قېچىپ چىققان خىتاي جاسۇسى ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىدى

بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىن ئاۋسترالىيەگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلىق تىلىگەن خىتاي جاسۇسى ۋاڭ لىچياڭ كۆپ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

ۋاڭ لىچياڭ بۇلتۇر 11-ئايدا ئاۋسترالىيەگە قېچىپ بېرىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە ئاۋسترالىيەدىكى تۈرلۈك مۇداخىلىسىنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇ بۇلتۇر مىننەتدارلىق بايرىمى مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەكلىكى، بولمىسا خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

گەرچە خىتاي كومپارتىيەسى ئۇنى جىنايەتچى دەپ ئېلان قىلغان ۋە تەھدىت سالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان.

ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە ئاۋسترالىيەدە ھېچقانداق چەكلىمىسىز ھالدا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، سىياسىي سەھنىدىكى غايەت زور مۇناسىۋەت تورىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەيۋەندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ياردەملەشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

نۆۋەتتە ۋاڭ لىچياڭ ئاۋسترالىيەدە پاناھلىق تىلەۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 616 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق