ئىككى كانادا پۇقراسى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلاندى

 

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىر يىلدىن بېرى خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى كانادا پۇقراسىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش» جىنايىتى بويىچە سوتلىماقچى ئىكەنلىكىنى پۇرىتىپ ئۆتكەن.
كانادالىق مايكېل كوۋرىگ (Michael Kovrig) ۋە مايكېل سىپاۋور (Michael Spavor) بۇلتۇر 12-ئايدىكى سەپىرى جەريانىدا بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. ئۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن خۇاۋېي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېينىڭ قىزى مېڭ ۋەنجوۋ كانادا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا مەزكۇر ئىككى كانادا پۇقراسىغا ئالاقىدار دېلونىڭ تەپتىش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «قانۇن بويىچە» تەكشۈرۈلۈپ، ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە مېڭ ۋەنجوۋ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ، كانادادىكى داچىسىدا نازارەت ئاستىدا سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈپ تۇرغان. ئەمما خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى كانادا پۇقراسى ئادۋوكاتمۇ چاقىرالمىغان، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان.

بۇ خەۋەر 500 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2019 16:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق