
تۈركىيەدە تونۇلغان مۇتەپەككۇر يۈسۈف قاپلان X ھېسابىدا بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىستانبۇلدىكى قايتۇرۇش مەركىزىگە يوللانغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەندىن كېيىن، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستافا چىفتچىنىڭ x ھېسابىدا ئۇنىڭغا مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ئىككىنچى ئۇچۇرىدا ئۇيغۇر ئايالنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزۈشى ئالقىشقا ئېرىشتى.