فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا تارقالغان نامەلۇم بىر ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغىنىڭ سارىس كېسىلى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر نامەلۇم ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان ۋە ئايرىپ كۆزىتىلگەن. تاراتقۇلاردا بۇنىڭ 2002-يىللىرى تارقىلىپ، نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سارىس كېسىلى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى بۇ خىل كېسەلنىڭ سارىس، قۇش زۇكىمى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.
ئۇندىن باشقا خوڭكوڭ تەۋەسىدىمۇ ئون نەچچە كىشى بۇ خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇخەنگە بېرىپ-كەلگەنلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
نۆۋەتتە بۇنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكى دەلىللەنمىگەن بولۇپ، يېڭى بىر خىل ۋىرۇس تۈرى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان.