ئىشسىزلىق كىرىزىسىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

خىتاي دائىرىلىرى كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان كوللېكتىپ خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ھۆججەت چۈشۈرگەن. ھۆججەتتە: «ئادەم قىسقارتماقچى بولغان كارخانىلار چوقۇم بىر ئاي بۇرۇن ئالاقىدار ئەھۋالنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ياكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يەتكۈزۈشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. ھۆججەتتە يەنە جايلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان كوللېكتىپ ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، لى كېچياڭ تەستىقلىغان «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئادەم قىسقارتقان كارخانىلارنىڭ «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، «كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق» خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

خىتاينىڭ بۇ ھۆججىتى خىتايدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش-ئىشسىزلىق خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، بۇ كەڭ كۆلەملىك كوللېكتىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا خۇنەن قانۇن ساھەسىدىكى ئاكادېمىك فەن لۇشياڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادى ئاجىزلاپ، نۇرغۇن كارخانىلار خادىم قىسقارتىشقا مەجبۇر بولدى. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قىلىشىمۇ تەسلەشتى. بۇنداق شارائىتتا ئىشسىزلىق دولقۇنىنىڭ كۆرۈلۈشى مۇقەررەر. كىشىلەر خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھەرخىل نارازىلىق بارغانسېرى كۆپىيىپ، كوللېكتىپ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېنىق».

خېبېيدىكى ئاكادىمىك گو خاۋ زىيارەتتە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا سودا سۈركىلىشى بولمىغان تەقدىردىمۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئەسلىدىنلا قىيىنلاشقان. نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىي ئېشىشى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتىدۇ، سودا ئۇرۇشى مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ سودىسى قىيىنلىشىپ، بەزىلىرى ۋەيران بولدى. ئىشسىزلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا. ئىشسىزلىق قانچە كۆپ بولسا، مۇقىملىقنى ساقلاش شۇنچە قىيىن بولىدۇ. خىتاي تەرەپ يەنىلا كونا ئۇسۇل بويىچە مەسىلىنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەمۇرىي جەھەتتىن ھەل قىلىمەن، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ھۆججەت چۈشۈرۈپ قويۇپلا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ».

بۇ خەۋەر 593 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2019 23:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق