خىتايدا بىر تۈركۈم ئادۋوكاتلار تۇتقۇن قىلىندى

بى بى سى (BBC) خەۋەرلىرى تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن تارتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئون نەچچە ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ تۆت يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن «709 ۋەقەسى»دىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ 20 نەچچە ئۆلكىسىدە بىرلا ۋاقىتتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى تەشكىللەنگەن بولۇپ، يۈز نەچچە ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى قولغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سەزگۈر سىياسىي دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقانلىقى مەلۇم بولغان.

ئالدىنقى يىلى 26-دېكابىر خىتاي ساقچى تارماقلىرى فۇجيەن، شەندۇڭ، بېيجىڭ، خېبېي، سىچۈەن قاتارلىق شەھەر-ئۆلكىلەردە تۇيۇقسىز ھەرىكەت باشلاپ، ئون نەچچە ئادۋوكات ۋە ئاممىۋى پائالىيەتچى شەخسلەرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن نەزەربەند قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 437 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2020 19:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق