خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارىتا ئۇششاق قارشىلىقلىرى داۋاملاشماقتا

 

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋمېن دائىرىلىرى 7-دېكابىر مەلۇم پائالىيەت ئۈچۈن بارغان خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە رەئىسىنى چېگرادىن كىرگۈزمىگەن.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغانلىقىغا قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ كىرگۈزۈلمەسلىكى ئەمەلىيەتتە خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاۋمېنغا تارقىلىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئاۋمېننىڭ خوڭكوڭدىكىدەك قالايمىقانچىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆز پۇقرالىرى ئالدىدا ھەيۋىسىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلاشقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىغا قارشى تەدبىرلەرنى ئويلىشىپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ قاتتىق جازا يۈرگۈزۈشىدىن ئېھتىيات قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 397 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2019 22:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق