تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەربىي كۈچى

تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەربىي كۈچى

1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىز تۆۋەندە بۇ دۆلەتلەرنى ۋە بۇ دۆلەتلەر ھەققىدىكى 2018-يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ھەربىي كۈچىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.


1. ئۆزبېكىستان (Uzbekistan)

نوپۇسى: 32 مىليون 121 مىڭ.

جەمئىي ئەسكەر سانى: ئېنىق ئەمەس.

رەسمىي ئەسكەر سانى: 77 مىڭ.

زاپاس ئەسكەر سانى: ئېنىق ئەمەس.

ئەسكەرلىككە يارايدىغان نوپۇسى: 29 مىليون 473 مىڭ.

ھەر يىلى ئەسكەرلىك يېشىغا توشىدىغان نوپۇسى: 13 مىليون 312 مىڭ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: ھەر خىل تانكا 420 تال، ھەر خىل بىرونېۋىكلار 715 تال، ماتورلۇق ھەرىكەتچان قوراللىرى 143 تال، ماتورلۇق ھەرىكەتچان توپلىرى 880 تال، كاتيۇشا 109 تال.

ھاۋا ئارمىيەسى: جەمئىي ئايروپىلانى 175 تال، تىك ئۇچار ئايروپىلانى 70 تال، ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى 25 تال.

دېڭىز ئارمىيەسى: دېڭىز بىلەن چېگرالانمىغاچقا دېڭىز ئارمىيەسى يوق.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق خىراجەت: 70 مىليون دوللار.

ئۆزبېكىستاننىڭ ھەربىي كۈچى دۇنيادا 48-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

2.  قازاقىستان (Kazakhstan)

نوپۇسى: 18 مىليون 360 مىڭ.

جەمئىي ئەسكەر سانى: ئېنىق ئەمەس.

رەسمىي ئەسكەر سانى: 106 مىڭ.

زاپاس ئەسكەر سانى: ئېنىق ئەمەس.

ئەسكەرلىككە يارايدىغان نوپۇسى: 6 مىليون 440 مىڭ.

ھەر يىلى ئەسكەرلىك يېشىغا توشىدىغان نوپۇسى: 245 مىڭ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: ھەرخىل تانكا 300 تال، ھەرخىل بىرونېۋىكلار 1613 تال، ماتورلۇق ھەرىكەتچان قوراللىرى 285 تال، ماتورلۇق ھەرىكەتچان توپلىرى 744 تال، كاتيۇشا 393 تال.

ھاۋا ئارمىيەسى: جەمئىي ئايروپىلان سانى 239 تال، تىك ئۇچار ئايروپىلانى 67 تال، ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى 18 تال.

دېڭىز ئارمىيەسى: پاراخوت سانى 15 تال، دېڭىز بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش-چارلاش كېمىسى 12 تال.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق خىراجىتى: ئىككى مىليارد 435 مىليون دوللار.

قازاقىستاننىڭ ھەربىي كۈچى دۇنيادا 53-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

3.  تۈركمەنىستان (Turkmenistan)

نوپۇسى: بەش مىليون 291 مىڭ.

جەمئىي ئەسكەر سانى: 132 مىڭ.

رەسمىي ئەسكەر سانى: 22 مىڭ.

زاپاس ئەسكەر سانى: 110 مىڭ.

ئەسكەرلىككە يارايدىغان نوپۇسى: ئىككى مىليون 255 مىڭ.

ھەر يىلى ئەسكەرلىك يېشىغا توشىدىغان نوپۇسى: 110 مىڭ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: ھەرخىل تانكا 712 تال، ھەرخىل بىرونېۋىكلار 1941 تال، ماتورلۇق ھەرىكەتچان قوراللىرى 68 تال، كاتيۇشا 110 تال.

ھاۋا ئارمىيەسى: جەمئىي ئايروپىلان سانى 72 تال، تىك ئۇچار ئايروپىلانى 25 تال، ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى 10 تال.

دېڭىز ئارمىيەسى: پاراخوتى جەمئىي تۆت تال، دېڭىز بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش-چارلاش كېمىسى ئالتە تال.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق خىراجەت: 200 مىليون دوللار.

تۈركمەنىستاننىڭ ھەربىي كۈچى دۇنيادا 86-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

4. قىرغىزىستان (Kyrgyzstan)

نوپۇسى: بەش مىليون 727 مىڭ.

جەمئىي ئەسكەر سانى: 26500.

رەسمىي ئەسكەر سانى: 16500.

زاپاس ئەسكەر سانى: ئون مىڭ.

ئەسكەرلىككە يارايدىغان نوپۇسى: ئىككى مىليون 377 مىڭ.

ھەر يىلى ئەسكەرلىك يېشىغا توشىدىغان نوپۇسى: 111 مىڭ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى: ھەرخىل تانكا 150 تال، ھەرخىل بىرونېۋىكلار 438 تال، ماتورلۇق ھەرىكەتچان قوراللىرى 30 تال، ماتورلۇق ھەرىكەتچان توپلىرى 159 تال، كاتيۇشا 21 تال.

ھاۋا ئارمىيەسى: جەمئىي ئايروپىلان ئالتە تال، تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئالتە تال، ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىككى تال.

دېڭىز ئارمىيەسى: دېڭىز بىلەن چېگرالانمىغاچقا دېڭىز ئارمىيەسى يوق.

دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق خىراجەت: 240 مىليون دوللار.

قىرغىزىستاننىڭ ھەربىي كۈچى دۇنيادا 91-ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

يۇقىرقى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن باشقا ئەزەربەيجان 60-ئورۇندا، ئافغانىستان 66-ئورۇندا، موڭغۇلىيە 87-ئورۇندا ۋە تاجىكىستان 94-ئورۇندا تۇرىدۇ (بەزى مەنبەدە 110- ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيىلگەن).

 

تۈرك دۆلەتلىرى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچى توغرۇلۇق يېزىلغان تېمىلار كۆپ بولۇپ، بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەن. بىز توغرىسىنى يېزىشقا تىرىشتۇق.

بۇ خەۋەر 7423 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2019 13:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق