شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا نېمە ئىشلار بولدى؟

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا نېمە ئىشلار بولدى؟

زەينەپ گۈرجانلى

 

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO)نىڭ يىغىنى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئېچىلدى. تۈركىيەمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىر ھەيئەت بىلەن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ئۆزئارا تالاش-تارتىش، مۇنازىرە، تەھدىت ۋە نارازىلىقلارغا تولدى.

تۈركىيە يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن سۇرىيە، ئىراق... قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈركىيەگە قارشى قوراللىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۈرتلەرنىڭ «خەلق مۇداپىئە ئىتتىپاقى» (YPG) ۋە «دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى» (PYD)نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىش تەكلىپىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىغا جاۋابەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «بالتىق دېڭىزى تەۋەلىكىدىكى دۆلەتلەرنى قوغداش» پىلانىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما تۈركىيە يىغىندا بۇ پىلاننى رەت قىلىشتىن ۋاز كەچتى. لېكىن تۈركىيەنىڭ بۇنىڭ بەدىلىگە قانداق مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكى توغرۇلۇق ھېچقانداق گەپ-سۆز بولۇنمىدى. تۈركىيە تېررورچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان يۇقىرىقى تەشكىلاتلار بولسا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىدى. يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا پەقەت داۋاملىق ئىشلىتىلىدىغان «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەرقانداق تېررورچى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن سۆز ئىشلىتىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى سىتولتېنبېرگمۇ (Stoltenberg) قىلغان سۆزىدە YPG ۋە PYD دىن ئىبارەت بۇ تەشكىلاتلارغا قانداق تەشكىلات قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىدى. بالتىق دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان لىتۋانىڭ پىرېزىدېنتى گىتاناس ناۋسېدا (Gitanas Nausėda) بولسا: «ھېچكىم بىزگە ئۆزلىرىنى قوغداش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلىپ بىرەر شەرت قويمىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.

 

تىرامپنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ، خىتاي بىر «تەھدىت دۆلەت» دەپ قارالدى

 

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلە بولسا يىغىننىڭ «خىتاينى قانداق دۆلەت دەپ قارايمىز؟» دەپ قارار چىقىرىشقا ئايرىلغان قىسمى بولدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايغا قارشى سودا ئۇرۇشى قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى بۇ يىغىنغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىغا تۇنجى قېتىم «ھەممىمىز بىرلىكتە خىتايغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك!» دېگەن جۈملە كىرگۈزۈلدى. بۇ دوكلاتتا «خىتاينىڭ تەسىرى كۈنسايىن كېڭىيىۋاتىدۇ، كۈچىيىۋاتىدۇ، خەلقئارا سىياسەتتە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا تەھدىت سېلىشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممىمىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن جۈملىلەر ئورۇن ئالدى.

 

يىغىندا 5G تېخنىكىسى توغرۇلۇق چىققان تالاش-تارتىشلار

 

بۇ يىغىندا يەنە 5G تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش توغرۇلۇق تالاش-تارتىش بولدى. كېيىنكى ۋاقىتتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا 5G تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش توغرۇلۇق كەسكىن پىكىر ئىختىلاپى كېلىپ چىققان ئىدى. بولۇپمۇ تىرامپ گېرمانىيە بىلەن قاتتىق زىددىيەتلىشىپ قالغان ئىدى. چۈنكى گېرمانىيە 5G تېخنىكىسىغا ئۆتۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش تەرەپدارى ئىدى. تىرامپ بولسا گېرمانىيەنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىگە قەتئىي قارشى ئىدى. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ توغرۇلۇق بۇرۇن ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرىلەرمۇ بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىغا 5G تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش توغرۇلۇق «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئىتتىپاقلار 5G تېخنىكىسىغا ئۆتۈشتە ئىشەنچلىك ۋە ئىشلىتىشكە ئەپلىك سىستېمىلارغا ئىشىنىشى كېرەك» دېگەن جۈملە كىرگۈزۈلدى.

 

كىرېمل سارىيى ناھايىتى قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئىپادە بىلدۈردى

 

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە رۇسىيەنىڭ كىرېمل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوف (Dmitry Peskov) مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىغىنغا قارشى ناھايىتى قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ: «بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەربىي خىراجىتىنى كۆپەيتىش قارارىنى چىقارغان ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ داۋاملىق كېڭەيمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدۇق. مانا بۈگۈن ئېيتقانلىرىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەمما بىز ئۇلار بىلەن بەسلىشىپ قوراللىنىش مۇسابىقىسى قىلمايمىز...» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلدى.

 

 

 

https://www.sozcu.com.tr/2019/dunya/nato-zirvesinde-neler-oldu-pyd-ypgnin-terorist-sayilmasi-konusunda-gelisme-yok-5490021/

 

https://www.sozcu.com.tr/2019/dunya/son-dakika-nato-zirvesi-sirasinda-kremlinden-zehir-zemberek-aciklama-5489181/?utm_source=szc&utm_medium=free&utm_campaign=ilgilihaber

 

بۇ خەۋەر 9753 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2019 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق