەق كۈچ-قۇدرەت توپلىغانسېرى، ئەتراپىدا ئىشىنىدىغان ئادىمى شۇنچە ئازىيىپ يالغۇز قالىدۇ. خىتاينىڭ ئاخىرقى تۆت يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان ساراي ئىچى تازىلاش دولقۇنى، ئىبنى خالدۇننىڭ «قۇرغۇچى ئەۋلادنىڭ ئەسابىيە (بىردەكلىك) روھىنى ئۈچىنچى ئەۋلادتىن تاپالمىغان ساراينىڭ ۋەھىمىسى» ئېنىقلىمىسىنىڭ 21-ئەسىردىكى زامانىۋى كۆرۈنۈشىدۇر.
بۇ تۇيۇق يولنىڭ كۆپىنچە كۆزدىن قاچۇرۇلىدىغان قاتلىمى شۇكى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىمۇ ئورگانلاشقان «گۇەنشى» (ئارقا ئىشىك ئەنئەنىسى) مېخانىزىمنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بەلكى دەل شۇ مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچىدىن ئۆرلەپ چىققان. ئۇ 1986-يىلى شىيامېن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان چاغدا، بىرىنچى ئايالىنى تاشلاپ ئۆيلەنگەن ئىككىنچى ئايالى پېڭ لىيۈەن ئاللىقاچان بېيجىڭ مەركەزلىك مەدەنىيەت-ھەربىي كاپىتالنىڭ (سەرمىيەنىڭ) ساھىبى ئىدى. ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ (CCTV) يېڭى يىللىق تەبرىكلەش كېچىلىكىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سەنئەت ئاكادېمىيەسىدە گېنېرال-مايورلۇق ئۇنۋانى بار كادىر ھەمدە بېيجىڭنىڭ سىياسىي-مەدەنىيەت سورۇنلىرىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت تورىغا ئىگە بىر سەتەڭ ئىدى. ئاكادېمىيە دۇنياسىدىن ۋىللى ۋو-لاپ لام (Willy Wo-Lap Lam)، چېڭ لى (Cheng Li) ۋە «Nikkei Asia» ژۇرنىلىنىڭ تەھلىللىرىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، پېڭ لىيۈەننىڭ بېيجىڭدىكى يىلتىز تارتقان مۇناسىۋەت تورى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكىلەردىن پارتىيە مەركىزىگە ئۆتۈشىدە ئىستراتېگىيەلىك كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. بۇ ھەم خىتاي سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىلىق لوگىكىسىنىڭ (يەنى ئۆلكىدىن مەركەزگە چىقىشنىڭ پەقەت بېيجىڭدىكى توغرا لىنىيەلىك ئارقا ئىشىك مۇناسىۋەتلەر بىلەنلا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنىڭ) ئېنىق ئىپادىسى، ھەم «گۇەنشى» (ئارقا ئىشىك مۇناسىۋىتى) نىڭ ئەڭ ئالىي پەللىدە تۇرۇپمۇ دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن شەرتى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
پېڭ لىيۈەننىڭ 2024-يىلى خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاممىغا ئاشكارىلانمىغان كادىرلارنى سىناپ باھالاش كومىتېتىغا (中央军委干部考评委员会) يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزا قىلىپ تەيىنلىنىشى بۇ مۇناسىۋەت زەنجىرىنىڭ مەشغۇلات جەھەتتىكى ئىزچىللىقىنى ئاشكارىلىدى.¹⁷ سۈرگۈندىكى سابىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى سەي شىيانىڭ (Cai Xia) تەھلىلى بىلەن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ پارتىيە-دۆلەت ئاپپاراتىنى باسقۇچلار بويىچە «شىنىڭ ئائىلە ئارمىيەسىگە» (习家军 — شى جياجۈن) ئايلاندۇرماقتا. ھەربىي تەيىنلەشلەر ئىقتىدارغا بېقىپ ئەمەس، بەلكى ساداقەتمەنلىكىگە قاراپ بەلگىلانمەكتە.
خىتايدىكى چىرىكلىك گېنى شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي ئۆرلەش مۇساپىسى ۋە نۆۋەتتىكى تۈرمىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىر يەرگە كەلگەندە، «يولۋاس ۋە چىۋىن ئوۋلاش» ھەرىكىتىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى ئايان بولىدۇ. سىستېما تامامەن پاراخورلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە شى جىنپىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇ سىستېمىدىن ئۆرلەپ چىققان تۇرسا، بۇ ھەرىكەتنى بىر ئىسلاھات دەپ چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھەقىقىي بىر ئىسلاھات شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆرلەش قاناللىرىنىمۇ سوتلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇ بولسا ئۇنىڭ ھاكىمىيەت مەشروئىيىتىنى (قانۇنلۇق ئاساسىنى) يوقىتىدۇ. نەتىجىدە قولدا پەقەت بىرلا لوگىكىلىق يۆنىلىش قالىدۇ. چىرىكلىك تەكشۈرۈشلىرى، سارايدىكى رەقىب گۇرۇھلار (بو شىلەينىڭ چۇڭچىڭ گۇرۇھى، جۇ يۇڭكاڭنىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتى، ياشلار ئىتتىپاقى گۇرۇھى «تۇەنپەي» ۋە شاڭخەيلىكلەر گۇرۇھى) نى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن قانۇنىي پەردىدىنلا ئىبارەتتۇر. تەكشۈرۈلگەن تۆت مىليوندىن ئارتۇق كادىرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ساداقەت ھالقىسىنىڭ سىرتىدا بولۇشى، بۇ باھانى ئىستاتىستىكىلىق جەھەتتىن جەزملەشتۈرىدۇ.
سۇن زىنىڭ «ئۇرۇشماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىش» پرىنسىپىنى شى جىنپىڭ، 21-ئەسىر بېيجىڭىنىڭ ساراي سىياسىتىدە «سوتلىتىش ئارقىلىق ئۆچۈرۈش» شەكلىدە ئىشلەتمەكتە. بۇ ھەرىكەتنىڭ جەمئىيەتتە ياراتقان ئوبرازى ئۇنىڭ مەشروئىيەت قالقىنى بولۇۋاتقان بولسا، ئەمەلىي نىشانى (رەقىب مەركەزلەرنى يوقىتىش) ساراينى تۈپ يالغۇزلۇققا ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ ئۆزىدۇر.
ساراي ئىچىدىكى تازىلاشنىڭ سەل قارىلىۋاتقان ئۈچىنچى قاتلىمى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئوخشاشلا بېيجىڭنىڭ يەر شارى مالىيە كاپىتالى (مەبلىغى) بىلەن قۇرغان كۆرۈنمەس «مەخپىي نىكاھى» نىمۇ يېرىۋېتىشىدۇر. شى جىنپىڭ سوتلىغان شاڭخەيلىكلەر گۇرۇھى، ياشلار ئىتتىپاقى («تۇەنپەي») ۋە چۇڭچىڭ گۇرۇھى پەقەت ئىچكى رەقىبلەرلا ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ۋال ستېرىت (Wall Street)، خوڭكوڭ بازارلىرى ۋە يەر شارى مالىيە گىگانتلىرى بولغان «BlackRock»، «Goldman Sachs»، «Morgan Stanley» لەر بىلەن چوڭقۇر شېرىكلىك فوند مەنپەئەتىگە باغلانغان قۇرۇلمىلار ئىدى. بۇ گۇرۇھلار 1990-يىللاردىن 2010-يىللارغىچە خىتاينىڭ يەر شارى مالىيە سىستېمىسى بىلەن شەكىللەنگەن قان تومۇرىنىڭ توشۇغۇچىلىرى ئىدى. بۇ قۇرۇلمىنىڭ سىمۋوللۇق ئىسمى، «خىتاينىڭ ۋال ستېرىتتىكى باش ئەلچىسى» دەپ بىلىنىدىغان ۋاڭ چىشەن ئىدى.
«Goldman Sachs» ۋە «Morgan Stanley» لەرنىڭ بېيجىڭدىكى كۆۋرۈكى بولغان ۋاڭ چىشەن، يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بويىچە خىتاي ئىسلاھاتىنىڭ يەر شارى مالىيە سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ پىلانلىغۇچىسى بولدى. لېكىن ئۇ 2023-يىلى پېنسىيەگە ئۇزىتىلىپ، سىياسىي سەھنىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. دەل مۇشۇ دولقۇن، باشقا سىمۋوللۇق ھالقىلارنىمۇ بىر-بىرىگە ئۇلاپ قىرىپ تاشلىدى. دېڭ شياۋپىڭنىڭ نەۋرە قىزىنىڭ يولدىشى بۇ شىيەنخۇي باشقۇرغان «Anbang Insurance» (نيۇ يوركتىكى Waldorf Astoria ۋە Ritz-Carltonمېھمانخانىلار زەنجىرىنىڭ ساھىبى) 2018-يىلى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈۋېلىندى، ئۇنىڭ باش ئىجراچىسى 18 يىللىق تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى. 2021-يىلى «Hilton» ۋە «Deutsche Bank» لەرنىڭ چوڭ پايچىكى بولغان HNA Group» » ۋەيران بولدى. جەك مانىڭ (ما يۈن) «Ant Financial» شىركىتىنىڭ 2020-يىلى نويابىردىكى رېكورت ياراتماقچى بولغان پاي چېكى بازارغا چىقىش پىلانى، بازارغا سېلىنىشقا نەچچە سائەت قالغاندا بىۋاسىتە بېيجىڭ تەرىپىدىن بىكار قىلىندى.²⁶
بۇ تازىلاشلارنىڭ خىتاي چېگراسىنىڭ سىرتىدىكى مالىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى بىرلا سان بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ: 2018 -يىلىدىن 2025-يىللار ئارىسىدا خىتايدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەن ساپ مەبلەغ تەخمىنەن 800 مىلياردتىن 1.2 تىرىليون دوللارغا يەتتى. بۇنى مۇنداقمۇ سېلىشتۇرۇش مۇمكىن: 1.2 تىرىليون دوللار، تۈركىيەنىڭ بىر يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ (GSYH) تەخمىنەن بىر يېرىم ھەسسىسىگە تەڭ. خىتاي يەتتە يىل ئىچىدە، «تۈركىيەدەك دۆلەتنىڭ بىر يېرىم ھەسسە ئىقتىسادى چوڭلۇقىدىكى» مەبلەغنىڭ سىرتقا قېچىپ كەتكەنلىكىگە شاھىت بولدى. مەبلەغلەر، گۇرۇھلارنى يوقىتىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتكە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن قاچتى. چۈنكى يوقىتىلغان گۇرۇھلار، يەر شارى كاپىتالىنىڭ خىتاي بىلەن سۆزلىشىدىغان بىردىنبىر ۋاسىتىچى تىلى بولغان ئورگانلىق قۇرۇلمىسىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. شى جىنپىڭنىڭ سارايدىكى يالغۇزلۇقى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بېيجىڭنىڭ يەر شارى مالىيە ئۈستىلىدىمۇ زىيانغا ئېلىپ بارىدىغان يالغۇزلۇقتۇر. ساراي ئۈستەلدە يالغۇز ئولتۇرغاندا، يەر شارى مەبلىغى ئۇ ئۈستەلگە كەلمەيدۇ.
ساراي ئىچىدىكى تازىلاشنىڭ تاراتقۇلارغا ئەكس ئەتكەن ھالقىسى 2023-يىلى ئىيۇلدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ غايىب بولۇشى بىلەن باشلاندى. پەقەت ئالتە ئاي بۇرۇن ۋەزىپىگە كەلگەن، شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي كۆلچىكىدە يۈكسىلىۋاتقان بۇ چولپان تۇيۇقسىز ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. ئىككىنچى زەربە مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇغا كەلدى. ئۇ 2023-يىلى 29-ئاۋغۇستتا ئاخىرقى قېتىم كۆرۈندى، ئۆكتەبىردە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. 2023-يىلى دېكابىردا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن توققۇز گېنېرال قوغلاپ چىقىرىلدى. بۇلاردىن بەش نەپىرى راكېتا ئارمىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.¹⁸ راكېتا ئارمىيەسى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك يادرولۇق ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىقتىدارىنى باشقۇرىدۇ. بۇ قوماندانلىق قاتلىمىنىڭ تازىلىنىشى، دۆلەتنىڭ ئەڭ نازۇك ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە بولغان گۇماننىڭ قانچىلىق زور دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2024-يىلى نويابىردا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئادمىرال مياۋ خۇا تەكشۈرۈشكە ئېلىندى. مياۋ خۇا 1990-يىللاردىن بىرى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەندىكى خىزمەتچى جۈپى ۋە ئالاھىدە تەربىيەلىگەن ئادىمى ئىدى. ئۇنىڭ يىقىلىشى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك نازارەت ئاپپاراتىنىڭمۇ چىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن قوبۇل قىلغانلىقى بولدى.
بۇ ۋەيرانلىق سۈرئىتى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تېخىمۇ ئېنىقلىشىدۇ. «ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەركىزى» (CSIS) قارمىقىدىكى «ChinaPower Project» ئورگىنىنىڭ 2026-يىلى فېۋرالدىكى تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، 2023 – يىلىدىن 2024-يىللاردا 19 يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر تازىلاندى. 2025-يىلى يەنە 15 گېنېرال (9 ىغا پارتىيەدىن قوغلاش، 6 سىگە ۋەزىپىسىدىن ئېلىش جازاسى بېرىلدى) ۋە 2025-يىلى بويىچە كەم دېگەندە 46 گېنېرال ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشماي «غايىب بولغانلار» قاتارىغا قوشۇلدى.¹⁹ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى (CMC) شۇ قەدەر پارچىلاندىكى، لى شاڭفۇ ۋە مياۋ خۇادىن كېيىن كومىتېت ئۈچ رەسمىي ئەزا ئورنىغا ۋاقىتلىق ئىككى ئەزا بىلەن ئىشلەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
بۇنىڭ تەسىرى ئۆلچەملىكتۇر. 2024-يىلى خىتاي-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 14 قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، 2025-يىلى بۇ سان ئالتە قېتىمغا چۈشۈپ قالدى. 2018-يىلىدىن بىرى ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇرەككەپ، كۆپ ساھەلىك بىرلەشمە مانېۋىرلار 2024-يىلى تۆت قېتىمغا چۈشتى، 2025-يىلى بولسا بىرىسىمۇ ئۆتكۈزۈلمىدى. «ChinaPower» نىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا: «بۇ تازىلاشلار خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇرەككەپ مانېۋىرلارنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى تامامەن زەئىپلەشتۈرۈۋەتتى»
بۇ جەرياندىكى ئەڭ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە «قارار چىقىرىش پالەچلىكى» دۇر (قارار چىقىرىش كۈچىنىڭ توختاپ قېلىشى). ۋاقىتلىق گېنېرال-مايورلار باشقۇرىۋاتقان قىسىملاردا ئوفىتسېرلار تەكشۈرۈشكە ئۇچراپ قېلىش ۋەھىمىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا مەسئۇلىيەت ۋە تەشەببۇستا بولۇشتىن ئۆلگىدەك قورقۇيدىغان ھالغا كەلدى. تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق بىر جىددىيچىلىك ياكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بىر توقۇنۇشتا، پارچىلانغان بۇ قوماندانلىق زەنجىرىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. تازىلاش دولقۇنى ھازىرمۇ قاتلىنىپ كۆپەيمەكتە. 2023-يىلى 19 ئەمەلدار تازىلانغان بولسا، 2025-يىلى 61 گە (15 رەسمىي + 46 غايىب) يەتتى. بۇ خىتاينىڭ تامامەن تېزلىشىۋاتقان يوشۇرۇن قىيامەت بۇسىغىسىدىن ئاتلىشىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدۇر.
6- ئەجەللىك يېرىق: ھاكىمىيەتنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى روھىي بىرلىك (ئەسابىيە) نىڭ يىمىرىلىش لىنىيەلىرى
ئىبنى خالدۇننىڭ قانۇنىيىتى شۇنى كۆرسىتىدۇ: بىر ئىمپېرىيەنىڭ پارچىلىنىشى پايتەختتە باشلىنىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن چەت رايونلاردىن چۆچۈيدۇ، ھۆكۈمدار بۇرۇلۇپ قارىغاندا، ئۆز كونتروللۇقىنىڭ چېگرا رايونلىرىدا بوشىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ پۈتۈن رەقەملىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىغا قارىماي، بۇ قەدىمىي تارىخىي قانۇنىيەتتىن قۇتۇلالمىدى.
«Freedom House» نىڭ «خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى كۆزىتىش تۈرى» (China Dissent Monitor CDM) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى ئىيۇندىن 2025-يىلى دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا جەمئىيەت نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەسىدىن جەمئىي 14 مىڭ 347 سى ھۆججەتلەنگەن. 2025-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا تىزىمغا ئېلىنغان 5343 ۋەقە، 2024-يىلىدىكى 3704 ۋەقەگە سېلىشتۇرغاندا %44 ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ كۆپىيىش ئۇدا ئالتە پەسىلدىن بىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا.²⁰ قېنى بۇنى مۇنداق سېلىشتۇرۇپ باقايلى! يىلىغا 5343 نارازىلىق نامايىشى يۈز بېرىشى «كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 قېتىم نامايىش ياكى نارازىلىق ھەرىكىتى بولۇۋاتىدۇ» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. خىتايدەك ۋەھشىيانەكۆزىتىش ئاساسىدىكى بىر دۆلەتتە بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، سۇ يۈزىگە چىققان قارشىلىقلارنىڭ سۇ ئاستىدا تېخىمۇ چوڭ ۋە چوڭقۇر نارازىلىق ۋولقانلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلايدۇ.
نامايىشچىلارنىڭ كىملىك قۇرۇلمىسى كرىزىسنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن خەۋەر بېرىدۇ. 2025-يىلىنىڭ تۆتىنچى پەسلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ %54 لىك قىسمىنى ئىشچىلار، %22 لىك قىسمىنى ئۆي ئىگىلىرى (مۇقىم مۈلۈك زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار)، %14 لىك قىسمىنى بولسا يېزا ئاھالىلىرى ئۇيۇشتۇرغان. يېزا رايونلىرىدىكى نارازىلىق ۋەقەلىرى 2025-يىلى %70، ئىشچىلارنىڭ نامايىشلىرى بولسا %66 كۆپەيگەن. بۇ رەقەملەر خىتايدىكى قوزغىلىشلارنىڭ سىياسىي «دېموكراتىيە ئېھتىياجى» دىن ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە «ھاياتتا قېلىش (قورساق) ئېھتىياجى» دىن تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلىپ ئەمەس، بەلكى بېرىلمىگەن مائاشى، ۋەيران بولغان ئۆي قەرزى ۋە بالىلىرىنىڭ مەكتەپ چىقىمى ئۈچۈن كوچىلارغا چىقماقتا.
بۇ ئىچكى پارچىلىنىشنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك ۋەقەسى شېنجېن (Shenzhen) دىكى «بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋېلىش بىلەن تەھدىت سېلىش نامايىشلىرى» (threat-to-jump) بولدى. كۆزىتىش ئورگىنى (CDM) ھۆججەتلىگەن بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئايلىق سانى 2022-يىلىدىن 2025-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا تۆت ھەسسە كۆپەيدى. كىشىلەر غايەت زور بىنالارنىڭ ئۆگزە بۇرجەكلىرىدە ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرى ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلەرگە ھاكىمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا مەجبۇرلانماقتا. خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىقتىسادىي مۆجىزىسى» باشلانغان ئەڭ ئاساسلىق پارلاق شەھەردە، يەنى شېنجېندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تەھدىتى سىياسىي بىر بايان تىلىغا ئايلاندۇرۇپ تەھلىل قىلىنغاندا، بۇ روھىي بىرلىكنىڭ (ئەسابىيەنىڭ) ئېرىپ تۈگەۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوسۇغىدۇر. بۇ يەردە بىر سېلىشتۇرما قلىشقا بولىدۇ: بۇ تۈركىيەدە 1980-يىللاردا بىر قىسىم ئىشچىلارنىڭ ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۈستىگە بېنزىن تۆكۈپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش باسقۇچىغا كەلگەن مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش بىر كىرىزىستۇر.
رەقەملىك سېنزور (تەكشۈرۈش ۋە چەكلەش) ئاپپاراتى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا ئۇرۇنماقتا، لېكىن پەردە يىرتىلىپ كەتمەكتە.كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ «Douyin» (دوۋيىن/تىكتوك) سۇپىسىدىكى 2970 سىن فىلىمى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان 2025-يىلى ئىيۇن-دېكابىر ئايلىرىدىكى تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، نامايىش مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى سىستېمىلىق ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان جايلار دەل بېيجىڭ ياكى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) دىكى ۋەقەلەردۇر.²¹ خىتاي ھاكىمىيىتى ئەڭ كۆپ يوشۇرۇشنى خالىغان جاي، ئەمەلىيەتتە ئاشكارىلانغاندا ئۆزىگە ئەڭ چوڭ زەربە بېرىدىغان يارىغا ئايلىنىدىغانلىقى ئېنىق.
بۇ نۇقتىدا شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ چېگرا رايونىدىكى روھى بىرلىك يېمىرىلىش لىنىيەلىرىنىڭ دەل مەركىزىگە جايلاشقان. شەرقىي تۈركىستان نوپۇس بېسىمىنىڭ ئەڭ ئاشكارە تەجرىبىخانىسى، دىنىي-مەدەنىيەت روھىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتكەن قورغىنى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك دىياسپورا (مۇھاجىرەت) تورىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم زەنجىرىدۇر. ئۇ يەر خەن مەركەزچىلىكىگە تامامەن يات بولغان تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي خاتىرىنىڭ جەۋھىرىدۇر. بېيجىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچ تۈپ ئامىلنىڭ يەنى نوپۇس قارشىلىقى، دىنىي يىلتىز ۋە مۇھاجىرەت تورىنىڭ بىرلىشىپ كېتىشىدىن تولىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەكتە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى روھى بىرلىكى (ئەسابىيەسى)، بېيجىڭنىڭ ھەتتا غايەت زور رەقەملىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىمۇ ئۆچۈرەلمىگەن بىر مەنىۋى يالقۇندۇر. چۈنكى بۇ روھىي بىرلىك مۇقەددەس سىمۋوللار، ئانا تىل، ئەزان سادالىرى ۋە ئاتا-بوۋىلارنىڭ قەبرىلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى دۆلەت كۈچى بىلەن تامامەن ئۆچۈرۈۋېتىش مۇمكىن ئەمەس.
تىبەتتە (Tibet) بولسا ئوخشىمايدىغان، لېكىن پاراللېل بىر روھىي قارشىلىق بار. دالاي لابانىڭ (Dalai Lama) يېشىنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قېلىشى بېيجىڭ ئۈچۈن قوشما بىر ئەندىشە تۇغدۇرماقتا. دالاي لاما ئۆلگەندە، بېيجىڭ ئۆزى تاللىغان «ئورۇنباسارنى» مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن تىبەت خەلقىنىڭ بۇ ساختا ئورۇنباسارنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى ئېنىق. 2026-يىلىغا كەلگەندە لاسا شەھىرىدە (Lhasa) يەنىلا ئېغىر كۆزىتىش مۇھىتى داۋاملاشماقتا، دىنىي مۇراسىملارغا قاتنىشىۋاتقان راھىبلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئازايماقتا، لېكىن بۇ ئازىيىش روھىبىرلىكنىڭ ئۆچكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئۇ پەقەتلا كۆزدىن يوشۇرۇنۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر چۆككەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر.
ئىچكى موڭغۇلىيەدە بولسا 2020-يىلى خىتاي تىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرس تىلى قىلىنىشىدىن كېيىن قوزغالغان مائارىپ نامايىشلىرىنىڭ ئىزلىرى تېخىچە ئۆچۈپ تۈگىگىنى يوق. خىتاي ئەمەلدارلىرى موڭغۇللارنىڭ ئىچكى روھىنى خىتاي مەدەنىيىتى ئىچىدە ئېرىتىۋېتىشنى «ھازىرقى ئەۋلادنىڭ خىزمىتى» دەپ قارايدۇ، لېكىن بىز تارىختىن شۇنى بىلىمىزكى، مەجبۇرىي ئېرىتىلمەكچى بولغان روھى بىرلىكلەر ئادەتتە يوقالمايدۇ، پەقەت ۋاقتىنچە غايىب بولىدۇ. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان موڭغۇللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز تىلىغا ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە بولغان ساداقىتىنى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان شەكىلدە داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ ۋەيرانچىلىق دولقۇنىنىڭ كۆلىمى، 2025-يىلى گۇاڭدۇڭدا (Guangdong) باشلىنىپ خېنەن، خۇنان، شەنشى، خېبېي، شەندۇڭ ۋە جېجياڭغا يامرىغان نارازىلىق ئەندىزىسىدە تېخىمۇ ئۆزىنى ئايان قىلدى. خىتاينىڭ ئەڭ باياشات ئېكسپورت مەركەزلىرى، ئىجتىمائىي قوزغىلىشلارنىڭ تۇنجى ئوچاقلىرىغا ئايلاندى. بۇ دەل ئىبنى خالدۇننىڭ «ھەشەمەتچىلىك (پاراۋانلىق) باسقۇچى» دىياگنوزىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدۇر. بايلىق ئەڭ كۆپ يىغىلغان مەركەزلەر، ئەمەلىيەتتە روھى بىردەكلىك ئەڭ ئاۋۋال ئېرىپ تۈگەيدىغان ۋە زىددىيەتلەر ئەڭ بۇرۇن پارتلاپ چىقىدىغان يەرلەردۇر. چۈنكى بايلىق يەككە ھالدا روھى بىرلىك (ئەسابىيە) يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنى ئىچىدىن چىرىتىپ تۈگىتىدۇ.
7-ئەجەللىك يېرىق گۇاڭدۇڭ: خىتاينىڭ لىڭنەن يېرىلىش لىنىيەلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئايرىلىش تۇيغۇسى
خىتاينىڭ ئەجەللىك يېرىلىش لىنىيەلىرى بولغان (شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل) نىڭ كۆپىنچە كۆزدىن قاچۇرۇلىدىغان بىر قوشكېزىكى بار بولۇپ، بۇ قوشكېزەك بېيجىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بەلكىم تېخىمۇ سىلكىنىشلىك بىر ئاجىزلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئەڭ باياشات ئۆلكىسى گۇاڭدۇڭنىڭ (Guangdong) ئۆزىنى خىتاي مەركىزىدىن ئايرىپ قاراش يۈزلىنىشىدۇر. بۇ يېرىلىش لىنىيەسى مىللىي ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي-مەدەنىيەت خاراكتېرلىكتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئۈستىنى يېپىش ئەڭ قىيىن بولغىنىمۇ دەل مۇشۇدۇر.
ئالدى بىلەن سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى! گۇاڭدۇڭ 14 تىرىليون 160 مىليارد يۈەنلىك (تەخمىنەن 2 تىرىليون دوللار) ئىقتىسادىي گەۋدىسى بىلەن ئۇدا 36 يىلدىن بىرى خىتاينىڭ بىرىنچى باي ئۆلكىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ يالغۇز ئۆزىلا خىتاي ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ (GSYH) %10.5 قىسمىنى يارىتىدۇ. خىتاي ئېكسپورتىنىڭ %38.7 قىسمىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. خىتايدا تىزىمغا ئېلىنغان چەت ئەل مەبلىغىدىكى شىركەتلەرنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 2024-يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ 215 مىڭ 100 شىركەت دېگەنلىك بولىدۇ. مەرۋايىت دەرياسى دېلتاسىدا (Pearl River Delta) چەت ئەل مەبلىغىدە 26 مىڭ 213 يېڭى شىركەت قۇرۇلدى. سېتىۋېلىش كۈچى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇ ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيە ئارىسىدا تۇرىدىغان، دۇنيانىڭ ئونىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى چوڭلۇقىدىكى بىر رايوندۇر.
بۇنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق: گۇاڭدۇڭ يالغۇز ئۆزىلا تۈركىيە ئىقتىسادىدىن تەخمىنەن ئىككى يېرىم ھەسسىدىن كۆپ چوڭلۇققا ئىگە. ئەگەر گۇاڭدۇڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولغان بولسا، يەر شارى ئىقتىساد جەدۋىلىنىڭ دەسلەپكى ئون باي دۆلىتى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى. يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئەمەس، دۇنيانىڭ ئونىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرەلەيدىغان بىر ئۆلكىدۇر.
بۇ ئۆلكە مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىنمۇ خىتاي مەركىزىدىن ئاشكارە ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئەڭ تۈپ پەرقى ئانا تىلىدۇر. گۇاڭدۇڭ تىلى (Kantonca — 粤语) پۇتۇڭخۇا (Mandarin) بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغان، ئۆزئارا چۈشىنىشكىلى بولمايدىغان بىر تىلدۇر. تۈركچە سۆزلەيدىغان بىر ئادەم ئەزەربايجان تىلىنى ئوڭۇشلىق چۈشىنىشى مۇمكىن، لېكىن گۇاڭدۇڭلۇق بىر ئادەم پۇتۇڭخۇانى مەكتەپ ياكى كۇرسلاردا ئايرىم ئۆگىنىشكە مەجبۇردۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەكتەپلەردە پۇتۇڭخۇانى مەجبۇرىي تىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن گۇاڭدۇڭنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا گۇاڭدۇڭ تىلى ھېلىمۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇاڭدۇڭ تىلىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر بېيجىڭ تەرىپىدىن ئالاھىدە قويۇق سېنزوردىن (ئەلگەكتىن) ئۆتكۈزۈلمەكتە.چۈنكى گۇاڭدۇڭ تىلىنىڭ ياشىشى مەدەنىي-سىياسىي جەھەتتىكى بىر ئاپتونومىيە (ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش) تەلىپىنىڭ تۈپ ئاساسىغا ئايلىنىپ قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
تارىخىمۇ تامامەن باشقىچە. زامانىۋى خىتاينىڭ قۇرۇغۇچى ئاتىسى دەپ قارىلىدىغان سۈن جۇڭشەن (Sun Yat-sen) دەل گۇاڭدۇڭدا يېتىشكەن ئىدى. ئۆلكىنىڭ مەنىۋى كىملىكى بېيجىڭ مەركىزىگە بېقىنمايدىغان «لىڭنەن مەدەنىيىتى» دۇر، يەنى «بەش تاغنىڭ جەنۇبى» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان تارىخىي-جۇغراپىيەلىك بىر كىملىكتۇر. لىڭنەن، خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ ئادەتتىكى بىر داۋامى ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا بىر مەدەنىيەت ئوچىقى سۈپىتىدە ياشاپ كەلگەن. 1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىمۇ گۇاڭدۇڭدا باشلانغان ئىدى. قىسقىسى زامانىۋى خىتاينىڭ تارىخىي ئىنقىلابلىرى بېيجىڭ مەركىزىدىن ئەمەس، بەلكى يەنە جەنۇبتىن قوزغالغان ئىدى.
ئۆلكىدە ئاندا-ساندا ئۆرلەپ تۇرىدىغان «بىز بۇ نامرات شىمالىي خىتاينى يەنە قانچىلىك باقىمىز؟» دېگەن سۆزلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇاڭدۇڭ تىلىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ئالاھىدە قويۇق سېنزور ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر. بۇ قاراش يېڭى ئەمەس، ئۇ 1990-يىللاردىن بىرى گۇاڭدۇڭلۇق سودا-سانائەت دۇنياسىدا ئايلىنىپ يۈرگەن بىر «ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك» بايانىنىڭ زامانىۋى نامايەندىسىدۇر. شىمالىي خىتاينىڭ نامرات ئۆلكىلىرى گۇاڭدۇڭنىڭ تۆلىگەن باجلىرى بىلەن بېقىلىۋاتىدۇ، گۇاڭدۇڭ ياراتقان غايەت زور بايلىق بېيجىڭنىڭ مەركىزىي خامچوتى ئارقىلىق يۈننەن، خېنەن، سىچۈەن ۋە گەنسۇغا ئاقماقتا. گۇاڭدۇڭلۇق كارخانىچى سەرخىللار بۇ ئەھۋالنى بىر ئەخلاقىي ۋەزىپە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىگە يېپىشىۋالغان بىر پارازىتلىق (ھەقسىز يەپ يېتىۋېلىش) دەپ چۈشىنىشكە باشلىغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
گۇاڭدۇڭلۇق كارخانىچىلارنىڭ خىتاي دىياسپوراسىدىكى (مۇھاجىرەت دۇنياسىدىكى) ئورنى خوڭكوڭ، سىنگاپور، مالايسىيا، ۋانكۇۋېر ۋە سان فىرانسىسكوغىچە سوزۇلغان گۇاڭدۇڭ تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇھاجىر-بايلىق كارىدورىدۇر. بۇ كارىدور بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى بازاردا تامامەن كونترول قىلالمايدىغان پاراللېل بىر ئىقتىساد ۋە كاپىتال (مەبلەغ) تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ. سىنگاپوردا سۆزلىنىدىغان خىتاي تىلىنىڭ ئاساسلىق چوڭ قىسمى گۇاڭدۇڭ تىلىدۇر. كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپچىلىكى گۇاڭدۇڭدىن كەلگەنلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ دىياسپورا بېيجىڭغا ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن شەھەرلىرىگە باغلانغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.
ئۆلكىنىڭ جەمئىيەتتىكى روھىي بىرلىك (ئەسابىيە) كرىزىسىغا قوشقان ئەمەلىي تۆھپىسى «Freedom House» ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن مۇئەييەنلەشكەن بولۇپ، 2024-يىلىنىڭ تۇنجى پەسىلىدە خىتايدىكى پۈتۈن ئىجتىمائىي نامايىش ۋە قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ %17 ى يالغۇز گۇاڭدۇڭنىڭ ئۆزىدە يۈز بەرگەن. يەنى بېيجىڭنىڭ ئەڭ ئېغىر تاراتقۇ چەكلىمىلىرىگە قارىماي، بىرلا ئۆلكىدە 100 دىن ئارتۇق نامايىش پارتلىدى. خىتاينىڭ ئەڭ باياشات ئۆلكىسى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەڭ جىددىيچىلىك قاپلىغان ۋە تىنچسىز ئۆلكىسىدۇر.
بۇ يەردە كىلاسسىك ئىبنى خالدۇن دىياگنوزى تولۇق ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ: «ھەشەمەتچىلىك (پاراۋانلىق) باسقۇچى» ئىجتىمائىي بىردەكلىكنى ئەڭ تېز ئېرىتىپ تۈگىتىدىغان بىر باسقۇچتۇر. چۈنكى بايلىق توپلىغان مەركەز، نامرات چەت رايونلارنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشنى ئەمدى ئەخلاقىي بىر ۋەزىپە ئەمەس، بەلكى بىر پارازىتلىق دەپ قاراشقا باشلايدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ تارىخىي قانۇنىيەتنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پەقەتلا ئۆز تارىخىنىڭ بىر قانچە ئەۋلاد ئارقىسىغا قارىسىلا كاپايە قىلىدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئەپيون بىلەن ۋەيران بولۇشى دەل مۇشۇ قانۇنىيەتنىڭ تىپىك نامايەندىسى ئىدى. 19-ئەسىردە بېيجىڭغا باغلانغان باي دېڭىز ساھىلى ئۆلكىلىرى گۇاڭجۇدىن شاڭخەيگىچە، ئىچكى رايونلارنىڭ ئەپيون پاتقىقىغا چۆكۈپ كېتىشىنى بىر يوقىتىش ئەمەس، بەلكى بىر تىجارەت پۇرسىتى دەپ قاراشقا باشلىغان ئىدى. كۇڭزىچە سەرخىللار، نامرات يېزا-قىشلاقلارنىڭ ئازابىنى تەڭ تارتىش مەجبۇرىيىتىدىن ئەخلاقىي جەھەتتە يېنىۋالغان ئىدى. نەتىجىدە خىتاينىڭ «يۈز يىللىق نومۇسلۇق دەۋرى» مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۈگۈن بېيجىڭنىڭ 2026-يىلىدا پاتقان پاتقىقى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاشۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ رەقەملىك ۋە نوپۇسشۇناسلىق نۇسخىسىدۇر. بايلىق ئۆز ئىچىدىن بىر ئايرىلىش تۇيغۇسى تۇغدۇرىدۇ.«بىز» دېگەن دائىرە تارىيىپ، «ئۇلار» دېگەن تەرەپ كېڭىيىدۇ.
دەل مۇشۇ يەردە يەنە بىر سېلىشتۇرما قىلىش ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن: ئوسمانلى مەدەنىيىتى تارىخ سەھنىسىدە، خىتاي بۈگۈن پېتىپ قالغان بۇ پاتقاقنىڭ تامامەن ئەكسىچە بولغان بىر تۈزۈلمە قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلالىغان ئىدى. كىلاسسىك دەۋر بويىچە بالقاندىن يەمەنگە، دونا دەرياسىدىن بەسرىگىچە سوزۇلغان، ئوخشىمىغان تىل، دىن ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى جۇغراپىيەلەرنى يەتتە يۈز يىل بويىچە بىرلىكتە تۇتۇپ تۇرغان نەرسە ھەربىي كۈچ، مەركىزىي چەكلەش كۈچى ياكى تىل مەجبۇرلىشى ئەمەس ئىدى. «مىللەت سىستېمىسى» ئوخشىمىغان كىملىكلەرنى ئورگانلىق ۋە قانۇنىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. «ۋاقىف مەدەنىيىتى» باياشات ئۆلكىلەر بىلەن نامرات رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي يۈكنى ئىختىيارىي ئىجتىمائىي ھەمكارلىققا ئايلاندۇردى. ئوسمانلىنىڭ كىلاسسىك ئادالەت چەمبىرىكى چۈشەنچىسى، يەنى «ئادالەت دۆلەتنىڭ ئۇلىدۇر» شۇئارى، باياشات مەركەزنىڭ نامرات چەت رايونلارنى بىر پارازىت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەرتى دەپ قارىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىستانبۇل، بۇرسا ياكى دەمەشىقنىڭ بايلىقىدا يەمەندىكى ياكى رۇمېلىدىكى خەلقنىڭمۇ ھەققى بار دەپ قارالدى. بۇ ھەقنىڭ ئىختىيارىي ھالدا قوغدىلىشى، يەتتە يۈز يىلدىن بىرى داۋاملاشقان ئاشۇ ئىچكى بىرلىكنىڭ (ئەسابىيەنىڭ) ئاساسلىق سىرى ئىدى.
بۈگۈن خىتاي ھاكىمىيىتى مەرۋايىت دەرياسى دېلتاسىدىن شەرقىي تۈركىستانغا، ئىچكى موڭغۇلىيەدىن يۈننەنغىچە سوزۇلغان كۆپ تەرەپلىك جۇغراپىيەنى باشقۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە قولىدا تۇتقان بىردىنبىر قورالى رەقەملىك كۆزىتىش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە پۇتۇڭخۇا تىلىنى مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت بولماقتا. ئوسمانلىنىڭ كىلاسسىك دەۋردە ئۇتۇقلۇق ھالدا قوللانغان كۆپ كىملىك تۈزۈلمىسىنى بىلمىگەنلىكى، ياكى بىلسىمۇ ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان ئەخلاقىي ئاساسقا ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گەۋدىسى چوڭايغانسېرى ئۆز ئىچىدىن يېرىلىشقا باشلىماقتا.
خىتاينىڭ ئىچكى ئەجەللىك يېرىلىش لىنىيەلىرى پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم ئويمانلىقىدا، تىبەت ئېگىزلىكىدە ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ كەڭ چۆللۈكلىرىدە ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ پارلاق كۆرۈنۈش مۇنبىرى بولغان مەرۋايىت دەرياسى دېلتاسىدىمۇ شەكىللەنمەكتە. چىرىش پەقەت سىرتقى چەت رايونلاردىن باشلانغان كىلاسسىك بىر پارچىلىنىش ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەم دۆلەت چېگرالىرىدىن، ھەم ئىقتىسادىي مەركەزلەردىن ئىلگىرىلەۋاتقان قوش لىنىيەلىك بىر ئىستاتىستىكىدۇر. بېيجىڭنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك ۋەھىمىسى، پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشىلا ئەمەس، بەلكى بىر كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭمۇ «بىز نېمىشقا بېيجىڭنىڭ يۈكىنى كۆتۈرىمىز؟» دېگەن سوئالنى يۇقىرى ئاۋازدا سوراشقا باشلىشىدۇر.
8-ئەجەللىك يېرىق: ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىش قاپقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمدارلىقىنىڭ سىرتتا چوڭىيىپ، ئىچىدىن يېمىرىلىشى
ئالدىنقى يەتتە ئەجەللىك يېرىقنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى بىر ئىمپېرىيەنى ۋەيران قىلىشقا تامامەن يېتىپ ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەڭ ئاخىرقى 8 - يېرىق بولسا بارلىق باشقا ئامىللارنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان ۋە ۋەيرانچىلىقنى تېخىمۇ تېزلىتىدىغان تۈپ قانال بولۇپ، ئۇ ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىش قاپقىنىدىن (imperial overstretch) باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئۇقۇمنى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخچىسى پائۇل كېننېدى 1987 - يىلى يازغان «بۈيۈك كۈچلەرنىڭ يۈكسىلىشى ۋە زاۋال تېپىشى» ناملىق نادىر ئەسىرىدە فورمۇلاشتۇرغانىدى.²² ئۇنىڭ تېزىسى ئىنتايىن ئاددىي. بىر بۈيۈك كۈچنىڭ ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن قانچە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە باشلىغانسىرى، ئۇنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئېرىپ تۈگەيدىغان زاۋاللىق مۇساپىسىمۇ شۇنچە تېزلىشىدۇ. چېگرا ۋە سىرتتىكى مۇداپىئە مەجبۇرىيەتلىرىگە ئايرىلغان بايلىقلار ئىچكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادىي ئۆسۈشتىن يۇلۇپ ئېلىنغاندا، مالىيە بېسىمى ۋە تۆۋەنلىگەن رىقابەت كۈچى ئۆزىنى ئۆزى يەيدىغان بىر تەتۈر ئايلىنىش قاپقىنىغا كىرىپ قالغان بولىدۇ.
كېننېدى بۇنىڭغا شۇ دەۋرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى مىسال كەلتۈرگەن بولۇپ، لېكىن ئۇ ئۆز تېزىسىنى كېيىن ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسى(16-ئەسىر)، ھابسبۇرگ ئىمپېرىيەسى، بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى (ئالاھىدە قىلىپ سۈۋەيىش كرىزىسىدىن كېيىنكى دەۋر) ۋە ئامېرىكانىڭ ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىللىرى ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرغان ئىدى. تېزسنىڭ ئومۇرتقىسى مۇنداق: بىر ئىمپېرىيە كېڭىيىشكە باشلىغاندا ئۆز چېگرالىرىنى قوغداش چىقىمى ئۈستەلئۈستىدە مىسلىسىز دەرىجىدە ئاشىدۇ، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بولسا تۈز لىنىيەنى بويلاپ ئاستا ئۆسىدۇ. بىر نۇقتىغا كەلگەندە، جىددىي ئاشقان چىقىملار تۈز لىنىيەلىك ئاستا ئۆسكەن ئىشلەپچىقىرىش قۇۋۋىتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ-دە، ئىمپېرىيە ئۆز سايىسى ئاستىدا ئۆچۈشكە باشلايدۇ.
خىتاينىڭ ئاخىرقى ئون يىللىق مۇساپىسى بۇ قاپقاننىڭ تولۇق دەرسلىك كىتابىي بولالايدۇ. بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ 2013-يىلى ئېلان قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى 140 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېيىلغان بىر تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىغان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەنزىرىنىڭ پارلاق يۈزى. ئەمما ئۇنىڭ قاراڭغۇ يۈزىنى 2024-يىلىدىن باشلاپ ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلار بېكىتىپ بېرىدۇ. قەرز پاتقىقى ئىچىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىلگەن رەسمىي خىتاي قەرزلىرىنىڭ تەخمىنەن %80 قىسمى قايتۇرالماسلىق خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. 2008 – يىلىدىن 2021-يىللار ئارىسىدا بېيجىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرلىرىنىڭ بوينىغا مىنگەن قەرز ۋەيرانچىلىقىنى توختىتىپ قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ قىلغان جىددىي قۇتقۇزۇش چىقىمى 240 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
قېنى بىر سېلىشتۇرۇپ باقايلى! 240 مىليارد دوللار تۈركىيەنىڭ بىر يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ (GSYH) تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىغا تەڭ كېلىدۇ. بېيجىڭ ئاخىرقى ئون بەش يىل ئىچىدە ئۆزى باشلىغان يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇل ئەسلىھە لايىھەسىنى ۋەيران بولۇشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا تۈركىيەدەك دۆلەتنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ تۆتتىن بىرىنى سىرتقا چاچقان. بۇ غايەت زور سومما بېيجىڭنىڭ ئىچكى خامچوتىدىن، يەنى 2049-يىللىق كاتتا چۈشىگە ئايرىلىشى كېرەك بولغان مەنبەلەردىن، يەنى بۈگۈنكى خىتاي ياشلىرىنىڭ كېيىن قېرىغاندا ئالىدىغان پېنسىيە فوندىدىن يۇلۇپ ئېلىنغان.
دەل مانا بۇ ئەجەللىك يېرىلىش مەزگىلىدە، ھەربىي چىقىملارمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. 2025-يىلى خىتاينىڭ رەسمىي ھەربىي خامچوتى %7.2 ئۆرلەپ، 1 تىرىليون 670 مىليارد يۈەنگە (تەخمىنەن 235 مىليارد دوللارغا) يەتتى. ستوكلھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ (SIPRI) 2026-يىلى ئاپرېلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارى ھەربىي چىقىملىرى ئۇدا 11 يىلدىن بىرى ئىزچىل ئۆرلەپ، 2025-يىلىدا 2.9 تىرىليون دوللارلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېقىنلاشقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي دۆلىتى ئامېرىكادىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ھەربىي چىقىم قىلغۇچى بولغان.²³ بېيجىڭ ھاكىمىيىتى تەيۋەن بوغۇزىدىكى بېسىمنى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى مانېۋىرلارنى، ھىندىستان چېگراسىدىكى قوشۇنلىرىنى ۋە راكېتا ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆز مالىيە ئومۇرتقىسىنى ئاخىرقى چەككىچە تايانچ قىلماقتا.
بۇ مەنزىرىلەر پائۇل كېننېدىنىڭ فورمۇلاسىنى ھەرپمۇ-ھەرپ، ۋاراقمۇ-ۋاراق تەكرارلايدۇ. مۇقىم مۈلۈكنىڭ كۆپۈكلىشىشى تۈپ ۋەيرانچىلىققا قاراپ كېتىۋاتقان بولسا، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى رېكورت سەۋىيەدە ئاشماقتا. (رەسمىي نىسبەت %16.5، مۇستەقىل مۆلچەرلەر %40)، دۆلەت نۇپۇسىنىڭ سىرتماق ئاستىدىكى ئەھۋالى ھەر يىلى مىليونلىغان ئادەمنىڭ ئازىيىشى ئارقىلىق ئېرىپ كېتىشكە يۈز تۇتماقتا، خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرلىرىنى ئۆرە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈنلا يىللىق 35 مىليارد دوللارلىق قەرز تۆلىمىنى ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىن يىغىشقا مەجبۇر. بىرلا خامچوت بىلەن ھەم سىرتتىكى ھۆكۈمدارلىقنى ساقلاپ قىلىش، ھەم ئىچىدە كېڭىيىۋاتقان نوپۇس ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىس قارا ئۆڭكۈرىنى يېپىش ماتېماتىكىلىق جەھەتتىن تامامەن مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. قىسقىسى، خىتاي ھازىر قوش تەرەپلىك بىر تاللاش بېسىمى ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.
ئەسلىي تەتۈر ئايلىنىش قاپقىنى دەل مۇشۇ يەردە باشلىنىدۇ. سىرتقا كۆز كۆز قىلىنغان ھەر بىر كۈچ - قۇدرەت ئىچكى قىسىمدىكى ئىشەنچسىزلىك ۋە تىنچسىزلىقنى باشقا بىر قانال ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. قېنى بىز بۇ زەنجىرسىمان يېرىلىشنى قەدەممۇ قەدەم ئىز قوغلاپ كۆرۈپ باقايلى!
بىرىنچى ھالقا: خىتاي تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي بېسىمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2026-يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، تەيۋەن بوغۇزىدا ھەر ھەپتىدە بىر دېگۈدەك ھەربىي مانېۋىرلارنى ئېلىپ بارماقتا.
ئىككىنچى ھالقا: بۇ بېسىم تەيۋەن بوغۇزىدا تۈپكى توقۇنۇش كرىزىسىنىڭ پارتلاش ئېھتىماللىقىنى چوڭايتماقتا.
ئۈچىنچى ھالقا: خىتايدا كىرىزىس يۈز بىرىش خەۋپى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ «China+1» (خىتاي +1 دۆلەت) ئىستراتېگىيەسىنى تېزلەتمەكتە. يەنى «Apple»، «Samsung»، «Microsoft»، «Sony» غا ئوخشاش غايەت زور شىركەتلەر ئۆز ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى ۋىيېتنام، ھىندىستان ۋە مېكسىكاغا يۆتكەشكە باشلىماقتا. 2018 – يىلىدىن 2025-يىللار ئارىسىدا بۇ رامكىدا 800 مىلياردتىن 1.2 تىرىليون دوللار ئەتراپىدىكى كاپىتال خىتايدىن قاچتى.
تۆتىنچى ھالقا: كاپىتالنىڭ سىرتقا قېچىشى ئىچكىرىدىكى مۇقىم مۈلۈك باھاسىنى ۋە ئىشسىزلىق بېسىمىنى تېخِمۇ يېرىڭداتماقتا.
بەشىنچى ھالقا: بۇ بېسىم شەھەرلەردىكى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتمەكتە ۋە يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى %44 كە يەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.
ئالتىنچى ھالقا: نامايىشلارنىڭ بېسىمى بېيجىڭنى ئىدېئولوگىيەلىك كونترولنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇشقامەجبۇرلىماقتا ۋە يېڭى سېنزور (ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈش) قانۇنلىرى، تېخىمۇ ۋەھشىيانە ئىجتىمائىي ئىناۋەت نۇمۇرى سىستېمىسىنى يولغا قويۇشقا زورلىماقتا.
يەتتىنچى ھالقا: چىڭىتىلغان كونترول خوڭكوڭغا ئوخشاش مالىيە مەركەزلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىشەنچ ئاساسىنى يېمىرىپ تاشلىماقتا. خەلقئارا بانكىلار خوڭكوڭنى تاشلاپ سىنگاپور، توكيو ۋە سېئۇلغا كۆچۈشكە باشلىماقتا.
سەككىزىنچى ھالقا: يېمىرىلگەن ئىشەنچ سىرتتىن كېلىدىغان چەت ئەل مەبلىغىنى تېخىمۇ كېمەيتمەكتە.
توققۇزىنچى ھالقا: مەبلەغنىڭ قۇرۇشقا باشلىشى بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنى چەت ئەللەردىن «بىر بەلباغ، بىر يول» قەرزلىرىنى زوراۋانلارچە يېغىشقا (بېسىم قىلىشقا) ئىتتىرمەكتە.
ئونىنچى ھالقا: قەرز تۆلەشكە قارشى تۇرغان دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى سەلبىي قاراشلار ۋە خەلق قارشىلىقى باش كۆتۈرمەكتە. مەسىلەن سىرىلانكا، كېنىيە، پاكىستان ۋە زامبىيەدە.
ئون بىرىنچى ھالقا: بۇ قارشىلىق خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ھاكىمىيەت مەشروئىيىتىنى (قانۇنى ئاساسىنى) تۈپ يىلتىزىدىن بوشاتماقتا.
ئون ئىككىنچى ھالقا: زەربىگە ئۇچراۋاتقان مەشروئىيەت (قانۇنىي ئاساس) بېيجىڭنى تەيۋەن، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە ھىندىستان چېگراسىغا ئوخشاش سىرتتىكى جىددىيچىلىكلەردە ئىشلەتكەن مىللەتچى نۇتۇقلار ئارقىلىق ئىچكى بىردەكلىكنى تىرىك تۇتۇش ھىيلىسىگە مەجبۇرلىماقتا.
شۇنداق قىلىپ، تەتۈر ئايلىنىش يەنە ئەسلىگە، يەنى بىرىنچى ھالقىغا قايتىپ كېلىدۇ.
خىتاينىڭ دۇنيانى قاپلاش ئىستراتېگىيەسى، ئەسلىدە ئىچكىرىدىكى ئىشەنچسىزلىك ۋە كىرىزىسلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىش ئۈچۈن پىلانلانغان ئىدى. دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1978-يىلى باشلىغان ئىسلاھاتى خىتاينى دۇنيا بازىرىغا مەركەزلەشتۈردى. ئۇ ماۋ زېدوڭ دەۋرىنىڭ سىرتتىن ئايرىلغان بېكىنمە خاراكتېرلىق ئەسابىيە (بىردەكلىك روھى) نىڭ ئورنىغا «ئىستېمال ئۈچۈن دۇنيانى قاپلاش» تەلىماتىنى قويدى. 2013-يىلى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسى بۇ تەلىماتنىڭ ئىمپېرىيالىست نۇسخىسى ئىدى. يەنى پەقەت ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۇنيانى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۇنيانى قاپلاش. ئەمما تەتۈر لوگىكا شۇ يەردە: سىرتتا قاپلاش چوڭايغانسىرى، ئىچكى قىسىمدىكى رەقەملىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىمۇ كۆپىيىپ چوڭايماقتا. چۈنكى دۇنيانى قاپلىغان جەمئىيەت تۇراقسىز بىر جەمئىيەتتۇر، تۇراقسىزلىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ جىق كونترول تەلەپ قىلىنىدۇ. بۈگۈن يېتىپ كېلىنگەن نۇقتا مۇنداق: خىتاينىڭ دۇنيانى قاپلاش ئىستراتېگىيەسى، ئەمەلىيەتتە ئىچكى جەھەتتىكى مۇقىمسىزلىق ۋە ۋەيرانچىلىقنى تۇغدۇرۇۋاتقان ئەسلىي مەنبەنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
بېيجىڭنىڭ 2026-يىلىغا كەلگەندە پاتقان پاتقىقى، ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىشنىڭ تارىخىي كومىدىيەسىنىڭ دەل ئۇدۇلىغا توغرا كەلمەكتە. ئىمپېرىيەنىڭ غايەت زور چوڭلۇقى، ئەمەلىيەتتە ئىمپېرىيەنىڭ تۈپ ئاجىزلىقىنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى. بىر ھايۋانمۇ نەقەدەر چوڭ بولسا، ئۆز ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن شۇنچە چوڭ سۆڭەك ۋە يۇقىرى مۇسكۇل قۇۋۋىتىگە مۇھتاج بولىدۇ. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن سۆڭەك ۋە مۇسكۇلنىڭ ھەددىدىن زىيادە چوڭىيىشى ھايۋاننىڭ ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىنى بوغۇشقا باشلايدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇسشۇناسلىق، ئىقتىسادىي ۋە ئورگانلىق ئىقتىدارى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىمپېرىيالىست گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان سۆڭەك قۇرۇلمىسىغا تولۇق ئىگە بولالىغىنى يوق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەتۈر ئايلىنىش قاپقىنىنى قورشاپ تۇرغان تېخىمۇ چوڭقۇر بىر زىددىيەت مەۋجۇت. بۇ زىددىيەت بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنزىرىسىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋە كۈلكىلىك قىسمىنى ئاشكارىلايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ جۇغراپىيەلىك خەرىتىسى دىققەت بىلەن تەكشۈرۈلگەندە، ئاساسلىق كارىدورلارنىڭ تامامەن دېگۈدەك ئۆز ئىچكى بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشتە ئاجىز، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، بۆلگۈنچى قوزغىلاڭلار، ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە سىياسىي تۇراقسىزلىق پاتقىقىغا چۆككەن ئېنىقسىز دۆلەتلەردىن ئۆتىدىغانلىقى كۆرۈلىدۇ. «Global Development» مەركىزىنىڭ 2018-يىلىدىكى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ لايىھەگە قاتناشقان تەخمىنەن 70 دۆلەتنىڭ 23 ى «قەرز كرىزىسى خەۋپى» ئاستىدا تۇرماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدىن جىبۇتى، قىرغىزىستان، لائوس، مالدىۋى، موڭغۇلىيە، قارا تاغ (مونتېنېگرو)، پاكىستان ۋە تاجىكىستاندىكى كەلگۈسى قەرز مەبلىغى بۇ ۋەيرانچىلىق خەۋپىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ئورۇندا تۇرماقتا.²⁴ يەنى بېيجىڭنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇل ئەسلىھە تۈرىنىڭ يادروسىدا ياتقان دۆلەتلەرنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى، دۇنيا مالىيە سىستېمىسى تەرىپىدىن «تېز يېمىرىلىدىغان دۆلەتلەر» دەپ تامغىلىغان دۆلەتلەردۇر.
بۇ ئەمەلىي مەيداننىڭ ئەڭ يالاڭگاچ مىسالى پاكىستاندۇر. خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى (CPEC) 62 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ مەجبۇرىيىتى بىلەن بۇ لايىھەنىڭ يۆلەنچۈك تۈرى دەپ جاكارلانغان ئىدى. لېكىن بۇ تۈرنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ساھەسى 2016-يىلىدىن بىرى 15 مىڭ پاكىستان ئەسكىرى تەرىپىدىن قوغدالماقتا. چۈنكى بەلۇجىستانلىق قۇراللىقلار گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى پارتلاتتى، خىتاي ئىنژېنېرلىرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلدى، كاراچىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېسىپ كىردى. 2024-يىلى مارتتا بىشامدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا بەش خىتاي ئىنژېنېرى ئۆلتۈرۈلدى.
بۇ يەردىمۇ بىر سېلىشتۇرما قىلايلى! 15 مىڭ ئەسكەر، ئوتتۇراھال بىر تۈركىيە ھەربىي گارنىزونىنىڭ ئومۇمىي قوشۇن سانىغا تەڭ كېلىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى مەبلەغ كارىدورىنى قوغداش ئۈچۈنلا باشقا دۆلەتنىڭ تولۇق تەشكىللەنگەن بىر پىيادە قىسىم بىرىگادىسىنى ئىجارىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ قانداقتۇر «مەبلەغ سالغۇچىنىڭ كۆرۈنىشى» ئەمەس، بەلكى دۈشمەن زېمىنىدا «قورشاۋ ئاستىدا قالغان دۆلەتنىڭ كۆرۈنىشى»دۇر.
پاكىستان يالغۇز ئەمەس. مىيانماردا 2021-يىلىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ غايەت زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى خىتاي تەھلىلچىلىرىنىڭ ئۆز ئىقرارى بىلەن پۈتۈنلەي توختاپ قالغان. سىرىلانكىدا ھامبانتوتا پورتىنىڭ 99 يىللىق مۇددەت بىلەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى، «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي دىپلوماتىيە ئۇتۇقى» دەپ كۆرسىتىلگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە يەر شارى جامائەتچىلىكىدە «قەرز قاپقىنى دىپلوماتىيەسى» ئۇقۇمىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئېفىئوپىيەدە 2020 – يىلىدىن 2022-يىللار ئارىسىدىكى تىگراي ئۇرۇشى بېيجىڭنىڭ 1.6 مىليارد دوللارلىق تېلېگراف مەبلىغىنىڭ قىممىتىنى ئېرىتىپ يوقاتتى. سۇداندىكى 2023-يىللىق ئىچكى ئۇرۇش خىتاينىڭ نېفىت مەبلەغلىرىنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقاردى. ئۇنىڭغا قوشۇمچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىدا جىبۇتى، زامبىيە، كېنىيە، ئانگولا، موڭغۇلىيە ... قاتارلىقلار «قەرز تۆلەش ئىقتىدارى چەكلىك، ۋەيرانچىلىق خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى» دۆلەتلەر دەپ ئايرىلىدۇ. يەنى خىتاينىڭ ئۆز زىيالىيلىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسى قۇرۇلغان زېمىننىڭ نە قەدەر تېيىلغاق ۋە ئاستى قۇملۇق ئىكەنلىكىنى ئۆز ئاكادېمىك تىلىدا ئىقرار قىلماقتا.
بۇ مەنزىرىنىڭ بىر ئاخىرقى ھۆكمى بار. بېيجىڭ ھاكىمىيىتى ئىچىدە يېمىرىلگەن ئاشۇ روھى بىردەكلىكنى (ئەسابىيەنى) سىرتتا يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇل ئەسلىھە تۈرى دەپدەبىسى بىلەن تولدۇرۇشقا ئۇرۇندى.لېكىن بۇ تۈرنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز ئىچىدىن پارچىلانغان، بىردەكلىك روھى ۋەيرانچىلىققا يۈزلەنگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۆستىڭىگە قۇرۇلدى. خىتاينىڭ بىر تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىغان تاشقى قەرز مەجبۇرىيىتى، گويا قۇملۇق ئۈستىگە سېلىنغان ئېغىر بىنالارغا ئوخشايدۇ. بىر كارىدوردا تېررورلۇق ھۇجۇمى، بىر پورتتا قوراللىق قوزغىلاڭ، بىر پايتەختتە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش... ھەر بىر يېڭى ھالقا، لايىھەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىشەنچلىكلىكىنى باشقا بىر لىنىيەدىن ئېرىتىپ تۈگەتمەكتە. «بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ جۇغراپىيەلىك خەرىتىسى بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قۇدرىتىنىڭ خەرىتىسى ئەمەس، بەلكى يەر شارىدىكى بارلىق ئاجىز ۋە ۋەيرانچىلىق كۆپۈكلىرى يىغىلغان رايونلارنىڭ خەرىتىسىدۇر.
دەل چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى ئەپيون دەۋرىدە باياشات دېڭىز بويى ئۆلكىلىرىنىڭ ئىچكى رايونلارنىڭ چىرىشىدىن ئوزۇقلانغىنىغا ئوخشاش، زامانىۋى بېيجىڭمۇ پەقەت ئۆزىدەك چىرىۋاتقان ئەتراپ بىلەنلا ئىش قىلالايدىغان بىر مەركەزگە ئايلاندى. چۈنكى ئىچىدىن چىرىۋاتقان مەركەز، ساغلام ئەتراپنى تاللىيالمايدۇ. چىرىۋاتقان مەركەز پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش چىرىۋاتقان جۇغراپىيە بىلەنلا شېرىك بولالايدۇ. ئىبنى خالدۇن قانۇنىنىڭ ئەڭ رەھىمسىز مەسخىرىسى دەل مۇشۇ يەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۆز ئىچكى چىرىشىدىن قاچماقچى بولغان بىر ئىمپېرىيە، قاچقان جايلىرىدىمۇ دەل شۇ چىرىشكە دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى ئىچكى چىرىشنىڭ ئۆزى ئاللىقاچان ئۇنىڭ تۈپ ئىستراتېگىيەلىك تاللاشلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان بولىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئۆز خاھىشى بىلەن قىلغان تاللىشى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ مۇتلەق مەجبۇرىيىتىدۇر.
خۇلاسە: ئاشكارە ئويۇن ئوينىيالمايدىغان ھىيلىگەرنىڭ تراگېدىيەسى
يۇقىرىقى سەككىز ئەجەللىك يېرىقنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى، خۇددى بىر ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدەك تامامەن ئېنىق بولۇپ، ئەمدى بۇ زەنجىرسىمان قاناللارنىڭ بىر-بىرىنى قانداق سەمىرىتىپ پاجىئەنى چوڭايتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەممىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ باقايلى! چۈنكى بۇ جەريانلارنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە كۆزدىن كەچۈرمىگەندە، ۋەزىيەتنىڭ ئەسلىي ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.
سىرتماقتىكى دۆلەت نۇپۇسى ماتېماتىكا جەھەتتىن ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدىغان بىر فورمۇلا بولۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى نۇپۇس مەنبەسى بولغان ئاياللار ئەمەلىيەتتە ھازىرمۇ تۇغۇلمىدى، ھېچقانداق سىياسەت ئۆتمۈشكە بېرىپ ئۇلارنى قايتىدىن يارىتالمايدۇ. مۇقىم مۈلۈكنىڭ كۆپۈكلىشىشى تۈزۈلمىلىك باسقۇچتا، يەنى ئاستا خاراكتېرلىك ۋەيرانچىلىق قاپقىنىدا جان تالاشماقتا. «Vanke» يىقىلسا سىستېما تامامەن توختايدۇ، ئەگەر ئۇنى زورلاپ ئۆرە تۇتۇپ قالىمەن دېسە نوپۇس قۇربان قىلىنىدۇ. ئاشكارىيالماسلىق (ئېپىستېمىك) كىرىزىسىنىڭ ئۇلى بولسا ئۆز سانلىق مەلۇماتلىرىنى سېنزور ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ يوشۇرىدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا. سەمىرىپ كەتكەن ئۆز بەدىنىنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بىر جەسەتتىن توغرا دىياگنوز قويۇشنى كۈتۈش ئەخمەقلىقتۇر. ئورگانلاشقان چىرىكلىك گېنى، دۆلەت سىستېمىسىنىڭ تۈپكى مەشغۇلات مېيىدۇر. شى جىنپىڭ ئۇنى قەتئىي پاكىزلىيالمايدۇ، چۈنكى ئۇ مەدەنىيەتنى پاكىزلىماقچى بولسا، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى مەنسەپكە كەلگەن ئارقا ئىشىك قاناللىرىنىمۇ سوتقا تارتىشقا توغرا كېلىدۇ. ساراي ئۆز كادىرلىرىغا ئەمدى قەتئىي ئىشەنمەيدۇ، ساراي ئىچىدىكى تازىلاش ھەر يىلى قاتلىنىپ كۆپەيمەكتە، نەتىجىدە كۆرۈلگەن «قارار چىقىرىش پالەچلىكى» خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قابىلىيىتىنى ئەجەللىك دەرىجىدە زەخىملەندۈرمەكتە. ھاكىمىيەتنىڭ چېگرا رايونلىرىدا (شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە يېزا-قىشلاقلاردا) روھىي بىرلىك يېمىرىلىش لىنىيەلىرى ھەر پەسىلدە يېڭى يېرىقلارنى پەيدا قىلماقتا. نامايىشلارنىڭ يىللىق %44 ئېشىش نىسبىتى سۆز ئويۇنى ئەمەس، بەلكى كوچىلارنىڭ سۈكۈتتىكى ۋولقانىنىڭ ئەكىس ساداسىدۇر. گۇاڭدۇڭدەك ئەڭ باياشات ئۆلكە ئۆز ئىچىدە خىتايغا قارىتا پارازىتلىق قارىشىنى شەكىللەندۈرمەكتە. خىتاينىڭ بۇ ئەڭ پارلاق باياشات مەركىزى رايونى يۇقىرى ئاۋازدا ئۆز ئۆزىدىن سوراشقا باشلىماقتا: «بىز نېمىشقا بۇ نامرات شىمالنىڭ يۈكىنى كۆتۈرىمىز؟» تاشقى كېڭىيىشنىڭ ھەر بىر قانىلى، ئىچكى يارىنىڭ يېرىڭدىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا. قىسقىسى، ئىمپېرىيالىستنىڭ غايەت زور چوڭلۇقى ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاجىزلىقىنىڭ تۈپ مەنبەسىگە ئايلانغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.
بېيجىڭ ئىچىدىن يېمىرىلىۋاتقان بىر پەيتتە سىرتتا كۆپۈك كېڭەيمەكتە، سىرتتا كېڭەيگەنچە ئىچىدىن تېخىمۇ يېمىرىلمەكتە. ئىبنى خالدۇن دەۋرىيلىكىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئەجەللىك نۇسخىسى دەل مۇشۇ: «بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۆز گەۋىدىسىنىڭ ئېغىرلىقىدا ئېزىلىپ بوغۇلۇپ ئۆلۈشى». خىتاينىڭ سۇن زىچە ھىيلە-مىكىرگە (ئاجىز ۋاقتىدا كۈچ كۆرسىتىش، غەرەزنى يوشۇرۇشقا) چىڭ يېپىشىشى، بىر ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنىڭ نامايەندىسى ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى سەككىز تەرەپلىك يېرىقنىڭ ئىچكى تەقەززاسى ۋە مۇتلاق مەجبۇرىيەتتۇر. ئاشكارە ئويۇن، دۇرۇس ئىستاتىستىكا، ئوچۇق مەلۇمات، كۆپ تەرەپلىك چېگرا باشقۇرۇش، چەت رايونلارغا بېرىلىدىغان ھەقىقىي ئاپتونومىيە، تاشقى ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت، پارىخورلۇقتىن خالىي دىپلوماتىيە ۋە سىجىل كېڭىيىش... بۇ سەككىز ئامىلنىڭ ھەممىسى ھازىرقىدەك ۋەيرانلىققا يۈز تۇتقاندا، قولدا پەقەت تامامەن كۆرۈنمەسلىككە چۆكىۋېلىشلا قالىدۇ. لېكىن كۆرۈنمەسلىككە چۆكۈۋېلىش بىر ئىستراتېگىيە ئەمەس، بەلكى جان تەسلىم قىلىۋاتقان بىر ئىمپېرىيالىستنىڭ ئاخىرقى سۈكۈتتىكى پىچىرلىشىدۇر.
تارىخ مۇشۇنداق بىر تەتۈر تەڭلىمىنى ساسانىيلار ئىمپېرىيەسىدە 14 يىلدا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە 70 يىلدا تۈگەتكەن ئىدى. رىمنىڭ 300 يىللىق ئاستا چىرىش مۇساپىسى زامانىۋى دۇنيادا تامامەن مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى 21-ئەسىرنىڭ تېزلىكىدە يەر شارى مالىيە سىستېمىسى سېكۇنتلار ئىچىدە، مەبلەغ ئېقىمى مىنۇتلار ئىچىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى بىر ئۇچقۇننىڭ چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىشى بىر كېچىدىلا ئىشقا ئاشماقتا. ئىنتايىن قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە بېيجىڭنىڭ قولى تەتۈر ساناشنى توختىتىشقا ئۈلگۈرەلىشى ناتايىن. يېتىلمەي تۇرۇپ ياشانغان بىر مەدەنىيەتنىڭ تراگېدىيەسى، شى جىنپىڭنىڭ 2049-يىلىلىق نىشانىغا يەتمەيلا تارىخقا ئايلىنىشقا قاراپ تېز سۈرئەتتە يۈگۈرمەكتە.
چۆكۈشنىڭ كالېندارى ئېنىقسىز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يۆنىلىشى ئەمدى تالاش-تارتىشقا ئورۇن قويمايدىغان دەرىجىدە تۇرماقتا. سىرتماق ئاستىدىكى دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئاقىۋېتى 2050-يىلىغىچە ماتېماتىكىلىق مۇتلاق ھەقىقەتتۇر. مۇقىم مۈلۈك ۋەيرانچىلىقىنىڭ سىستېمىلىق دولقۇنلىرى ئون يىللىق بىر چېكىنىش دەۋرىگە يېيىلدى. سارايدىكى ئىچى تازىلاشنىڭ سۈرئىتى ھەر يىلى ھەسسىلەپ ئاشماقتا. نامايىشلارنىڭ يىللىق %44 لىك ئېشىش نىسبىتى ئۇدا ئالتە پەسىلدىن بىرى ئوخشاش يۆنىلىشتە زورايماقتا. گۇاڭدۇڭنىڭ پارازىتلىق قارىشى ھەر يىلى تېخىمۇ جەسۇر سورۇنلاردا ئەكس ئەتمەكتە. ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىش قاپقىنى ھەر ئايدا ئۆزىنىڭ تەتۈر ئايلىنىش زەنجىرىنى يەنە بىر ھالقا قىسقارتماقتا. چىرىشنىڭ ماتېماتىكىسى ئۆز فونكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان بولسا، بېيجىڭنىڭ قولىدىكى بىردىنبىر قورال كۆرۈنمەسلىككە چۆكىۋېلىشتىن ئىبارەت بولماقتا. لېكىن كۆرۈنمەسلىك بۇ سەككىز ئەجەللىك يېرىقنىڭ ھېچبىرىنى توختىتالمايدۇ.
سۇن زىنىڭ ئاجىزلىقنى كۈچ قىلىپ كۆرسىتىش ۋە قاپلاش ئىستراتېگىيەسى، ئۈچ مىڭ يىل بويىچە راستىنلا قۇدرەتلىك بىر مەدەنىيەتنىڭ قولىدا بىر قالقان ئىدى. لېكىن دەل ئاشۇ ئىستراتېگىيە، ئىچىدىن زەئىپلەپ كەتكەن بىر دۆلەتنىڭ قولىدا قالقان بولالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئۆز يۈزىنى كۆرۈشتىن توسىدىغان ساختا بىر ئەينەك پەردىسىگە ئايلىنىدۇ. ئاشكارە ئويۇن ئوينىيالمايدىغان مەككار، ئالدى بىلەن ئۆز رېئاللىقىغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بېيجىڭ ئۈچۈن سائەتنىڭ ئوقى تەتۈر سانىماقتا.
بىلگە خاقان 1300 يىل بۇرۇن تۈرك خەلقىگە تاشقا ئويۇپ يازغان: «خىتاي خەلقىنىڭ سۆزى تاتلىق، يىپەك رەختى يۇمشاق» ئاگاھلاندۇرۇشى بۈگۈنمۇ ھەقلىق يوسۇندا كۈچكە ئىگە. ئەمدىلىكتە بەلكىم ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ بۇ تاتلىق سۆز ۋە يۇمشاق رەختى ئىچىدىن قۇرۇت يەپ كەتكەن بىر ئىمپېرىيالىستنىڭ ئاخىرقى پەردىسىنىڭ قۇرۇق سەھنە زىننەتلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. سەھنىنىڭ ئارقىسىدا نېمە بارلىقىنى كۆرۈش ۋاقتى، دۇنيانىڭ ۋە ئالاھىدە قىلىپ تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ۋاقتى بىلەن دەل بىر سائەتكە توغرا كەلمەكتە.
تۈرك – ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن بەش ئىستراتېگىيەلىك تايانچ ئوقى
بىلگە خاقاننىڭ تاشقا مۆھۈرلىگەن قەدىمىي ئاگاھلاندۇرۇشى 21-ئەسىردە پەقەتلا ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدىغان بىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى سۈپىتىدە قالسا بولمايدۇ. ئۇ بۈگۈن جانلىق ۋە ئەمەلىي بىر دۆلەت تەلىماتىغا ئايلىنىشى شەرت. چۈنكى دەل ئەشۇ «تاتلىق سۆز ۋە يۇمشاق يىپەك رەخت» نىڭ زامانىۋى قىياپىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» توختاملىرىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان قەرز سىرتماقلىرى، «Huawei» تەرىپىدىن تورلانغان تېلېگراف ئومۇرتقىلىرى، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا چۆككەن يۇمشاق سىڭدۈرمىلىرى ۋە «TikTok» ئالگورىتمىلىرى ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان مەدەنىيەت زەھەرلىرىدۇر. تۈرك – ئىسلام دۇنياسى، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، بۇ كۆپ قاتلاملىق يوشۇرۇن قورشاۋغا قارشى بىر پۈتۈن ۋە مۇستەھكەم قۇرۇلمىلىق بىر گەۋدە سىياسىتى بەرپا قىلالمىسا، بېيجىڭنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمەي تۇرۇپ ۋەيران بولۇۋاتقان ئىمپېرىيە خارابىلىكى ئاستىدا ئۆز تارىخىي تەقدىرى ۋە كەلگۈسىنىمۇ يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ بىر گەۋدە سىياسىتىنىڭ مەشغۇلات سۆڭەك قۇرۇلمىسىنى تۆۋەندىكى بەش ئەمەلىي تايانچ ئوقى بويىچە شەكىللەندۈرۈش زورۈر:
بىرىنچىسى. رەقەملىك مۇستەقىللىق تايانچ ئوقى بولۇپ، تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ بېيجىڭ مۇلازىمېتېرلىرىغا، «Huawei» جابدۇقلىرىغا ۋە خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ئەندىزىلىرىگە تەسلىم بولمىغان، ئۆزىگە خاس ئورتاق بىر رەقەملىق ئومۇرتقا قۇرۇپ چىقىشى ئەمدى كەچىكتۈرگىلى بولمايدىغان ھايات - ماماتلىق ئېھتىياجدۇر. ئېستونىيە 1991-يىلى نامرات، كىچىك بىر دۆلەت تۇرۇقلۇق، ئوتتۇز يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ رەقەملىك مۇستەقىللىق پېشۋاسىغا ئايلىنالىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇتۇقىنىڭ يىلتىزى ھېچكىمگە بېقىنمايدىغان تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسىنى قۇرۇشتىكى مۇتلەق ئىرادىسى ئىدى. تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ئەندىزىنى پۈتۈن گەۋدىگە كۆچۈرۈشى، ھەم نوپۇس ھەم ئىقتىسادىي قابىلىيەت جەھەتتىن ئېستونىيەدىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ئەۋزەللىك بىلەن تامامەن مۇمكىندۇر.
ئىككىنچىسى، مۇستەقىل پۇل تۆلەش سىستېمىسى تايانچ ئوقى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ «UPI» (ئورتاق پۇل تۆلەش سىستېمىسى) ئەندىزىسى، «Visa-Mastercard» ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىرتىدا، دۆلەتنىڭ ھىمايىسىدىكى، نۆل كومىسسىيەلىك بىر مىللىي پۇل تۆلەش ئۇلىنىڭ يەر شارى كۆلىمىدە نە قەدەر ئۇتۇقلۇق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى پاكىت بىلەن كۆرسىتىپ بەردى. تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆزئارا ئورتاق پۇل تۆلەش سۇپىسى بەرپا قىلىشى ھەم خىتاينىڭ رەقەملىك يۈەنىگە، ھەم غەربنىڭ «SWIFT» قىسقۇچىغا قارشى قۇرۇلمىلىق بىر مۇستەقىللىق قالقىنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۈركىيەنىڭ «TROY» ئۇل ئەسلىھەسى، قازاقىستاننىڭ «Kaspi.kz» مۇۋەپپەقىيىتى، ئەزەربايجاننىڭ «Azəripay» سىستېمىسى ۋە باشقا تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ قولىدىكى نۆۋەتتىكى تەجرىبىلەر، بۇ ئورتاق سۇپىنىڭ ئاسالىق ئۇرۇقلىرىنى ئاللىقاچان چېچىپ بولدى.
ئۈچىنچىسى، ئورتاق ئىستراتېگىيە تايانچ ئوقى بولۇپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (TDT) قۇرۇلغاندىن بىرى ئىمزالانغان بىشكەك ۋە ئىستانبۇل ئەھدىنامىلىرى، ئورتاق ئىستراتېگىيە بىرلىكىنىڭ دىپلوماتىك پىلانىنى سىزىپ بەردى. ئوتتۇرا كارىدور (ھازاردىن ھالقىغان خەلقئارا قاتناش لىنىيەسى) خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قىسقۇچىغا ئادەتتىكى بىر قوشۇمچە ئەمەس، بەلكى تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقى ۋە ھوقۇقىنىڭ لىوجىستىكا ئومۇرتقىسىدۇر. بۇ ئومۇرتقىنىڭ خىتاي سەرمىيەسىدىن ۋە خىتاي تېخنىكىسىدىن پۈتۈنلەي ئازاد ھالدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى بۇ تايانچ ئوقىنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتىدۇر²⁷.
تۆتىنچىسى، مەدەنىيەت بىردەكلىكى تايانچ ئوقى بولۇپ، ئوسمانلىنىڭ يەتتە يۈز يىللىق كۆپ كىملىك قۇرۇلۇش تۈزۈلمىسى (مىللەت سىستېمىسى، ۋاقىف مەدەنىيىتى، ئادالەت چەمبىرىكى) خىتاينىڭ رەقەملىك فاشىزمىنىڭ تامامەن ئەكسىچە بولغان خەلقئارالىق ئايرىم بىر قۇتۇپ شەكىللەندۈرىدۇ. تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ئۇلۇغ مەدەنىيەت مىراسنىڭ زامانىۋى بىر دۇنياۋى قىممەت قاراش تەكلىپىگە ئايلاندۇرۇلىشى، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئالگورىتمىلىق ھاكىمى مۇتلەقلىكىگە ۋە غەربنىڭ كۆزىتىش كاپىتالىزمىغا قۇرۇلمىلىق بىر ئالترناتىپ (تاللاش) سۇنىدۇ. بۇ تايانچ ئوق پەقەتلا بىر ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئۆتمۈشكە يۆلىنىش ئەمەس، بەلكى ئىنسان فېترىنتى (تەبىئىتىنى ) ئاساس قىلغان ۋە ئىنساننى مەركەز قىلغان تېخنىكا ئەخلاقىنىڭ، كۆپ مەدەنىيەتلىك گۈزەل ئورتاق تۇرمۇشنىڭ ۋە ئەخلاق شەرتلىك ئىقتىسادىي تۈزۈلمنىڭ ئەمەلىي قۇرۇلۇشىغا ئايلىنىدۇ.
بەشىنچىسى، شەرقى تۈركىستان دىياسپوراسىنى قوغداش تايانچ ئوقى بولۇپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يەر شارىغا چېچىلغان مۇھاجىرەت دۇنياسى ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت ئاسسىمىلياتسىيە زۇلمىنىڭ تۈپ ئەسلىمە زاپىسى بولۇش رولىنى ئوينىماقتا. لېكىن، بۇ مۇھاجىرەت گەۋدىسىنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ياۋروپادىكى بىخەتەرلىكى بېيجىڭنىڭ يوشۇرۇن بېسىمى ئاستىدا ھەر كۈنى ئاجىزلىماقتا. تۈرك دۇنياسى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان مۇھاجىرلىرىنى قوغداش قابىلىيىتىنى ئورگانلىق ۋە قانۇنىي بىر تايانچ ئوققا ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇر. بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ، ئاھىسقا تۈركلىرىنىڭ، سۇرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ ۋە باشقا پۈتۈن مەزلوم مۇسۇلمان تۈرك خەلقلىرىنىڭمۇ ئورتاق جان كاپالىتى بولىدۇ. شۇ چاغدىلا تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى خەلقئارالىق ئۈچىنچى مەدەنىيەت قۇتۇبى بولۇش نىشانىي ئەخلاقىي ئاساسىنى تىكلىگەن بولىدۇ.
بۇ بەش تايانچ ئوقى قەغەز ئۈستىدىكى قۇرۇق بىر ياخشى نىيەتلىك تەكلىپ سۈپىتىدە قالماسلىقى لازىم. بۇ ئوقلارنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش تەلىماتى مېنىڭ يېقىندا تۈركچە نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەسىرىمدە «يەتتە پايتەخت، 8-ئوربىتا تەلىماتى» نامى بىلەن ئەمەلىي ئىجرا قىلىش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇلدى. يەتتە پايتەخت (ئەنقەرە، ئاستانا، رىياد، تاشكەنت، باكۇ، كۇئالا لۇمپۇر، جاكارتا ۋە 8-ئوربىتا بولغان پاكىستان) ئورتاق دۆلەت ئەقلى بىلەن ھەرىكەت قىلغاندا، بۇ بەش تايانچ ئوقنىڭ ھەممىسى يەر شارى خاراكتېرلىك يېڭى بىر قۇتۇپ شەكلىدە ئورنىدىن تۇرالايدۇ. بۇ ماقالە دەل شۇ كىتابتىكى 14 قىسىملىق دىياگنوزلىرىنىڭ ئاران بىرسىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئۇنىڭ تۈپ چارە، ئەمەلىي ئىجراسى ۋە ھەل قىلىش قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 بۆلۈملۈك ئىجرا قىلغۇچ قىسمى كىتابنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن بىرلىكتە پات يېقىندا ئۈستەلگە قويۇلىدۇ، ئىنشائاللاھ.
يېتىشمەي تۇرۇپ ۋەيران بولۇشتەك خىتاينىڭ تىراگېدىيەسى تۈرك – ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن تارىخنىڭ يۈز يىلدا بىر ئاچىدىغان تۈپ پەنچىرىلىرىدىن (پۇرسەتلىرىدىن) بىرىنى سۇنماقتا. پەنچىرە ئۇزۇن ئوچۇق تۇرمايدۇ. بىلگە خاقاننىڭ تاشقا ئويۇپ يازغان ئاگاھلاندۇرۇشى پەقەت مۇشۇ يەتتە پايتەختنىڭ ئورتاق مۈرىسىدە يېڭى بىر ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانغاندىلا، 1300 يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي جاراڭلىق جاۋابىنى تاپقان بولىدۇ.
مەنبەلەر:
1. The Muqaddimah: An Introduction to History – İbn Haldun’un medeniyetlerin yükseliş ve çöküş döngülerini "asabiyye" kavramı üzerinden açıkladığı temel eseri. – Aktif URL: https://wellcomecollection.org/works/cyyg76mw | Yayın: 1967, Princeton University Press (Bollingen Series) | ISBN: 978-0691097978 1-4
2. Malik Bin Nebi'de Sömürülebilirlik Olgusu – Malik Bennabi'nin toplumların içsel çöküşünü ve "sömürgeleştirilebilir" hale gelme süreçlerini incelediği teorik çerçeve. – Aktif URL: https://dergipark.org.tr/tr/pub/milel/article/128123 | Yayın: 1948 (Orijinal), Güncel Kaynak: DergiPark 2, 5, 6
3. The History of the Decline and Fall of the Roman Empire – Edward Gibbon'un Roma İmparatorluğu'nun kurumsal ve ahlaki çözülmesini detaylandırdığı klasik çalışması. – Aktif URL: https://oll.libertyfund.org/titles/gibbon-the-history-of-the-decline-and-fall-of-the-roman-empire-vol-1 | Yayın: 1776-1788 (1906 Ed.), New York | ISBN: 978-0140433937 2, 7-9
4. Decline and Fall of the Sasanian Empire: The Sasanian-Parthian Confederacy – Parvaneh Pourshariati'nin Sasani İmparatorluğu'nun merkeziyetçi reformlar ve elit çatışmaları nedeniyle çöküşünü analiz eden eseri. – Aktif URL: https://www.bloomsbury.com/uk/decline-and-fall-of-the-sasanian-empire-9781784537470/ | Yayın: 2008/2017, Londra: I.B. Tauris | ISBN: 978-1784537470 2, 10, 11
5. Can China Reverse Its Demographic Decline? – Yi Fuxian’ın Çin’in 2025 yılı rekor düşük doğum verilerini ve demografik çöküşün geri dönülemezliğini analiz eden makalesi. – Aktif URL: https://www.freemalaysiatoday.com/category/opinion/2026/01/24/can-china-reverse-its-demographic-decline 12-15
6. The 2050 Population Data That Could Ruin China's Century – Çin'deki nüfus dengesizliği, kadın ticareti ve sahte doğum istatistiklerini belgeleyen Newsweek raporu. – Aktif URL: https://www.newsweek.com/2050-population-data-that-could-ruin-china-century-1903597 14, 16, 17
7. Evergrande: China's property giant delisted from Hong Kong stock exchange – Evergrande grubunun borçkrizi sonrası borsadan çıkarılması ve emlak sektöründeki çöküşün resmi duyurusu. – Aktif URL: https://www.theguardian.com/business/2025/aug/25/evergrande-china-group-delisted-hong-kong-stock-exchange18-21
8. China 2026 Is Exporting Stagnation, Not Strength – Andy K tarafından hazırlanan, Çin’in gayrimenkul finansman sistemindeki tıkanıklığı ve Vanke krizini inceleyen analiz. – Aktif URL: https://medium.com/@AndyRo/china-2026-is-exporting-stagnation-not-strength-6c047dd42b25 20, 22
9. Evergrande's Delisting Exposes China's Slow Bankruptcy Trap – Çin yerel hükümet finansman araçlarının (LGFV) emlak krizi nedeniyle düştüğü "yavaş iflas" döngüsünün analizi. – Aktif URL: https://thediplomat.com/2025/09/evergrandes-delisting-exposes-chinas-slow-bankruptcy-trap/ 20, 22
10. Demography-Real Estate Loop – Yi Fuxian’ın emlak balonu ile düşük doğurganlık oranları arasındaki yapısal bağı inceleyen teknik çalışması. – Aktif URL: https://www.project-syndicate.org/commentary/china-demographic-decline-falling-fertility-many-causes-hard-to-reverse-by-yi-fuxian-2026-01?utm_term=&utm_campaign=&utm_source=adwords&utm_medium=ppc&hsa_acc=1220154768&hsa_cam=22015387909&hsa_grp=172252323815&hsa_ad=724983174187&hsa_src=g&hsa_tgt=dsa-1456167871416&hsa_kw=&hsa_mt=&hsa_net=adwords&hsa_ver=3&gad_source=1&gad_campaignid=22015387909&gbraid=0AAAAADSFwgLz967DcTjw7ansgUAf-08gR&gclid=Cj0KCQjw54nRBhDCARIsAMcY_SBTDuGuxfgoPSH-3tzuRJr3Uok9KhCV5WYmRj4CXDKHzg4nzZTORPQaAvDYEALw_wcB
11. China, Facing Record Youth Unemployment, Says It Will Stop Releasing Data – Çin’in genç işsizlik verilerinin rekor kırması üzerine veri açıklamasını durdurmasına dair rapor. – Aktif URL: https://www.yahoo.com/news/china-facing-record-youth-unemployment-114431264.html?guccounter=1&guce_referrer=aHR0cHM6Ly93d3cuZ29vZ2xlLmNvbS8&guce_referrer_sig=AQAAAClhALA9GSQkmbyzACVcp4xvRmwllqSWWS_-p0GuAnzs0tBy1N9PP_AQhRnSUcOu4OTO-H-0Q6w2NG7bri3K4b8d73b3CBaZHhqpLtlaU37G7ryYnlYuU6pdmk7270HWH1s3oQYi5SkBKwJlBoRW880Mqa0mD3VzNYA-5iRhGCAp
12. China's Economic Data Is Famously Unreliable – Çin'in resmi ekonomik verilerindeki tutarsızlıklar ve metodolojik makyaj uygulamaları üzerine inceleme. – Aktif URL: https://fortune.com/asia/2025/08/22/china-economic-data-trump-bls-gdp/
13. WikiLeaks: Li Keqiang Diplomatic Cable – Eski Başbakan Li Keqiang’ın Çin GSYH rakamlarını "insan yapımı" olarak nitelediği sızdırılan 2010 tarihli yazışma. – Aktif URL: https://wikileaks.org/cable/2007/03/07BEIJING1760.html 24-26
14. Axe Corruption Not Cigarettes – Lüks tüketim ürünlerinin rüşvet aracı olarak kullanımını itiraf eden Çin resmi medya makalesi. – Aktif URL: https://www.chinadaily.com.cn/opinion///////2009-03/31/content_7632901.htm
15. Guanxi Culture, Corruption and Patronage – Zhihui Fu ve ark. tarafından Çin'deki rüşvet kültürü ve yargıkararları üzerine yapılan panel analizi. – Aktif URL: https://journals.sagepub.com/doi/10.1177/00380385251320472
Yayın: 2025, SAGE Journals 6, 27, 29
16. Banking on the Belt and Road – AidData tarafından hazırlanan, Kuşak-Yol projelerindeki gizli borçları ve offshore komisyonları belgeleyen kapsamlı rapor. – Aktif URL: https://www.aiddata.org/publications/banking-on-the-belt-and-road | Yayın: 2021/2024, William & Mary Üniversitesi 30, 31
17. Peng Liyuan Rises Up the Ranks: Implications for Xi's Despotic Rule – Willy Wo-Lap Lam’ın Xi Jinping’in eşinin ordu içindeki yükselişini inceleyen analizi. – Aktif URL: https://jamestown.org/program/peng-liyuan-rises-up-the-ranks-implications-for-xis-despotic-rule/ 32, 33
18. Beijing's Latest Military Purge and Missing Defence Minister Li Shangfu – Çin ordusunda Roket Kuvvetleri ve savunma bakanlığı düzeyindeki tasfiyeleri belgeleyen haber raporu. – Aktif URL: https://nationalsecuritynews.com/2024/01/beijings-latest-military-purge-and-missing-defence-minister-li-shangfu/
19. The Purges Within China's Military Are Even Deeper Than You Think – CSIS bünyesindeki ChinaPower Project tarafından hazırlanan general tasfiyeleri veri analizi. – Aktif URL: https://chinapower.csis.org/china-pla-military-purges/
Yayın: 2026, CSIS 32, 34, 35
20. China Dissent Monitor: Issue 11 – Çin genelinde artan işçi ve ev sahibi protestolarını belgeleyen veri raporu. – Aktif URL: https://freedomhouse.org/report/china-dissent-monitor/2025/issue-11-october-december-2025
Yayın: 2025, Freedom House 32, 35, 36
21. China Dissent Monitor: Issue 10 – Dijital sansür ve sosyal medyada silinen protesto içerikleri üzerine yapılan vaka analizleri. – Aktif URL: https://freedomhouse.org/report/china-dissent-monitor/2025/issue-10-july-september-2025
| Yayın: 2025, Freedom House 32, 35, 37
22. GDP: Guangdong – Eyaletin GSYH payı, ihracat gücü ve ekonomik verilerini içeren istatistik veri seti. – Aktif URL: https://www.ceicdata.com/en/china/gdp-by-province-quarterly-final-estimation/gdp-guangdong | Yayın: 2025, CEIC Data 35
23. The Rise and Fall of the Great Powers – Paul Kennedy’nin büyük güçlerin askeri harcamalarının ekonomik kapasiteyi aşmasıyla oluşan çöküşü inceleyen eseri. – Aktif URL: https://books.google.com/books/about/The_Rise_and_Fall_of_the_Great_Powers.html?id=yyZtAAAAMAAJ | Yayın: 1987, Random House | ISBN: 978-0394546742 2, 38, 39
24. Examining the Debt Implications of the Belt and Road Initiative – Center for Global Development tarafından BRI projelerinin borç risklerini inceleyen koleksiyon raporu. – Aktif URL: https://www.cgdev.org/publication/examining-debt-implications-belt-and-road-initiative-policy-perspective | Yayın: 2018 30, 40, 41
25. China's Domestic Security Spending: An Analysis – Adrian Zenz'in Çin'in dış savunma bütçesini aşan içgüvenlik harcamalarını belgeleyen raporu. – Aktif URL: https://jamestown.org/chinas-domestic-security-spending-analysis-available-data/
| Yayın: 2018/2024, Jamestown Foundation 32, 42, 43
26. Red Roulette: An Insider's Story of Wealth and Corruption – Desmond Shum'ın Çin elit siyaseti ve küresel finans arasındaki ilişkileri ifşa ettiği çalışması. – Aktif URL: https://www.amazon.com/Red-Roulette-Insiders-Corruption-Vengeance/dp/1982156155
| Yayın: 2021, Simon & Schuster | ISBN: 978-1982174446 44-46
27. Türk Devletleri Teşkilatı Temel Belgeler ve Bildiriler – Türk dünyası stratejik işbirliği, Orta Koridor raporları ve bölgesel doktrinlerin altyapısı. – Aktif URL: https://www.ayu.edu.tr/mypanel/_app/upload/yayin/dosya/fe131d7f5a6b38b23cc967316c13dae2.pdf
| Yayın: 2018-2025, TDT Genel Sekreterliği 47-49