دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل 20 دۆلەت

 دۇنيا بارلىق ئىنسان ئىرقىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا يەتكۈدەك تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ بەزى دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىماقتا. ماتېماتىك ئېلى خاماروۋ (Eli Khamarov) كەمبەغەللىكنى «ئۆتكۈزمىگەن جىنايەت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل» دەپ تەرىپلىگەن. بۇ ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل 20 دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى ئافغانىستاندىن باشقا ھەممىسىنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

بىز تۆۋەندە 2018-يىلى تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىنغان دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل 20 دۆلەتنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. بۇلارنىڭ رەت تەرتىپىنى بەلگىلەشتە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئامېرىكا دوللىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھېسابلانغان.

 

1. بۇرۇندى (Burundi)

نوپۇسى: 11 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 275 دوللار.

 

2. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى (Central African Republic)

نوپۇسى: 4.9 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 306 دوللار.

 

3. نىگېر (Niger)

نوپۇسى: 20 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 358 دوللار.

 

4. مالاۋى (Malawi)

نوپۇسى: 17.2 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 381 دوللار.

 

5. ماداگاسكار (Madagascar)

نوپۇسى: 24.23 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 411 دوللار.

 

6. گامبىيە (Gambia)

نوپۇسى: 2.1 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 441 دوللار.

 

7. لىبېرىيە (Liberia)

نوپۇسى: 4.5 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 455 دوللار.

 

8. كونگو (Democratic Congo)

نوپۇسى: 77.26 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 456 دوللار.

 

9. موزامبىك (Mozambique)

نوپۇسى: 28 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 525 دوللار.

 

10. گىۋىنىيە (Guinea)

نوپۇسى: 12.6 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 531 دوللار.

 

11. توگو (Togo)

نوپۇسى: 7.3 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 547 دوللار.

 

12. سومالى (Somalia)

نوپۇسى: 10.8 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 551 دوللار.

 

13. گىۋىنىيە بىسسائۇ (Guinea-Bissau)

نوپۇسى: 1.84 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 573 دوللار.

 

14. ئافغانىستان (Afghanistan)

نوپۇسى: 32.5 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 590 دوللار.

 

15. بۇركىنا فاسو (Burkina Faso)

نوپۇسى: 18.1 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 613 دوللار.

 

16. ئېفىئوپىيە (Ethiopia)

نوپۇسى: 99.4 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 619 دوللار.

 

17. ئۇگاندا (Uganda)

نوپۇسى: 39 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 675 دوللار.

 

18. سېررالېئون (Sierra Leone)

نوپۇسى: 6.45 مىليون

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 693 دوللار.

 

19. رىۋاندا (Rwanda)

نوپۇسى: 11.6 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 697 دوللار.

 

20. جەنۇبىي سۇدان (South Sudan)

نوپۇسى: 12.3 مىليون.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى: 730 دوللار.

 

يۇقىرىقى 20 دۆلەتتىن كېيىن يەنە رەت تەرتىپى بويىچە 21. نېپال، 22. مالى، 23. ئېرىترىيە، 24. چاد، 25. بېنىن، 26. كومورو، 27. زىمبابۈۋى، 28. تانزانىيە، 29. ھايتى، 30. سېنېگال، 31. تاجىكىستان، 32. لېسوتو ۋە 1103 دوللار بىلەن قىرغىزىستان 33-ئورۇندا ئىكەن.

 ئەسكەرتىش: بۇ سانلىق مەلۇماتلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسلىرى مەنبەلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەن. بىز ئىزدىنىپ توغرا مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇنۇشقا تىرىشتۇق.

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 34561 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2019 23:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق