ياۋرو-ئاسىيا دېپلوماتلار يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭغا ئالاقىدار سەزگۈر مەسىلىلەر تىلغا ئېلىندى

14-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا دېپلوماتلار يىغىنى بۇ ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دېپلومات ۋە بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيە ئالىي ۋەكىلى جوسىپ بورەل شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان.

دوۋېي خەۋەر تورىنىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن جوسىپ بورەل ئالدى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا-خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭغا ئوخشاش بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا ئوخشىمىغان پىكىردە ئىكەنلىكىنى، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، كىشىلىك ھوقۇقنىمۇ ئويلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ يى بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى، كۆپ تەرەپلىك سودىنى قوللايدىغانلىقىنى، ب د ت نىڭ نوپۇزى ۋە خەلقئارا قانۇننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىجتىمائىي تۈزۈم ئەندىزىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا بەزى پىكىر ئىختىلاپلىرى بولۇشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بۇ ئىختىلاپلارنىڭ ئىككى تەرەپ ئالاقىسىگە توسالغۇ بولماسلىقى، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 609 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2019 18:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق