نىككېي (Nikkei) تورىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى پاكىستاندا ئوردۇ تىلىدىكى مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 26-دېكابىر ئىسلامئابادتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنخۇا ئاگنېتلىقى بىلەن پاكىستاننىڭ نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن. كېلىشىمگە ئاساسەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى پاكىستاننىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنى ئوردۇچە خەۋەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە مۇلازىمىتى پاكىستاندا ئاللىبۇرۇن يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەمكارلىقتا ئوردۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلق نىشانلانغان.
ئالاقىدار خادىملار شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ مۇلازىمىتىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە، جۈملىدىن خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا قارىتىلغان تەنقىدىي پىكىرلەرگە قارشى تۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايلارنىڭ يېقىن كەلگۈسى ئىچىدە خەلقئارادىكى تاراتقۇ كۈچىنى زور كۆلەمدە ئاشۇرىدىغانلىقى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۈرلۈك تىللاردا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئىزچىل تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولۇپ، پاكىستاندا يېڭى مۇلازىمىتىنىڭ يولغا قويۇشى بۇ قاراشنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىكەن.