خىتاينىڭ چېگرا ئاتلاپ ئادەم تۇتۇشى كىشىلەرنى چۆچۈتتى

ئەركىن ئاسىيا تورى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەن قازاق مىللىتىدىن بولغان ئاسقار ئىسىملىك كىشىنى قايتۇرۇپ ئەكېتىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىن بولغان ئاسقار 2017-يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى قازاقىستاندىكى خىتاي-قازاقىستان ئەركىن سودا رايونىدا چېگرا ھالقىپ بارغان خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى 12-ئايدا سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا جاسۇسلۇق جىنايىتىنى ئارتقان ۋە 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتاينىڭ چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغانلارنىمۇ ئۆز پۇقراسى قاتارىدا جازالىشى، يەنە كېلىپ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چەتئەلدىمۇ خالىغانچە ئادەم تۇتالىشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان. نۆۋەتتە ئاسقارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ياردەم سورىماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 591 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 01:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق