ئاۋسترالىيەدىكى ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەدە يۈز بەرگەن غايەت زور ئوت ئاپىتى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئاۋسترالىيە ھازىر ياز پەسلى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 41 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن. ئادەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبلىك تەبىئىي ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولسىمۇ، بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان دەرىجىدە كېڭىيىپ كەتكەن.

نۆۋەتتە ئوت ئاپىتى داۋاملىشىۋاتقىلى تۆت ئاي بولغان بولسىمۇ، پەسىيىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ھازىرغىچە تۆت ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 كىشى قازا قىلغان. ئۇندىن باشقا بىر مىلياردتىن ئارتۇق ھايۋانلارنىڭ ئۆلگەنلىكى مۆلچەرلەنگەن. كېنگۇرۇ، كوئالا قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنىڭ بىر قىسمى ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ياشاش مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

نۆۋەتتە ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان ئىس-تۈتەكلەر بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە يېتىپ بارغان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئوت ئاپىتىنىڭ قىسقا ۋاقت ئىچىدە پەسەيمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 12825 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 20:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق