خىتايدا تارقالغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يېڭى تۈرلۈك ۋىرۇس ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى

 

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا بايقالغان يۇقۇملۇق كېسەلنى يېڭى تىپتىكى بىر خىل ۋىرۇسنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى دەلىللەنگەن.

يېقىندا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە 50تىن ئارتۇق كىشى نامەلۇم بىر خىل كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتايدا جىددىيچىلىك ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ بۇ ۋەقەگە دىققەت قىلغان. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ سارىس كېسىلى ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن بۇ كېسەللىكنىڭ بۇرۇن بايقىلىپ باقمىغان يېڭى بىر خىل تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئالاقىدار خادىملار بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ باشقا ۋىرۇسلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھازىرچە بۇ كېسەللىكنىڭ كىشىلەرگە ئاسان يۇقىدىغانلىقى دەلىللەنمىگەن، شۇنداقلا ئۆلۈش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. ئەمما بۇ ۋىرۇسنىڭ 2000-يىلى 700دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان سارىس كېسىلى بىلەن ئوخشاش رايوندىن تارقىلىشى سەھىيە خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 459 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق