خىتاينىڭ گۇمانلىق ھالدا قان ئەۋرىشكىسى يىغىشى دىققەت قوزغىدى

 

زىمىستان تورىنىڭ 3-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىشى دىققەت قوزغىغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرىي يىغىپ بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە ساقچى تارماقلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ رۇخسىتىسىزلا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى يىغىۋالغان. كىشىلەر نېمە ئۈچۈن دوختۇرلار ئەمەس، بەلكى ساقچىلارنىڭ قان ئالغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار بۇنىڭ بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شۇنداقتىمۇ ئاتا-ئانىلار پەقەت ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭلا قان ئەۋرىشكىسى يىغىۋېلىنغانلىقىدىن گۇمان قىلىشقان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ ئورگان سودىسىغا ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا بۇ يىل 11-ئايدا خىتاينىڭ جياڭشى، شەنشى ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردىمۇ ئوخشاشلا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى يىغىۋالغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ساقچىلارغا ماسلىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

بۇ خەۋەر 586 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2020 22:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق