خىتاي دائىرىلىرى مائارىپقا قارىتا باشقۇرۇشنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتتى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يېڭىدىن نىزام چىقىرىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چوقۇم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.

يېڭى نىزامنامىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ چوقۇم مائارىپ مىنىستىرلىكى تۈزگەن ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكى، يەرلىك دائىرىلەر تۈزگەن ياكى چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بولسا قىسمەن ھالدا چەتئەلدە تۈزۈلگەن ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى، ئەمما ئالاقىدار قائىدە-نىزاملارغا ئەمەل قىلغان ئاساستا بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇندىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى يېڭى بىر ئەۋلاد خوڭكوڭلۇقلارنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن، خوڭكوڭدىكى دەرسلىك ماتېرىياللارغا بولغان نازارەتنىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىغان. 3-يانۋار خوڭكوڭ قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى يېڭىدىن قارار ماقۇللاپ، خوڭكوڭدىكى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى نازارەت قىلىدىغان ۋە تۈزۈپ چىقىدىغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغان.

بۇ خەۋەر 424 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2020 19:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق