
خىتاي باش كونسۇلى ۋېي شياۋدۇڭنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان كۈچۈكچەكمەجە رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقىنى زىيارەت قىلىشى ۋە زىيارەتتە قىلچە تەپ تارتماستىن رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرى» دەپ ئاتاپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتتە ساختىپەزلىك قىلىشى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.