ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى كېيىنكى ھەپتە ئىمزالىنىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سۆھبەت ھەيئىتى بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاش ئۈچۈن كېلەر ھەپتە ئامېرىكىغا بېرىشنى پىلانلىغان.

بۇ قېتىملىق سۆھبەت ھەيئىتىگە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇخې باش بولغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ ئەسلىدە بۇ ئاينىڭ بېشىدىلا كېلىشىم ئىمزالاشنى پىلانلىغان. ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ سودا كېلىشىمىنىڭ 15-چېسلا ئىمزالىنىدىغانلىقىنى مەسلىھەت قىلماستىنلا تىۋىتتېردا ئېلان قىلىۋەتكەندىن كېيىن، خىتاي پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق كېلىشىمدە خىتايدىن ئېلىنىدىغان بىر قىسىم قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىش، خىتاي ئامېرىكىنىڭ يېزا-ئىگىلىك ۋە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئەمما كېلىشىمنامىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ھازىرچە ئاشكارىلانمىغان.

بۇ خەۋەر 486 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2020 19:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق