خىتاي: خۇاۋېي چەتكە قېقىلسا، گېرمانىيە شىركەتلىرىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ

 

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارى خۇاۋېينىڭ 5G تورى تېخنىكىسى مەسىلىسىدە گېرمانىيەگە تەھدىت سالغان.

خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تورى تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك ئاللىبۇرۇن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تاللىشىغا ئايلىنىپ قالغان بىر پەيتتە، گېرمانىيەدىمۇ قايسى شىركەتنىڭ 5G تورى تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش مەسىلىسى بىر نەچچە ئايدىن بېرى توختىماي مۇزاكىرە قىلىنغان.

نۆۋەتتە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى گېرمانىيەنىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشىغا خۇاۋېينىڭ قاتنىشىشىنى قانۇن بويىچە چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىقتىساد-سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ۋاڭ ۋېيدۇڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خۇاۋېي شىركىتى چەتكە قېقىلغان تەقدىردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە چېكىنىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا تەھدىت تەلەپپۇزىدا خىتايدىكى گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشى يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاينى جاسۇسلۇق ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئىزچىل دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋە كومپارتىيەنىڭ باياناتچىلىرى ئىزچىل خۇاۋېينى يۆلەپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 451 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2020 06:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق