شى جىنپىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 7-يانۋار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ يىغىندا ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەزكۇر يىغىنغا شى جىنپىڭ ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن خىتاي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قاتارلىق بەش مۇھىم ئورگاننىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتكەن. ئارقىدىن سۆز قىلىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان.

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئىچكى ۋە سىرتقى جەھەتتىن تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ياخشى ھەل قىلغانلىقىنى، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى «كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈزۈمنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان.

خەۋەردە ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە باھا بېرىلىپ، ئۇنىڭ مۇستەبىتلىكى سەۋەبلىك خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشى، خوڭكوڭ نامايىشى قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئانالىزچىلار شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشى، ئۆزىنى ماۋزېدۇڭ بىلەن بىر قاتارغا تىزىپ تەشۋىق قىلىشى، شۇنداقلا ئىزباسارىنى تەيىنلىمەسلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر تەختتە ئولتۇرۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 570 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 01:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق